1. ئايالىغا ھەددىدىن ئارتۇق سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان ئەرلەر. ئايالىغا ھەددىدىن ئارتۇق سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ئاساسەن سىرتقا قاراپ قالىدۇ. چۈنكى ئاياللار ئائىلىدە ئېرىنىڭ ۋە غەمخورلۇقىغا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن بۇ خىل ئېھتىياجنى سىرتتىن ئىزدەپ، باشقا ئەرلەرگە تايىنىدۇ.
2. دائىم ئايالى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئەرلەر. دائىم ئايالى بىلەن ئايرىلىپ، بىللە تۇرغان ۋاقتىغا قارىغاندا ئايرىلىپ تۇرغان ۋاقتى ئۇزاق بولغان ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا پىكىرلىشىش ئاز بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئاياللار ئاسان سىرتقا قاراپ قالىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا بۇنداق ئايرىلىپ تۇرغان ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلمەيدۇ.
3. ئائىلىدە ئورنى يوق ئەرلەر. بەزى ئەرلەرنىڭ ئۆيدە ئابرۇيى تۆۋەن بولۇپ گېپى ئۆتمەيدۇ. بۇنداق ئاجىز ئەرلەر ئايالىنىڭ سىرتقا قارىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئائىلىدە بىر تەرەپ كۈچلۈك يەنە بىر تەرەپ بەك ئاجىز بولسا، بۇنداق ئائىلە ئاسان گۇمران بولىدۇ، شۇڭا ئائىلىدە ئەرلەرنىڭ ھۆرمىتى بولۇشى تولىمۇ مۇھىم.
«قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !