ئامېرىكا يۇتا ئۇنىۋېرسىتىتى تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ھازىرقى زامان كىشلىرىنىڭ 28 ياشتىن 32 ياشقىچە بولغان مەزگىلىدە توي قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى، بۇ ۋاقىتتا توي قىلغانلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭمۇ ئىنتايىن تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان.
تەتقىقاتچىلارنىڭ «ئامېرىكىدىكى ئائىلىلەرنىڭ ئىناقلىق دەرىجىسىنى مەملىكەت خاراكتىرلىك تەكشۈرۈش» سانلىق مەلۇماتىدىن بايقىشىچە، توي قىلىش يېشى بىلەن ئاجرىشىش ئارىسىدا مەلۇم دەرىجىدە U خەت شەكلى مۇناسىۋىتى بار ئىكەن. 28 ياشتىن 32 ياشقىچە بولغان ئارلىق U خەت شەكلىنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى ئورنى بولۇپ، مۇشۇ ياشتىن ئىلگىرى ياكى بۇ ياشتىن ئېشىپ توي قىلغانلار بولسا، ئاجرىشىپ كېتىش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن. 32 ياشتىن ئېشىپ توي قىلغانلارنىڭ بولسا، يىلنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئاجرىشىش نىسبىتى %5 تىن قوشۇلىدىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، تۇرمۇشتا مۇشۇ ياش مەزگىلىدىكى كىشلەر جورا ئىزدىسە ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەن، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا كىشلەرنىڭ تۇرمۇش، قىممەت قارشىمۇ تولۇق يېتىلىپ، نىكاھلىق تۇرمۇش مەسىلسىگە ئەقلىي تەپەككۇر بىلەن مۇئامىلە قىلىدىكەن.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !