قانداق قىلغاندا تۇغۇتتىن كېيىن كۆپ قان كېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > نىكاھ-ئائىلە >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى : ADMIN       يوللانغان ۋاقىت : 2015-10-07 11:44:53

 

تۇغۇتتىن كېيىن كۆپ قان كېلىش ھامىلىدار ئاياللارغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدۇ. ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنمىسا قان كۆپ چىقىپ كەتكەندە شوك بولۇپ قېلىش، قان ئۇيۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ئالامەتلىرى يۈز بېرىپ، كېسەللىك ئەھۋالى يەنىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. نۆۋەتتە، تۇغۇتتىن كېيىن كۆپ قان كېلىش ئېلىمىزدىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، بۇنىڭ ھامىلىدار ئاياللارغا كەلتۈرىدىغان خەۋپى ئېغىر. نۇرغۇن ھامىلىدار ئاياللاردا تۇغۇتتىن كېيىنكى كۆپ قان كېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. تۇغۇتتىن كېيىن كۆپ قان كېلىشنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىش، بۇنىڭ ھامىلىدار ئاياللارغا كەلتۈرىدىغان خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، تۇغۇتتىن كېيىن كۆپ قان كىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 

1. تويدىن كېيىن بالىلىق بولۇش خىيالى يوق ياش ئەر-خوتۇنلار جەزمەن ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشى، بالىنى ئالدۇرۋېتىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىدا يەڭگىگەن ۋاقىتتا بالا ھەمراھى چاپلىشىپ قېلىش پۇرسىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. 

2. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تەكشۈرتۈش، ساقلىقنى ساقلاشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېغىر قان سېستىمىسى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ھامىلىدار بولۇشى مۇۋاپىق ئەمەس، بالىنى ۋاقتىدا ئالدۇرۋېتىشى زۆرۈر. جىگەر كېسىلى بار ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كېسىلىنى ئاكتىپلىق بىلەن داۋالىتىپ جىگىرىنى قوغدىشى كېرەك. 

3. ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە قان ئازلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئاز مىقداردا تۆمۈر ماددىسى بولغان دورىلارنى ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك. 

4. تۇغۇت جەريانى ئاستا ھەم بالىياتقۇسى كۈچسىزلىنىپ كەتكەن ئاياللارغا ھامىلىنىڭ مۈرىسى كۆرۈنگەندىن كېيىن، بالىياتقۇنى قىسقىرىتىش دورىسى بەرگەندىن باشقا، تۇغۇتتىن كېيىن ئاز مىقداردا بالىياتقۇغا ئۈنۈم بېرىدىغان دورىلارنى بېرىش كېرەك. مۇشۇ ئارقىلىق تۇغۇتتىن كېيىن قان كېلىشنى ئازايتقىلى بولىدۇ. 

5. تۇغۇر جەريانىنى كۆزىتىش، بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىش، جىددىي تۇغۇت يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش، تۇغۇت يولى يېرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۇغۇت قوبۇل قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق جىنسىي يول ئېغىر زەخىملىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 

6. تۇغۇتتىن كېيىن بالا ھەمراھىنى ئىنچىكە كۆزىتىش ئارقىلىق بالىياتقۇدا بالا ھەمراھى پارچىلىرى قېلىش تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدىغان بالىياتقۇ ئاجىزلىشىش ۋە تۇغۇتتىن كېيىن قان كېلىشنىڭ ئەدەپ كېتىشىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. ئادەتتە، تۇغۇتتىن كېيىن قان كۆپ كېلىش بالا تۇغۇلۇپ 24 سائەتتى كېيىن يۈز بېرىدۇ. مۇشۇ باسقۇچتا جىنسىي يولدىن قان كېلىشنى كۆزىتىش بىلەن بىرگە، بالا تۇغۇلۇپ ئىككى سائەتتىن كېيىن جىنسىي يولدىن قان كېلىش ئەھۋالىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمەسلىك، جىنسىي يولدىن قان كۆپ كەلسە، سەۋەبىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. 

7. بالا تۇغۇلۇپ 24 سائەتتىن كېيىن، ئاز ساندىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىدىن قان كېلىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ. بۇ تىببىيدا ئاخىرقى مەزگىلدىكى تۇغۇتتىن كېيىن قان كېلىش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاز كۆرۈلىدۇ. يۈز بەرگەن ھامان تۇغۇتلۇق ئايالغا ئېغىر خەۋىپ يېتىدۇ. كۆپ ھاللاردا بالىياتقۇغا سۇيۇلۇپ چۈشكەن پەردە قالدۇقلىرى چاپلىشىۋېلىپ، بالىياتقۇ تولۇق ئەسلىگە كېلەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تۇغۇت ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن يارا ئاغزى يۇقۇملىنىدۇ؛ يارا ئاغزى ئوبدان تىكىلمىسە، تۇغۇتتىن كېيىن قان كېلىش يۈز بېرىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش، ئىنچىكە تەكشۈرتۈپ سەۋەبىنى تېپىپ، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. 

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad

ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • يانفون رادىياتسىيەسىگە سەل قارىماڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۈرەك سوقۇشى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئائىلىدە ھەسەلدىن پايدىلىنىپ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بوۋاقلار ساغلاملىقى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قۇۋۋەت ئىچىملىكى قان بېسىمىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تۇرمۇش ساۋاتلىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ساغلاملىق بىلىملىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قىشتا قول-پۇتى ئاساس مۇزلايدىغان ئاياللار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئائىلىدە ھەسەلدىن پايدىلىنىپ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ۋە ئاياللار ساغلاملىقى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نورمال ئەرلەرنىڭ ئاشنىسى بىلەن توي قىلماسلىقىدىكى سەۋەبلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار قىشتا كۆز ئاسراشقا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلىدىڭىزمۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قېرىشنىڭ دورىسى چىقتى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بەزى كېسەللىكلەرنى چاي ئىچىپمۇ داۋالىغىلى بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى 20 دۆلەت گۇرۇھىغا يىڭى ھاياتىي كۈچ ئىلىپ كەلدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئوباما تېخىمۇ كۆپ مۇساپىر قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىش توغرىسىدىكى سۆزلەرگە رەددىيە بەردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • مۇساپىرلار «قۇربانلىق قوي» ئەمەس

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فىرانسىيە ساقچى تەرەپ بىلەن تېررورچىلار شىددەتلىك ئېتىشىپ كەتتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • پارىژ تېررورلۇق ۋەقەسىدىكى بومبا ھۇجۇمىنى قوزغىغۇچىنىڭ رەسىمى ئېلان قىلىندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • فىرانسىيەنىڭ بىر ئايروپىلانى بومبا تەھدىتىگە ئۇچراپ، قونۇشقا مەجبۇر بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئوباما APEC رەھبەرلىرى يىغىنىدا ما يۈن بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كۆزىتىش كامىراسىدا توققۇزىنچى ھۇجۇم قىلغۇچى پەيدا بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • سەئۇدىي ئەرەبىستاندىكى قار-يامغۇر 13 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015