بالىلىق بولۇش ۋە ساغلاملىق
ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان رېئاللىق شۇكى، بۈگۈنكى كۈندە بويتاق ياكى بالىلىق بولمىغان ئاياللار كۆپىيىپ كەتتى. بىراق ئەنگلىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ياۋروپادىكى ئون دۆلەتتە 300 نەچچە مىڭ ئايالنى 13 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى: «بىز تەكشۈرۈش داۋامىدا بالىلىق بولغان ئاياللارنىڭ ياتلىق بولمىغان ياكى بالىلىق بولمىغان ئاياللارغا قارىغاندا، بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنىڭ %20 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى، كۆپىنچىسىنىڭ راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىدۇق».
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «بىر بالىلىق بولغان ئاياللارنىڭ ياتلىق بولمىغان ياكى بالىلىق بولمىغان ئاياللارغا قارىغاندا، بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ %20 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ساغلام، تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولىدىغانلىقىنى بايقىدۇق؛ بىز يەنە بالىسىنى ئېمىتكەن ئاياللارنىڭ بالىسىنى سۈت پاراشوكى بىلەن باققان ئاياللارغا قارىغاندا، ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنىڭ يەنە %8 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى، بىراق تاماكا چېكىشتەك ناچار ئادەتنىڭ بۇ پايدىنى يوققا چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىدۇق».
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «ئىلگىرىكى تەتقىقاتنىڭ نەتىجىلىرى بالىسىنى بىر يىل ئېمىتكەن ئاياللارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %5 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى، ناۋادا ئېمىتكەن ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزاق بولسا، ئۇلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى، بالىنى ئېمىتىش ئاياللاردا ئانىلىق ھورمۇننى تۆۋەنلىتىدۇ، بىز ئانىلىق ھورمۇننىڭ راك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز، بىراق ھامىلىدار بولۇش ۋە بالا ئېمىتىش بۇ خىل ھورمۇننى ئازايتىدۇ».
ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !