مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى:«چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر بايقىغان ئەھۋالغا قارىغاندا، ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقنىڭ تېمپېراتۇرىسىدىن ئىككى گىرادۇس تۆۋەن بولىدىكەن، شۇڭا بەدەن تېمپېراتۇرىسى 37 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتسىلا ئۇرۇقدانغا زىيان يېتىدىكەن».
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى:«ئۇرۇقنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا ئەڭ باب تېمپېراتۇرا 35.6 گىرادۇستىن 36 گىرادۇسقىچە بولىدىغانلىقى ئاللىقاچان دەلىللەنگەن، شۇڭا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى ھورداق ئۇرۇقدانغا زىيان سېلىپ، ئۇرۇقنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا توسالغۇ بولىدىكەن، ھەتتا ئۇرۇقنى پۇچەكلەشتۈرىۋېتىدىكەن؛ بۇنىڭدىن باشقا، ھورداق پاسسىپ تەرلىتىش ئۇسۇلى بولغاچقا، ئۈنۈمى ئۆزى ھەرىكەت قىلىپ تەر چىقارغانغا زادىلا يەتمەيدىكەن، شۇڭا قۇرامىغا يەتمىگەن ئوغۇللار ھورداققا چۈشمىگىنى ياخشى».
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !