شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
ئامېرىكىنىڭ «مۇداپىئە» ژۇرنىلىدىكى بىر ماقالىدە، ئەر خوتۇنلار ئارىسىدىكى بالىلىق چاغلىرىدا كۈلۈمسىرەپ سۈرەتكە چۈشىدىغانلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەن بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا شىتاتىدىكى دىپوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالىلىق دەۋرىدە دائىم كۈلۈمسىرەيدىغانلار تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن ئاسانلىقچە ئاجراشمايدىكەن. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بالىلىق دەۋرىدە كۈلۈمسىرەپ سۈرەتكە چۈشىدىغانلار، بولۇپمۇ قىزلارنىڭ خاراكتېرى ئاساسەن تەبىئىي بولۇپ، ئۇلار مۇھەببەتكە تېخىمۇ ئۈمىدۋار مۇئامىلە تۇتىدىكەن. بۇ ئىككى خىل خاراكتېر نىكاھنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق ئىكەن.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !