بالىلار زۇكام بولۇپ قالغاندا ئاغزى تەمسىز بولۇپ قالىدۇ، بۇ چاغدا ئاتا-ئانىلار بالىلارغا تاتلىق نەرسە بېرىش ئارقىلىق ئىشتىھاسىنى ئاشۇرماقچى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۇسۇل خاتا. زۇكامدىن قىزىپ قالغاندا، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئاجىزلاپ كەتكەنلىكتىن، ھەزىم قىلىش فېرمېنتىنىڭ ئاكتىپلىقى تۆۋەنلەپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەرىكىتى ئاستىلايدۇ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىمۇ بىنورماللاشتۇرىدۇ-دە، ئىشتىھاغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو تېبابىتىدە ‹‹ تاتلىق نەرسە تالغا زەخىم يەتكۈزىدۇ›› دەپ قارىلىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا بالىلار تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ يېگەندە، ۋىتامىنلار كۆپ مىقداردا سەرپ بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقىدىكى شۆلگەي ئازلاپ، ئەكىسچە ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ. بولۇپمۇ تاماقتىن بۇرۇن تاتلىق نەرسىلەرنى كۆپ يېگەندە، شېكەر مىقدارى ئارتىپ كېتىدۇ-دە، قورساق ئاچمايدۇ، تاماقنى يېيەلمەي قالىدۇ.
ـــ ماتېرىيالدىن
مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-07/01/content_532408.htm
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !