كىچىك قورساقنى يوقىتىش ئۇسۇللىرى

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > ئۇنۋىرسال >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2016-07-13 14:05:58

مەيلى ئېتىراپ قىلىڭ ياكى قىلماڭ, ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن قىزلارنىڭ تۈپتۈز قورساققا ئىگە بولالىشى ناھايىتى تەس. ھەر قانچە ئورۇق قىزلارنىڭمۇ كىچىك قورسىقى ئازدۇر-كۆپتۇر چىقىپ قالىدۇ. بۇ مەسىلە كىشىنىڭ ئىچىنى سىقىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىككە كىچىك قورساق چىقىپ قېلىش سەۋەبلىرى ۋە ئۇنى يوقىتىش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرىمىز. كىچىك قورساق چىقىپ قېلىشنىڭ بىرىنچى سەۋەبى دائىم ئولتۇرىۋېلىش. ھاياتلىق ھەرىكەتتىن ئايرىلالمايدۇ. ئەگەر ھەرىكەت قىلىشنى ياقتۇرماي دائىم ئولتۇرۇۋالسىڭىز, ئۇنداقتا كاسسىڭىزغا ياغنىڭ يىغىلىپ قېلىشىدىن سىرت, قورسىقىڭىزنىڭمۇ ئاسانلا سەمرىپ كېتىشىدىن ئېھتىيات قىلىڭ.

 بولۇپمۇ ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرگەن, ھەتتا ئولتۇرۇپ ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك يېگەچ تورغا چىققان ۋاقتىڭىزدا, قوبۇل قىلغان ئېنېرگىيە ۋە قەنت تەركىبلىرى ياغقا ئايلىنىپ يىغىلىۋالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن, دائىم ئولتۇرۇۋالماسلىق, ئولتۇرىۋالغان تەقدىردىمۇ كىچىك قورساقنى يىغىشنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. يول يۈرگەن ۋە ئۆرە تۇرغان ۋاقىتلاردىمۇ قورساقنى يىغىش كېرەك. گەرچە بۇنداق قىلىش جاپالىقراق بولسىمۇ, لېكىن بۇ ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋالغاندىن كېيىن, كىچىك قورسىقىڭىزنىڭ كىچىكلىگەنلىكىنى بايقايسىز. كىچىك قورساق چىقىپ قېلىشنىڭ ئىككىنچى سەۋەبى ئۆزىگە بەك چوڭ بېسىم قىلىش.

 ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر غايەت زور بېسىمغا دۇچ كەلسە زىيادە كۆپ نەرسە يېيىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولىدۇ ياكى دائىم بەك تويۇنۇپ غىزالىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىلىپ-بىلمەيلا, قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىق مىقدارى كىچىك قورساقتىن ئىبارەت ياغ ئاسان يىغىلىۋالىدىغان بۇ ئورۇننى سەمرىتىۋېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن, كەيپىياتنى تەڭشەش ھەممىدىن مۇھىم. ئەمەلىيەتتە بېسىمنى بىر نەرسە يېيىش ئارقىلىق يەڭگىللەتكىلى بولۇشى ناتايىن. ئەگەر زىيادە كۆپ يېيىشنىڭ ئورنىغا ھەرىكەت قىلسىڭىز, ئۆزىڭىزنى بېسىمدىن خالاس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ساغلاملىققىمۇ ئېرىشەلەيسىز. بەزىدە بېسىمنى ئۆزىمىز ئاشۇرۇۋېتىمىز. شۇڭا كەيپىياتنى تەڭشەش ھەممىدىن مۇھىم. بەزى ۋاقىتلاردا, تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىشنى ئۆگىنىشمۇ بېسىمنى يەڭگىللىتىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. كىچىك قورساق چىقىپ قېلىشنىڭ ئۈچىنچى سەۋەبى ئولتۇرۇش قىياپىتى توغرا بولماسلىق. ئەمەلىيەتتە, ئەگەر ئولتۇرۇش قىياپىتى توغرا ۋە رۇس بولمىسا, داس سۆڭىكىنىڭ ئالدىغا قىيسىيىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا, تاشقى كۆرۈنۈشتىن قارىغاندا گەرچە كاسسا كۆتۈرۈلۈپ تۇرسىمۇ, لېكىن بەل ئالدىغا ئىتتىرىلىدۇ. يەنە دائىم بەل تېلىپ ئاغرىش تەڭ بولىدۇ. 

شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا كىچىك قورساقنىڭ چىقىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ خىزمەتچىلەر ئۇزۇن مەزگىل ناتوغرا قىياپەتتە ئولتۇرسا, ياغ يىغىلىپ قېلىشتىن سىرت, كىچىك قورساق ئوڭايلا سەمرىپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن, تىك ئولتۇرۇش قىياپىتى ئاساسىدا, يۇقىرى بەدەننى سولغا قىيسايتىپ, بۇ ھالەتنى 15 سېكۇنت ساقلاش, ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە ئوڭغا قىيسىيىش كېرەك. بۇ ھەرىكەتنى ھەر قېتىمدا 30 نۆۋەت تەكرارلاپ, كۈنىگە 3~1 قېتىم ئىشلەشنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرسا, قورساقنى كىچىكلىتىش, يوتىنىڭ سىرتقى قىسمى ۋە بەلدىكى ياغنى ئازايتىشتا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. كىچىك قورساق چىقىپ قېلىشنىڭ تۆتىنچى سەۋەبى چوڭ تەرەتنىڭ ۋاقتىدا قىلىنماسلىقى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چوڭ تەرەت راۋان بولماسلىقتەك باش قېتىنچىلىقى بار. چوڭ تەرەت ۋاقتىدا قىلىنمىسا, گەندە تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلار بەدەنگە يىغىلىپ تېرىنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىپلا قالماي, يەنە كىچىك قورساقمۇ كۆرۈنەرلىك ھالدا چىقىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا, تەركىبىدە تالا ماددىسى مول يېمەكلىكلەرنى ۋە چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇشقا پايدىلىق كاربون-سۇ بىرىكمىلىرىنى كۆپرەك ئىستېمال كېرەك. سەھەردە ئاچ قورساققا بىر ئىستاكان مىنېرال سۇ ئىچكەنگە ئوخشاش, يەنە تەركىبىدە تالا ماددىسى بولغان قېتىق ئىچسە بەدەننى ناھايىتى ساغلام قىلىدۇ. ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى غىدىقلاش مەقسىتىگە يەتكۈزۈپلا قالماي, چوڭ تەرەتنىڭ راۋان ۋە تەرتىپلىك بولۇشىغىمۇ تۈرتكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە, قورساقنى چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى ئىشلەش ئارقىلىقمۇ ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. 

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • ئاياللار تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، يۈزىگە سەپكۈن چۈشىدۇ
  • جىنىسىي ئىقتىدار بىلەن يۈرەكنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
  • ئەركەكلىكنىڭ بەش خىل ئىپادىسى
  • ئاياللار تۇغۇتلۇق ۋاقتىدا، ئەرلەرنىڭ دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقى
  • شوخ كىشىلەر تېخىمۇ جەلپكار بولىدۇ
  • قەھۋەنى قانچىلىك ئىچكەندە ئۈنۈمى بولىدۇ؟ بۇنى گېن بەلگىلەيدۇ
  • ئەرلەرگە ياقىدىغان يېمەكلىكلەر
  • ئاياللار پىسخكىسىنى تەڭشەشتە...
  • ھەيز مەزگىلىدە باش يۇيۇشقا بولامدۇ؟
  • بىزدىكى يېڭى خۇراپات-ساغلاملىق مەھسۇلاتىغا قارىغۇلارچە ئىشىنىش
  • سېمىز ئادەم ئورۇقلىسا، مەستلىكى ئاسان يېشىلىدۇ
  • ئاياللار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنىڭ ئالتە چوڭ سەۋەبى
  • تېرىدىكى سېرىقلىقنى يوقىتاي دېسىڭىز...
  • قانداق ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ئادەمنى چارچاتمايدۇ؟
  • بالىنىڭ قانداق كەسپ تاللىشى گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىك
  • ئاياللارنىڭ كۆز يېشىنى قورال قىلىشىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان سورۇنلار
  • ئاياللار نېمىشقا داشقال ئەرلەردىن ئايرىلالمايدۇ؟
  • كىچىك قورساقنى يوقىتىش ئۇسۇللىرى
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • بالىلىق مەزگىلىدە ئانتىبىئوتىكلارنى كۆپ ئىشلەتكەننىڭ زىيىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سالامەتلىكنى ياخشىلاش چارىلىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، يۈزىگە سەپكۈن چۈشىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يانفوندا تورغا چىقسا، رادىياتسىيە تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • جىنىسىي ئىقتىدار بىلەن يۈرەكنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەركەكلىكنىڭ بەش خىل ئىپادىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار تۇغۇتلۇق ۋاقتىدا، ئەرلەرنىڭ دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نىمە ئۈچۈن قانچە ئالدىراش بولغانسېرى جىنسىي تۇرمۇشقا شۇنچە ئىنتىلىمىز؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • شوخ كىشىلەر تېخىمۇ جەلپكار بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەردىكى بەل ئاغرىش قانداق كېسەللىك ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قەھۋەنى قانچىلىك ئىچكەندە ئۈنۈمى بولىدۇ؟ بۇنى گېن بەلگىلەيدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنىڭ چىرايى ئېرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تاماكا چېكىشنىڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەرگە بولغان زىيىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەرگە ياقىدىغان يېمەكلىكلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تۈنىگەندە ئالما يەڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • تارىختىكى ئۇرۇشلاردا ئەڭ كۆپ مەغلۇپ بولغان دۆلەتلەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگو-رۇسىيە دېڭىزدا بىرلىشىش 2016 ھەربىي مانېۋىرى ھەقىقىي ئەسكەر باسقۇچىغا كىردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • چەتئەللىك ئىنژېنېر كەلگۈسىدىكى مودۇللاشتۇرۇلغان ئايروپىلاننى لايىھەلەپ چىقتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • قانۇنسىز قائىدىگە خىلاپ 4207 تور بېكەت تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكا 1 مىليون دانە سامسۇڭ Note7 يانفۇنىنى قايتۇرىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • چاۋشيەن ئۇران قويۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىندىستانلىق گۈزەل چولپان - دىيا مىرزا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىلارى «سالامەتلىك سەتچىلىكى» دىن كېيىن روھلۇق ھالدا قايتا پەيدا بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تەخمىنەن بىر مىليون 800 مىڭ مۇسۇلمان مەككىدە ھەج قىلماقتا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015