شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
مەن تالاغا قارىمىدىم بەلكى ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىۋاتىمەن.
بەزى ئەرلەر تالاغا قارىغىنى ئېنىق تۇرۇپمۇ، تالاغا قارىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماستىن، ئۆزىنى پەقەت ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىۋاتىمەن دەپلا قارايدۇ، تۇرمۇشتا بۇ خىل ئەرلەرمۇ ئاز ئەمەس.
ئۆزۈمنى كونترول قىلالمىغانلىقتىن، ۋاقىتلىق ھاياجانلىنىپ قالدىم.
بۇنداق دەيدىغان ئەرلەر تالاغا قارىغۇسى كەلسىلا قاراۋېرىدۇ، ئىش تۈگىگەندىن كېيىن ئاۋۋالقىدەكلا "ئۆزۈمنى كونترول قىلالمىغانلىقتىن، ۋاقىتلىق ھاياجانلىنىپ قالدىم" دەپ يۈرىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزىمۇ ئاللىبۇرۇن تالاغا قاراپ قالغانلىقىنى بىلىدۇ.
مەن ئاكتىپ ئەمەس، ئاشنام مېنى ئازدۇرۇپتۇ.
ئۆزىڭىزنىڭ نىيىتى دۇرۇس بولسا باشقا ئاياللار سىزنى ئازدۇرغان تەقدىردىمۇ ھەرگىز ئېزىپ كەتمەيسىز، سىز ئازدۇرۇلمىدىڭىز، بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ ئازغۇسى بار، شۇڭا باشقىلار مېنى ئازدۇردى دېگەن باھانىڭىز ھەرگىزمۇ ئاقمايدۇ.
خىزمەت ۋە مائاش ئېھتىياجىدىن ئۆزۈمگە ئىگە بولالمىدىم.
بۇ باھانە كۆپىنچە ئەرلەرنىڭ ئىشلىتىپ كۆنۈۋالغان نەيرىڭىدۇر. بەزى تالاغا قاراپ قالغان ئەرلەر" مەن پەقەت خېرىدار بىلەن ئوينىشىپ باقتىم خالاس، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئويۇن، ئادەم بۇنداق قىلمىسا زېرىكىپ قالىدۇ، ئەمەسمۇ؟" دەيدۇ. ئاياللار ئەرلەرنىڭ "مەن بەك ئالدىراش، سىمېنا قوشۇپ ئىشلەپ خېرىدارلارغا ھەمراھ بولمىسام بولمايدۇ...." دېگەندەك گەپلىرىگە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك، چۈنكى بۇنداق ئەرلەر ئاسانلا تالاغا قاراپ قىلىدۇ.
بالىلىق بولماسلىق مېنىڭ خاتالىقىم ئەمەس، كىم سېنى تۇغمىسۇن دەپتۇ.
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ روھىي بېسىمى ۋە تۇرمۇش يۈكى ئېغىرلىشىپ كەتتى، شۇ سەۋەبتىن توي قىلغان نۇرغۇن ئەر خوتۇن كېچىكىپ بالىلىق بولۇشنى تاللاۋاتىدۇ، بەزى ئەرلەر يۇقىرىقى سەۋەبلەرنى باھانە قىلىپ تالاغا قارايدۇ.
كاماندىروپكىغا چىقىپ بەك زېرىكىپ كەتتىم.
كاماندىروپكىغا چىققاندا ئەرلەرنىڭ تالاغا قاراپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ، چۈنكى خوتۇننىڭ نازارىتى بولمىغانلىقتىن بۇنداق چاغلاردا ئۇلار خوتۇنۇم كۆرمەيدۇ دەپ، ئاسانلا تاپتىن چىقىدۇ.
مەن ئۇنىڭ بىلەن پەقەت ئوينىشىپلا قويىمەن، ئەمەلىيەتتە كۆڭلۈمدە سىزلا بار.
ئاياللار ئېرىنىڭ بۇنداق باھانىسىگە قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك، چۈنكى بىر كۆڭۈلگە بىرلا ۋاقىتتا ئىككى كىشىنىڭ سىغىشى مۇمكىن ئەمەس.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !