گۈزەللىككە ھەممە ئادەم ئىنتىلىدۇ, كىچىك قىزچاقلارمۇ چىرايلىق بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ, بەزىدە ئاپىسىنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئايىغىنى كىيىۋىلىپ, بۇ خىل تۇيغۇنى ھېس قىلىپ باققۇسى كېلىدۇ. ئاياللارنىڭ گۈزەللىكنى قوغلىشىشىنى توسىيالمايسىز. ئ
ۇنداقتا قايسى خىلدىكى ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى تاللىغاندا راھەتلىك ھېس قىلغىلى بولىدۇ?
1. ئەگەر سىز نازۇك كىيىنىشنى ياخشى كۆرسىڭىز ئىنچىكە پاشنىلىق ئاياغنى تاللاڭ.
ئەگەر باشقا نۇسخىدىكى ئاياغنى تاللىماقچى بولسىڭىز پاشنىسى سەل پاكارراقنى تاللىسڭىز بولىدۇ, ئاياغ چوقۇم دەل كېلىشى كېرەك, ئاياغنىڭ راھەت بولۇشى ھەممىدىن مۇھىم.
2.پاشنىسى قانچە توم بولسا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ,
توم پاشنىلىق ئاياغ گەرچە ئىنچىكە پاشنىلىق ئاياغدەك نازۇك كۆرۈنمىسىمۇ, ماسلاشتۇرۇپ كىيسىڭىزلا ئوخشاش چىرايلىق كۆرىنىدۇ.
3. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە تور پايپاق كىيمەسلىك كېرەك.
پەقەت تاپان بىلەن ئاياغنىڭ يۈزى بىۋاسىتە تېگىشىپ تۇرغاندا ئاندىن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغدا بىخەتەر ماڭالايسىز.
4. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە ئۆزىڭىزگە ئىشىنىپ قەددىڭىزنى رۇسلاپ مېڭىڭ,
قورققاندەك ماڭسىڭىز, سىزنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندىكى سالاپىتىڭىزگە تەسىر يېتىدۇ, يول ماڭغاندا قولىڭىزنى سېلىپ ماڭسىڭىز تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشىڭىزغا پايدىسى بار.
5. ئەگەر سىزنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى كىيىپ ئۆرە تۇرىدىغان ۋاقتىڭىز ئۇزۇن بولسا, يېنىڭىزغا تۈز پاشنىلىق ئاياغدىن بىرنى ئېلىۋېلىڭ.
يىغىنچاقلىغاندا, ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشتە, يەنىلا ئازادە ئىچىدىن ئېگىزلىتىلگەن ئاياغنى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ, بۇنداق بولغاندا بەدەن ھالىتىڭىزمۇ ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !