ئەنگلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى پادىشاھلىق ئىنىستىتۇتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە, ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ قانداق پەننى تاللىشى ئىرسىيەت گېنىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن, ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ كەلگۈسىدە قانداق كەسىپنى تاللىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
تەتقىقاتچىلار 6500 قوشكېزەكنىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىپ, ئۇلارنىڭ ئىختىيارى تاللىشى بىلەن ئۆگىنىش ۋە كەسىپتىكى مۇۋەپپەقىيەت ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن,شۇنىڭ بىلەن بىللە ,ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش يۆنىلىشى بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ كەسپىنى سېلىشتۇرغان.
نەتىجىدە بايقىلىشىچە, كونكرېت ئۆگىنىدىغان پەن تۈرلىرىنى تاللاش جەھەتتە, ئىرسىيەت ئامىلىنىڭ تەسىرى چوڭ بولغان يەنى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى پەنلىرى (ئىنگلىز تىلى, تىلشۇناسلىق, تارىخ, جۇغراپىيە) نى تاللاشقا ئىرسىيەت ئامىلىنىڭ تەسىرى %50 بولغان, STEM پەنلىرى (پەن-تېخنىكا, تېخنىكا, قۇرۇلۇش ۋە ماتېماتىكا) نى تاللاشقا بولغان تەسىرى %60 كە يەتكەن.
ئائىلە, مەھەللە ۋە مەكتەپ قاتارلىق مۇھىت ئامىللىرىنىڭ بالىنىڭ كەسپ تاللىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى نىسبەتەن كىچىك بولغان, ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى پەنلىرى ۋە STEM پەنلىرىگە بولغان تەسىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %18 ۋە %23 نى ئىگىلىگەن.
ئۇنىڭدىن سىرت, ئىرسىيەت ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان پەن دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ بولۇپ, ئۇلار ئىككىنچى تىل, ماتېماتىكا ۋە پىسخولوگىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تەتقىقاتچىلار مۇنداق كۆرسەتكەن: گېن ئىنسانلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ئارتۇقچىلىقىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەم كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق مائارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ, شۇڭا ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرۇلغان مائارىپ تېخىمۇ مۇھىم.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !