ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھەسەتخورلار ئاز ئەمەس، ھەسەتخورلار باشقىلار قولغا كېلىپ كەلتۈرگەن نەتىجە ۋە ئېرىشكەن بەختنى دەل ئۆزلىرىنىڭ بەختسىزلىكى دەپ بىلىدۇ، ئازابلىنىدۇ. ئۇلار ئۆز پىسخىكىسى بويىچە پىتنە+ئېغۋا تارقىتىش، تۆھمەت قىلىش ۋاستىسى ئارقىلىق باشقىلاردىن ئاچچىقىنى چىقىرىۋالىدۇ، باشقىلارنى كەمسىتىدۇ، ئۆزىنى يۇقىرى چاغلايدۇ. ئۇلار شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ھەسەتخورلۇق قىلىش ئىناق كىشىلىك مۇناسىۋىتىنى بۇزۇپلا قالماستىن، سالامەتلىككە زىيانلىق بولغان بىر خىل روھىي كەيپىيات ھېسابلىنىدۇ.
ۋەتىنىمىز تېببىي ئىلمىدە خېلى بۇرۇنلا ھەسەتخورلۇقنىڭ زىيىنىغا نىسبەتەن تونۇش ۋە چۈشەنچە بولغان. «ئىچكى دەستۇر»ىدا ئېنىق قىلىپ بارچە كېسەللىك خاپىلىقتىن پەيدا بولىدۇ، دەپ يېزىلغان. ھازىرقى زامان تېببىي ئىلمىنىڭ قارىشىچە، ھەسەتخورلۇق بىر خىل ئازابلىق، چىدىغىلى بولمايدىغان كەيپىيات ئىنكاسى بولۇپ، ئۇ زەردىسى قايناش، ئۆچمەنلىك قىلىش، روھى چۈشۈش، باشقىلارغا زوقلىنىش قاتارلىق مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان ھېسسىي ئامىل بولۇپ ئىپادىلىنىدىكەن. ھەسەتخورلۇق نوقۇل ھالدىكى پاسسىپ تەتۈر روھىي كەيپىياتنىڭ ئىنكاسى ئىكەن. نورمال ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەسەتخورلۇق بىرخىل نىسبەتەن كۈچلۈك پىسخىكىلىق ھالەت ۋە پىسخىكىلىق بېسىم بولۇپ، كۆپ شەكىللىك پىسخىكىلىق ئىنكاسلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەسەتخورلۇق ئادەمنىڭ بۆرەك ئۈستى بېزىنىڭ سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى كۆپەيتىش، نەپەس ئېلىش، يۈرەك سوقۇشنى تېزلىتىۋېتىش، قان بېسىمىنى يۇقىرى ئۆرلىتىۋېتىش، گېلىكوگېننىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش قاتارلىق بىر قاتار فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدىكەن. ھەسەتخورلۇق ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشسا ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ قابىلىيىتىنى، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ ھەر خىل كېسەلگە دۇچار قىلىدىكەن. چەتئەل تىببىي ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆزىتىپ بايقىشىچە، ھەسەتخورلۇق قىلغان كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تاماق ھەزىم قىلىش قابىلىيىتى ناچار بولۇپ، ئۇلاردا كۆڭلى ئېلىشىش، باش ئاغرىش، يۈرىكى سىقىلىش، بالدۇر قېرىپ كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن.
ساغلام روھى تازىلىق ھالىتىنى ساقلاش ھەسەتخورلۇقتىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنىڭ مۇھىم ئامىلى. دۇنيا روھى سەھىيە ئىلمىي جەمىيىتىدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، روھى ساغلام بولۇشىنىڭ ئىپادىلىرى مۇنداق بولىدىكەن بىرىنچىسى، بەدەن، كەيپىيات، ھېسسىيات،قابىلىيەت، ئىرادە، تىل، ھەرىكەت جەھەتلەردە ماسلىشالايدىغان خاراكتېرگە ئىگە بولۇش؛ ئىككىنچىسى، ئىجتىمائىي تۇرمۇش مۇھىتىدا باشقىلارغا ئۆز ئارا ئۆتۈشنى بىلىش،ماسلىشىشچانلىقق كۈچلۈك بولۇش؛ ئۈچىنچىسى، ئۆزىنى بەختلىك ھېسابلاش، ئىشەنچلىك بولۇش؛ تۆتىنچىسى، خىزمەت ۋە كەسىپتە تەدبىر قوللىنىپ ئۆز قابىلىيىتى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئادەتتە ئىدىيىۋى تەربىيىلىنىش كۈچەيتىلسە ۋە ئىدىيىۋى ئىرادىنى چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلسىلا ھەسەتخورلۇقتىن ساقلانغىلى ۋە ئۇنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !