ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ئوتتۇرا ياش ئەرلەر، بولۇپمۇ كەچتە تويۇپ تاماق يەيدىغانلار، ھاراق ئىچىپ ئۇخلايدىغانلار پۇتىنىڭ بوغۇملىرى قاتتىق ئاغرىپ ئويغىنىپ كەتسە ياكى ئاغرىغان ئورۇن قىزىرىپ ئىششىپ قالسا ۋە ياكى قىسمەن ئورۇننى باسسا ئاغرىق ھېس قىلسا، قىزىسا، ئۇ ھالدا يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر قان زەردابىدىكى سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ دائىملىق كۆرسەتكۈچى 100مىللىلىتىر/5 مىللىگرام بولسا، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى، دەپ دىئاگنوز قويۇشقا بولىدۇ.
يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، بىرىنچىدىن، يېمەكلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، تەركىبىدە پۇرىن كۆپ يېمەكلىكنى ئاز ئىستىمال قىلىش، مەسلەن: ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، غاز گۆشى، توخۇ گۆشى، بېلىق تۇخۇمى، ساردىنا بېلىقى، دېڭىز ئادەمگىياھى قاتارلىقلار. ئىككىنچىدىن، ھاراقنى ئاز، سۇنى كۆپ ئىچىش كېرەك.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !