ئامېرىكىلىق پىسخولوگلارنىڭ بايقىشىچە، ئاياللارنىڭ گۈزەل تۇرۇشى ئېرىنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇئامىلىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئېرى كەڭ قورساق، ئەپۇچان، كۆيۈمچان بولسا، خوتۇنىنىڭ چىرايى نۇرلۇق بولىدىكەن. ئېرىدىن ھە دېسىلا تىل ئاڭلاپ، تاياق يەيدىغان ئاياللارنىڭ چىرايى خۈنۈك ھەمدە سۇلغۇن كېلىدىكەن.
بىر ئىشلارنى باھانە قىلىپ داۋاملىق ئۆيگە قايتمايدىغان ئەرلەرنىڭ خوتۇنى ياداڭغۇ، ئاجىز بولىدىكەن. ئادەم ئۇزۇن مەزگىل جىددىي كەيپىيات، بېسىم ۋە ھەسرەت ئىچىدە ئۆتسە، روھىي چۈشكۈنلىشىپ، چىراي ئىپادىسى ئۆزگىرىپ ماغدۇرسىز بولۇپ قالىدىكەن.
ـــ ماتېرىيالدىن
مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-08/28/content_544600.htm
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !