نىكاھ بىر ئادەمنىڭلا دۇنياسى ئەمەس

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > نىكاھ-ئائىلە >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2016-01-14 02:47:49

/

نىكاھ بىر ئادەمنىڭلا دۇنياسى ئەمەس

ئاممىۋى سورۇنلاردا ئېرى ھەمىشە ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ يېڭى دوستلىرىغا پەخىرلەنگەن ھالدا «بۇ مېنىڭ مېھرىبان، چىرايلىق ئايالىم» دەپ تونۇشتۇراتتى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قارىشىپ قالاتتى.

بىر كۈنى بىر دوستى ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ نىكاھ جەھەتتىكى بەختسىزلىكىنى ۋايسىغىلى تۇردى، ئۇ ئېرىنىڭ ئۆيدە دېرىزىلەرنى دائىم ئىچىۋېتىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ ئۇنداق قىلىشنى خالىمايدىغانلىقى، ھەمىشە ئېرى بايقىمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دېرىزىنى ئوغرىلىقچەيېپىۋىتىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ئېرىنىڭ دائىم ئۆزىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.ئۇ جىمجىت ئولتۇرۇپ ھېچقانداق گەپ قىلماي، ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىدى، ئاندىن ئۇ دوستىنى كۇتۇپخانىسىغا باشلاپ كىردى. كۈتۈپخانىدا ناھايىتى يوغان بىر پارچە رەسىم ئېسىقلىق بولۇپ، ئارقا كۆرۈنۈشى شاڭخەينىڭ داڭلىق پۇتبول مەيدانى ئىدى. ئۇ ئۇنىڭ بىلەن ئېرىنىڭ بەختلىك بېقىشىپ چۈشكەن سۈرىتى ئىدى، دوستى ئۇنىڭدىن «سەن پۇتبولنى ياخشى كۆرەمسەن؟» دەپ سورىدى، ئۇ ئاستاغىنە «ياق، مەن پۇتبولنى ياخشى كۆرمەيمەن، پەقەت كىتاب ئوقۇش ۋە گۈل بېقىشنى ياخشى كۆرىمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ يەنە دوستىنى ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىگە باشلاپ كىردى، ئىشىكنى ئېچىۋىدى كۆز ئالدىدا ئىنتايىن قىزىقارلىق كۆرۈنۈش پەيدا بولدى، ئۆينىڭ ھەممىلا يېرىگە رونالدونىڭ رەسىمى ئېسىقلىق ئىدى. ھەتتا ياستۇق لۆڭگىسىدىمۇ پۇتبولنىڭ سۈرىتى بار ئىدى، ئۇنىڭ دوستى تېخىمۇ ھەيران قالدى، «سەن پۇتبولنى ياخشى كۆرمەيدىغان تۇرۇپ يەنە نېمىشقا ئۆيۈڭنىڭ ھەممە يېرىنى خۇددى پۇتبول مەيدانىدەك ياسىۋالدىڭ» دەپ سورىدى، ئۇ يەنىلا ئېغىر بېسىقلىق بىلەن «ئېرىم ياخشى كۆرىدۇ»دېدى. 

بۇ قېتىم ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:« ئويلاپ باق، بىر پۇتبول ئۈچۈن سەن بىلەن نۇرغۇن كېچە-كۈندۈزلەرنى بىرگە ئۆتكۈزگەن، نۇرغۇنلىغان بوران چاپقۇنلىق كۈنلەردە ساڭا ھەمرا بولغان ئەرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىش ئەرزىمدۇ؟» دېدى.

/

ئۇ قايسىبىر ھېكايىدە ئېتىلغان نىكاھ توغرىسىدىكى چۈشەنچىنى ئەسلەپ «نىكاھنىڭ غەلىبىلىك بولۇشى ھەر ئىككى ئادەمگە باغلىق، ئەگەر مەغلۇپ بولسا يەنە بىرەيلەننىڭمۇ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمايدۇ. دۇنيادا مۇتلەق بەختكە تولغان نىكاھ يوق، پەقەت چەكسىز كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتىن كېلىدۇ» دېدى. 

ئاشۇ كۈنى ئاخشىمى ئۇنىڭ دوستى بالدۇرلا دېرىزىلەرنى ئېچىپ، دېرىزە تۈۋىدە تۇرۇپ ئېرىنىڭ كېلىشىنى كۈتتى، ئىككىنچى كۈنى ئېرى ئىشقا ماڭىدىغان چاغدا ئۇنىڭ دوستى ئاخىرى ئېرىنىڭ ئۆزى ئۇزاقتىن بۇيان كۈتكەن تەبەسسۇمىنى كۆردى، ئاشۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېرىنىڭ كەينى-كەينىدىن ئەۋەتكەن بەش قېتىملىق قىسقا ئۇچۇرىنى تاپشۇرۋالدى، بۇنىڭ ھەممىسىلا ئوخشاش بىر سۆز يەنى «مەن سىزنى سۆيىمەن» يېزىلغان ئىدى. 

ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نىكاھتىكى مەغلۇبىيىتى قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرمىگەنلىكتىن ئەمەس، بەلكى نىكاھنىڭ ئەزەلدىن پەقەت بىر ئادەمنىڭ دۇنياسى ئەمەس ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىگەنلىكىدىن بولىدۇ. بىر ئايال ئېرىنىڭ خورەك تارتىشقا ماسلىشالماي يۈرۈپ ئادەتلىنىپ قالغاندىن كېيىن ئېرىنىڭ خورەك ئاۋازى بولمىسا ئوقۇيالمىغان دەرىجىگە بېرىپ قالىدۇ، مانا بۇ نىكاھ.  بىر ئەر ئايالىنىڭ تەتۈر، بىشەملىك ھەتتا سەۋەبسىز جېدەللىرىگە كۆنۈپ كېتىدۇ، مانا بۇ نىكاھ. نىكاھنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشى كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان، ئاشۇ ئىنچىكە ھالقىلارنىڭ ساقلانغانلىقىدا، نىكاھ پەقەت بىر ئادەمنىڭلا دۇنياسى ئەمەس. 

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • ھاياتنى كۆڭۈللۈك قىلغۇچى «بەش سۆزلۈك دەستۇر»
  • مەڭگۈ مۇلايىم بولۇڭ
  • ئەر-ئايال قانچە ئۇزاقتا بىر قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە مۇۋاپىق؟
  • سالامەتلىك توغرىسىدا ھېكمەتلەر
  • ئوقۇغۇچىلار ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يانفون ئوينىسا ئۆگىنىش نەتىجىسىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ
  • تېخى 20 ياشقا كىرمىگەن قىزلار
  • تۇرمۇشتا دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان ئادەتلەر
  • خورەكنى داۋالايدىغان مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلدى
  • بويتاقلار ئاسان سەمرىپ كېتىدىكەن
  • پۇتى كۈچلۈكلەرنىڭ مېڭىسى ساغلام بولىدۇ
  • ئۆي زىيادە ئىسسىق بولسا ئادەم ئاسان سەمىرىپ كېتىدۇ
  • مۇتەخەسسىلەر: تۇنجى كاپام تاماق ئەڭ مۇھىم، دېيىشتى
  • پاسسىپلىقنى تاشلاڭ
  • جىنسىي مۇناسىۋەتتە بەلنى ياخشى قوغداش كېرەك
  • ياڭاق ئەرلەرگە پايدىلىق ئىكەن
  • جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ پەيتى مۇۋاپىق تاللىنىش كېرەك
  • ئاياللار يانفونغا ئۇزاق قارىسا يۈزىگە دانىخورەك چىقىدۇ
  • ئامېرىكىلىقلار يېڭىچە ئورۇقلاش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلدى
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • نىكاھ بىر ئادەمنىڭلا دۇنياسى ئەمەس

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ھاياتنى كۆڭۈللۈك قىلغۇچى «بەش سۆزلۈك دەستۇر»

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • مەڭگۈ مۇلايىم بولۇڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەر-ئايال قانچە ئۇزاقتا بىر قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە مۇۋاپىق؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۆزئارا يول قويۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كۆز چارچىسا يىغلاپ بېرىش كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سالامەتلىك توغرىسىدا ھېكمەتلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئوقۇغۇچىلار ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يانفون ئوينىسا ئۆگىنىش نەتىجىسىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نىكاھتىن كېيىنكى مۇھەببەتنى ئۇنتۇپ قالماڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۈز يۇيىدىغان سۇغا ئازراق «ماتېرىيال» سېلىۋىتىڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئۇزاق ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈش ئۆمۈرنى قىسقارتىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تېخى 20 ياشقا كىرمىگەن قىزلار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • چاچ سوپۇنىنى توغرا تاللاش زۆرۈر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تۇرمۇشتا دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان ئادەتلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • خورەكنى داۋالايدىغان مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلدى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • جۇڭگونىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك دوستى قايسىلار؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئىران تۇتۇپ قالغان 10 نەپەر ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە خادىمىنى قويۇپ بەردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئوباما: ئامېرىكا ئىقتىسادى چېكىنىۋاتىدۇ دېگەنلەر ھېكايە توقۇۋاتىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • چەتئەلدىكى بايلارنىڭ ئۆزگىچە پۇل خەجلەش ئۇسۇللىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • سەئۇدى ئەرەبىستان كېيىنكى سۈرىيەگە ئايلىنىپ قالارمۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • «تۈرمىدىن قېچىش» فىلىمىنىڭ داۋامى ئىشلەنمەكچى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئىران: ئامېرىكا دېڭىز تەۋەلىكىمىزگە «دەخلى-تەرۇز» قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەپۇ سورىشى كېرەك

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • شىنجاڭلىق ئىككى نازىنىننىڭ ئوخشىمىغان تەقدىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كىم جۇڭئۇن: كىم بىزگە تەھدىت سالىدىكەن، ئىككىلەنمەستىن يادرو ھۇجۇمى قوزغايمىز

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015