نۇرغۇن ئاتا–ئانىلار، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار بوۋاققا سۈت پاراشوكى تەڭشەپ بەرگەندە دائىم بىلىپ–بىلمەي سۈت پاراشوكىنى كۆپ سېلىۋېتىدۇ. بەزىلەر سۈت پاراشوكى قويۇق تەڭشەلسە بوۋاق قوبۇل قىلىدىغان ئوزۇقلۇق كۆپ بولۇپ، بوۋاقنىڭ قورسىقى ياخشى تويۇپ، كېچىسى ياخشى ئۇخلايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە سۈت پاراشوكىنىڭ قويۇق تەڭشىلىشى بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن زىيانلىق.
1. سۈت پاراشوكى بەك قويۇق تەڭشەلسە بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. سۈت پاراشوكىنىڭ قويۇق–سۇيۇقلۇقىنى تەڭشەش سۈت پاراشوكى تەركىبىدىكى ھەر خىل ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنىڭ نىسبىتى بىلەن بوۋاقنىڭ ئوزۇقلۇقنى سۈمۈرۈش، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدىغان بولۇپ، ئىلمىي ئاساسقا ئىگە. سۈت پاراشوكى قويۇق تەڭشەلسە بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىپ، تەرەت راۋان بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا بوۋاقنى ھەزىم يولى كېسەللىرىگە گىرىپتار قىلىدۇ.
2. سۈت پاراشوكى بەك قويۇق تەڭشەلسە قان كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قويۇق تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكى قاندىكى ناترىي، تۆمۈر، كالتسىي مىقدارىنىڭ نورماللىقىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە ناترىينىڭ قويۇقلۇقىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇۋېتىدۇ. قاندا ناترىي بەك كۆپ بولسا كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى دەخلى–تەرۇزغا ئۇچراپ، بويى پاكار بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بوۋاقنىڭ ناترىينى قوبۇل قىلىش نىسبىتى چوڭلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. قاندىكى ناترىينىڭ قويۇقلۇقى نورمال بولغان تەقدىردىمۇ، بوۋاق تېنىدە ناترىي توپلىنىۋەرسە نېرۋا سىستېمىسى ۋە بۆرىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
3. سۈت پاراشوكى بەك قويۇق تەڭشەلسە بوۋاقنىڭ سۇنى قوبۇل قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئازوتلۇق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۈت پاراشوكى بىلەن بېقىلىدىغان بوۋاقلارغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ تولۇقلاش ئىنتايىن مۇھىم. قويۇق تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكى بوۋاقنىڭ ئىشتىھاسىنى تۇتۇپلا قالماي، سۇ ئىچىش مىقدارىنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، سۈيدۇك مىقدارى ۋە قېتىم سانىنى ئازايتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۆرەكنىڭ يۈكى ئارتىپ، بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يېتىدۇ. قويۇق تەڭشەلگەن سۈت پاراشوكى يەنە بوۋاق قوبۇل قىلىدىغان ئاقسىلنى كۆپەيتىپ، سۇنى زىيادە ئازايتىۋېتىدۇ. ئاقسىل كاتابولىزمىدىن پەيدا بولىدىغان ئاقسىلسىز ئازوت ماددىسى قان پلازمىسىدا يىغىلىۋېلىپ، ئازوتلۇق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قىسقىسى، سۈت پاراشوكى تەڭشىگەندە ئورالمىسىغا يېزىلغان ئۆلچەم بويىچە تەڭشەشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىش، سۈت پاراشوكىنىڭ مىقدارىنى خالىغانچە ئاشۇرماسلىق ياكى كېمەيتمەسلىك كېرەك. تەڭشىگەندە ئاۋۋال ئىلمان قايناق سۇ قويۇپ، ئاندىن سۈت پاراشوكىنى سېلىش، تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن دەرھال بوۋاققا ئىچۈرۈش، بوۋاققا پات – پات ئۇسسۇزلۇق بېرىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا بوۋاقنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
ـــ ماتېرىيالدىن
مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-07/03/content_532497.htm
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !