ئىسسىق سۇ بىلەن سوغۇق سۇنى ئالماشتۇرۇپ يۇيۇنغاندا قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، يەنى ئىككى مىنۇت ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش، يەنە ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە سوغۇق سۇدا يۇيۇنسا بولىدۇ.
لۆڭگىگە مۇز پارچىسىنى ئوراپ يۈزگە يېرىم مىنۇت قويسا بولىدۇ.
يۈز-كۆز مۇسكۇللىرىنىڭ ھەركىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇرۇننىڭ ئۇچىغا قاراپ ئاندىن يىراققا تىكىلىپ قاراش كېرەك.
ئوڭدا يېتىپ باشنى بىر تەرەپكە قارىتىپ باش تېرىسىنى ئۇۋىلاپ بەرسە، باشنىڭ قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، چاچنى تېخىمۇ ساغلاملاشتۇرىدۇ.
كۈندە 15 مىنۇت سەيلە قىلىپ بەرسە، يۈرەكنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.
بويۇن ھەرىكىتى ئىشلەش: بويۇن ھەرىكىتىنى ئىشلەشتە ئالدى بىلەن ئىېڭەكنى كۆكرەككە تىرەپ، بويۇن مۈرە مۇسكۇلنى چىڭىتىپ ئاندىن بوشاشتۇرۇش لازىم. كېيىن بويۇن ئوڭ-سولغا 10~15 قېتىم ئېگىلدۈرۈلىدۇ، كۈچىگەندە ھەرىكەت سىلىق بولۇشى كېرەك.
قول بارماقلىرىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىككى قولىدا تېننىس توپنى تۇتۇپ 10~12 قېتىمغىچە قىسىش كېرەك.
ئىككى قولىنى باشتىن ئېگىز كۆتۈرۈش ھەرىكىتىنى 10 قېتىم ئىشلەپ بەرسە مۆرىنىڭ بوغۇم ۋە مۇسكۇللىرىنى بوشاشتۇرغىلى بولىدۇ.
نېرۋىلارنى بوشىتىش ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا كۈندە ئەڭ بولمىغاندا 15مىنۇت مۇزىكا ئاڭلاپ بېرىش كېرەك.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !