1. ماغدۇرسىزلىق: بۆرەك ئىقتىدارى ياخشى بولمىغاندا كۆپلىگەن كېرەكسىز ماددىلارنىڭ سۈيدۈكتىن چىقىپ كېتىشى تەسلىشىدۇ، روھسىزلىنىش، چارچاش، ماغدۇرسىزلىق قاتارلىق تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ. بۆرەكتە كېسەل بولسا ئاقسىل قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بۆرەكتىن ئېقىپ ئۆتۈپ، سۈيدۈك ئارقىلىق تەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ ھەم ماغدۇرسىزلىنىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. بەزى بىمارلار زىيادە چارچاپ كەتتىم ياكى باشقا سەۋەبلەر بار دەپ قاراپ، بۆرەكنىڭ مەسىلىسىگە سەل قارايدۇ.
2. تاماق يېگۈسى كەلمەسلىك: تاماق يېگۈسى كەلمەسلىك، تاماقتىن بىزار بولۇش، ھەتتا كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىقمارمۇ بۆرەك كېسىلىدە دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر. بەزى بىمارلار ھەمىشە ھەزىم قىلىش يوللىرى بۆلۈمى ياكى جىگەر بۆلۈمىدە كېسەل كۆرسىتىپ، ئاشقازان كېسىلى ياكى جىگەر كېسىلى بار يوقلىقىنى تەكشۈرتىدۇ، ئاشقان ياكى جىگەر كېسىلى بولمىسىلا بولدى قىلىپ قالىدۇ، بۆرەك كېسىلى دوختۇرىغا كۆرۈنۈشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، نەتىجىدە كېسەلنى ئارقىغا سۆرۈۋېتىدۇ.
3. سۈيدۈكتە كۆپۈك بولۇش: سۈيدۈكتە كۆپ بولۇشنىڭ سەۋەبى كۆپ خىل، بۇنىڭدا ئەگەر ئاقسىل بۆرەكتىن سۈيدۈككە چىقىپ كەتكەن بولسا، سۈيدۈكتە نۇرغۇن كۆپۈك بولىدۇ.
4. بەل ئاغرىش: بەلنىڭ ئورنى بەلنىڭ ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ ئىككى تەرىپىدە، شۇڭا بۆرەكتە كېسەل بولسا بەل ئاغرىدۇ.
5. سۈيدۈك ئاز ياكى كۆپ بولۇش: ساغلام كىشىلەر ھەر كۈنى تەخمىنەن 4-6 قېتىم كىچىك تەرەت قىلىدۇ، سۈيدۈك مىقدارى تەخمىنەن 800-2000 مىللىلېتىر بولىدۇ، ئەگەر سىيىش قېتىم سانى ۋە سۈيدۈك مىقدارى زىيادە كۆپ ياكى ئاز بولسا دىققەت قىلىش كېرەك.
6. سۇلۇق ئىششىق: سۇنى بەك كۆپ ئىچسە ياكى ئۇخلاش ۋاقتى زىيادە ئۇزۇن بولسا، سېمىز بولسا يۈز، كۆز، پاچاق قاتارلىق قىسىملاردا يېنىك دەرىجىدە سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلىدۇ، ئەگەر بۇ سەۋەبلىك بولمىسا بۆرەكتە مەسىلە بارمۇ يوق دېگەندىن گۇمانلىنىش كېرەك.
7. سۈيدۈك ئاقسىلى ۋە سۈيدۈك يوشۇرۇن قېنى: سۈيدۈكتە ئاقسىل ياكى يوشۇرۇن قان بولسا بۆرەكتە كېسەل بارلىقىنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى، سۈيدەك كۆرسەتكۈچىنى تەكشۈرۈپ باقساقلا ئېنىقلىنىدۇ. ئەمما بەزى چاغدا بۆرەك كېسىلىنى داۋالىمايدىغان دوختۇرلار بۇ نۇقتىغا سەل قارايدۇ، ئەڭ ياخشىسى كەسپىي بۆرەك كېسىلى دوختۇرىنى تېپىپ مەسلىھەت سوراش تەكلىپى بېرىمىز.
8. قان كەملىك: قان كەملىك بىمارلىرى دائىم قان تەكشۈرۈش بۆلىمىدە قان كەملىك كېسىلىنى كۆرسىتىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۆرەكنىڭ كېرەكسىز نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىش ئىقتىدارى بولغاندىن سىرت، يەنە ئىچكى ئاجرىتىش ئىقتىدارى بار، قان ئىشلەش ھورمۇنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بۆرەك زىيانغا ئۇچرىغاندىمۇ قان كەملىك پەيدا بولىدۇ.
9. دىيابېت كېسىلى: دىيابېت كېسىلى بۆرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دىيابېت سەۋەبلىك بولغان بۆرەك كېسىلى دېيىلىدۇ، دىيابېت كېسىلىنىڭ قوشۇمچە كېسىلى. دىيابېت مەنبەلىك بۆرەك كېسىلى بەش باسقۇچقا بۆلىنىدۇ، دەسلەپكى چاغدا داۋالىسا ئۈنۈمى ياخشى، مۇبادا كېچىكسە داۋالاش ناھايىتى تەس، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىشكە تەرەققىي قىلىپ كېتىدۇ. شۇڭا، دىيابېت بىمارلىرى چوقۇم بۆرەك كېسەللىرى بۆلۈمىگە كۆرىنىشى كېرەك.
10.يۇقىرى قان بېسىم: يۇقىرى قان بېسىم يۇقىرى قان بېسىملىق بۆرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم يۇقىرى قان بېسىم سەۋەبلىك بۆرەكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى دېيىلىدۇ، شۇڭا يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى كۆپ دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، بۆرەك كېسىلىمۇ يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قان بېسىمى ئەگەر يۇقىرىلاپ كەتسە، بۆرەك كېسىلى بولغان بولمىغانلىقىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
11.شامالداش، يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتالىق قان كېسىلى: شامالداش، يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتالىق قان كېسىلى قاندا سۈيدۈك كىسلاتاسى زىيادە كۆپ بولۇشتىن كېلىپ چىققان، قان سۇيۇقلۇقىدا سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى ئادەمدە سۈيدۈك كىسلاتا بۆرەكتە توپلىنىپ، بۆرەكنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
12.سۈيدۈك يولى ياللۇغلىنىش: دائىم سۈيدۈك يولى ياللۇغلىنىدىغان ئادەمدە، ۋاقىت ئۇزارسىلا بۆرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىقنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. مەن نۇرغۇن سۈيدۈك يولى ياللۇغلانغان بىمارلارنى كۆرگەن، دەسلەپكى باسقۇچتىكى داۋالاش ۋاقتىدا، تەلتۆكۈس بولمىغانلىقى، بۆرەك ئىقتىدارى ناچارلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن، ئاقىۋەت بايقىغان چاغدا ئەڭ ياخشى داۋالاش پەيتىنى ئۆتكۈزۈپ قويغان بولىدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !