تويلىشىدىغانلار بەك قېرى ياكى بەك ياش بولماسلىقى، شۇنداقلا نىكاھ قىلىنغۇچى قىز بىلەن يىگىتنىڭ يېشى بىر- بىرىگە مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. توي قىلغۇچى قىز بىلەن يىگىت ئوتتۇرىسىدىكى ياش مۇناسىۋىتىنىڭ نۇرمال بولۇشىنى تەبئەت بەلگىلەيدۇ. تەبىئەتكە خىلاپ نىكاھ ئىشەنچلىك نىكاھ ئەمەس. ئىلىم ئەھلى ۋە تېۋىپلار نىكاھ ۋاقتىنى قىزلار ئۈچۈن 18- 30 ياش ئارىسىدا، يىگىتلەر ئۈچۈن 25- 37 ياش ئارىسىدا بولۇشىنى مۇۋاپىق دەپ قارايدۇ. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن قىزلار 19 ياشقا، يىگىتلەر 25 ياشقا يەتمەستىن بۇرۇن ھەم قىزلار 25 ياشتىن، يىگىتلەر 40 ياشتىن كېيىن بولغان نىكاھلار ۋاقىتسىز نىكاھدۇر، تويلاشقۇچى يىگىت- قىز ئوتتۇرىسىدىكى ياش مۇناسىۋىتىنى ئىلىم ئەھلى ۋە تېۋىپلار «قىز ئۆزىگە ئەر بولغۇسى يىگىتتىن ئالتە ياش ئەتراپىدا كىچىك بولۇشى لازىم، ئەمما 10 ياشتىن ئارتۇق پەرق مۇۋاپىق ئەمەس» دەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە ماس بولغان ياش تىپىدىكىلەر بىلەن نىكاھلىق بولۇڭ بۇنداق بولغاندا ئائىلىلەر ۋەيران بولمايدۇ، بالىلار يېتىم بولمايدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !