گوللاندىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە, ئىككى ياشقا توشمىغان بالىلار ناۋادا ئانتىبىئوتىكلارنى كۆپ ئىشلەتسە, چوڭ بولغاندىن كېيىن گۈل چېڭى ۋە ھۆل تەمرەتكە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئېشىپ كېتىدىكەن.
ئۇتترېچت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 400 مىڭچە كىشىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن بايقىشىچە, ئىككى ياشتىن بۇرۇن ئانتىبىئوتىك ئىشلەتكەن تەكشۈرۈش ئوبيېكىتلىرىنىڭ ھۆل تەمرەتكە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى %41, گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى %56 ئاشقان.
ناۋادا تەكشۈرۈش ئوبيېكىتلىرى ئىككى ياشتىن بۇرۇن ئىككى تۈرلۈك ئانتىبىئوتىك ئىشلىتىپ باققان بولسا, بۇ خىل مۇناسىۋەت تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ سەۋەبىنى قىلچىمۇ چۈشەنمىگەن, ئۇلار ئېھتىمال ئانتىبىئوتىكلار ئىچكى ئەزا ھۈجەيرىلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋەتكەنلىكتىن, ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنولوگىيىلىك رېئاكسىيەسى ئاجىزلاپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن, دەپ قارىغان. تەتقىقاتچىلار 6-سېنتەبىر ياۋروپا نەپەس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ لوندوندىكى يىغىنىدا بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.
ئەنگلىيە برىستول ئۇنىۋېرسىتېتى بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلمى پروفېسسورى ئادام فېن ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا» گېزىتىگە مۇنداق دېگەن: بۇ تەتقىقات نەتىجىسى «ئانتىبىئوتىكنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىتىشنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئايان قىلىپ بەردى», ئانتىبىئوتىكلار تۈرى ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن مۇھىم, ياللۇغلىنىشنى يەڭگىللىتىدۇ, ئەمما زۆرۈر ۋاقىتلاردا ئىشلىتىش كېرەك.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !