بالىلار ئويۇنلىرى ۋە ساغلاملىق
ھاجى قۇربان
بالىلار ئويۇنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ئەقىل–پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز بالىلار ئويۇنلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ جىسمانىي ۋە مەنىۋى ساغلاملىقىنى ئاشۇرغان. بالىلار ئويۇنلىرى چاققانلىقنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، بەلكى ئويۇننىڭ باشلىنىشىدىن نەتىجىسىگىچە سەۋەب–نەتىجە مۇناسىۋىتى ھەققىدە جىددىي ئويلىنىش ۋە تېز قارار چىقىرىشتەك ئەقلىي ئىقتىدارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان. شۇڭا، ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى بالىلارنىڭ مەنىۋى ساغلاملىقىنى ئەقلىي بىلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
بۇرۇن يېزا–قىشلاقلاردىن شەھەرلەرگىچە بالىلار ئەتىگەندىن تارتىپ كەچكىچە ھەتتا كېچىلەپ بالىلار ئويۇنلىرى بىلەن مەشغۇل بولاتتى. بۇ جەرياندا بالىلارنىڭ ھەمكارلىق، ئىتتىپاقلىق، بىر–بىرىگە ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىنسانىي پەزىلىتى يېتىلىش بىلەن بىللە، ئۆز ئارا كۆيۈنۈش، بىر–بىرىنى يېتەكلەشتەك تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. بالىلار ئويۇنلىرى كۆڭۈللۈك بولغاندىن باشقا، كىچىكلەر چوڭلاردىن، ياشلار پېشقەدەملەردىن ئەدەپ–ئەخلاق، بىلىم ئىگىلەپ، بالىلارنىڭ جىسمانىيىتىنى چېنىقتۇرۇش بىلەن بالىلارغا نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىتىدۇ. تېلېۋىزورنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئومۇملىشىشى بالىلار ئويۇنلىرىنى بالىلار تۇرمۇشىدىن ئاستا–ئاستا يىراقلاشتۇرۇش نەتىجىسىدە، بالىلاردىكى كوللېكتىپ پائالىيەتنىڭ ئورنىنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈش، تورغا مەپتۇن بولۇش ئىگىلەۋاتىدۇ. بۇرۇن بالىلار مەكتەپتىن قايتقاندا ھەر خىل ئويۇنلارغا كىرىشىپ كەتكەچكە، ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكىنىنى بىلەلمەي قالىدىغان بولسا، ھازىر مەكتەپتىن قايتىپلا ئۆيىگە بېرىپ تېلېۋىزور ياكى تور دۇنياسىغا تىكىلىپ ئولتۇرىدىغان بولدى. بۇرۇن توپ–توپ بولۇپ ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ قىيقاس–چۇقان بىلەن ھەر خىل ئويۇنلارنى ئوينايدىغان يېزىلاردىمۇ مۇنداق مەنزىرىنى كۆرگىلى بولمايۋاتىدۇ. ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان مۆكۈ–مۆكىلەڭ ئويۇنى بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ئويۇن بولۇپ، بۇنىڭدا چاققانلىق، تېزلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئويۇندا ئىككى تەرەپ جىسمانىي جەھەتتە بەسلىشىپلا قالماي، بەلكى ئەقلىي جەھەتتە كەسكىن ئېلىشىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئويۇنلارنىڭ دائىم بولۇپ تۇرۇشى بالىلارنى جىسمانىي جەھەتتە تاۋلاپ، ئەقلىي جەھەتتە پىشىپ يېتىلدۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. مەكتەپلەردىكى توپ ئويناش، تەپكۈچ ئويۇنلىرى بالىلارنى ئەقلىي ھەم جىسمانىي جەھەتلەردە چاققان، سۈرئىتى تېز بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ–يېتىلىشىدە پايدىلىق رول ئوينايدىغان ھەر خىل ئويۇنلارنى بالىلارنىڭ قايتا تېپىۋېلىشى ئۈچۈن تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى مەخسۇس تۈرلەر بويىچە بالىلار ئويۇنلىرى مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بالىلارنى بالىلار ئويۇنلىرىغا يېتەكلەش لازىم. ئەگەر، بالىلارنى بالىلار ئويۇنىغا يېتەكلىگەندە بالىلاردىكى تېلېۋىزورغا، تورغا مەپتۇن بولۇشنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇغۇچىلار تېلېۋىزوردىن ئايرىلالماسلىقتەك تەنھالىقتىن يان تېلېفونغا مەپتۇن بولۇشتەك يەنە بىر خىل تەنھالىققا يۈزلەندى. ئەگەر بالىلار مەكتەپلەردە بالىلار ئويۇنلىرىغا جەلپ قىلىنسا، ئۇلارنىڭ تېلېۋىزور، تور، يان تېلېفون ئالدىدىكى ۋاقتىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەرگىلى بولمىسىمۇ، كۆپ قىسىم ۋاقتىنى مەنىۋى، جىسمانىي جەھەتتە ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرىدىغان جەريانغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا، مەكتەپلەرلا ئەمەس ئاتا–ئانىلارمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن پەرزەنتلىرىنى بالىلار ئويۇنلىرىغا يۈزلەندۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىم.
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !