ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ئەرلەر كۆپىنچە ئۆزىنى قاۋۇل، كۈچلۈك ھېس قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ ساغلام دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەرلەردە يوشۇرۇن بەش چوڭ ئاجىزلىق بار.
1. يۈرەك
كىلىنىكىلىق ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئەرلەرنىڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولۇپ بالنىستقا كىرىشى ئاياللارنىڭ7-10 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ كېسەل ئاساسلىقى ھەدىدىن زىيادە ماي قوبۇل قىلىش ۋە كۆپ مىقداردا تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خىزمەتنىڭ جىددىيلىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان تىت-تىت بولۇش كەيپىياتىمۇ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
2. جىگەر
سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلار ئىچىدە ئەرلەر ئاياللارنىڭ تۆت ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ. ئاساسلىق سەۋەبى ھاراق ئىچىش. ئۇندىن باشقا، يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەر جىگەرگە تولىمۇ پايدىسىز.
3. تۈز ئۈچەي
تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولىدىغان ئەرلەر ئاياللاردىن كۆپ. ئەرلەر ئادەتتە ئاياللارغا قارىغاندا مايلىق، ئاقسىللىق تاماقلارنى كۆپرەك يەيدۇ. تېببىي تەتقىقاتىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، سېللۇلوزا ماددىسى تولۇق بولغان يېمەكلىكلەر كەمچىل بولۇش بىلەن بىرگە ھەددىدىن ئارتۇق ماي ۋە ئاقسىل ئىستېمال قىلىش تۈز ئۈچەي راكىنى پەيدا قىلىشنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبى.
4. ئاشقازان
ئەرلەر ھاراق، قەھۋە ئىچىش، تاماكا چېكىشكە ئامراق. ئەرلەر تاماق جوزىسىغا كەلگەندە ئاچ بۆرىدەك يەيدۇ، دائىم تويغۇچە تاماق يەيدۇ. ھالبۇكى، ئەرلەر پۇخادىن چىققۇچە لەززەتلىنىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ قورسىقىدا ئاشقازان ئاغرىش، قۇسۇش، قان قۇسۇش... قاتارلىق قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى كۆرۈلىدۇ. تېببىي تەتقىقاتىنىڭ بايقىشىچە، ئەرلەردىكى ئاشقازان كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئاياللارغا قارىغاندا 6.2ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
5.مەزى بېزى
مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەرلەر 50ياشتىن كېيىن تەخمىنەن %60ئادەم مەزى بېزى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدىكەن. ئۇنىڭ سەۋەبى ئەرلىك ھورمون تۈرىدىكى سىتىرول ئاجرىتىشتىنڭ ئۆزگىرىشى بىلەن سۈيدۈك يولى ئەتراپىدىكى بەزلەرنى چوڭايتىۋېتىدۇ، چوڭىيىپ كەتكەن مەزى بېزى بېسىلىپ ياپىلاق بولۇپ قېلىپ، دوۋساقنى تېخىمۇ بېسىپ سۈيدۈك چىقىرىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
«مۇكەممەل ئەرلەردىن بولۇڭ» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !