كۆپلىگەن ھامىلىدارلار قورساقنى سىلاشنى بالىغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدۇ، بىراق مۇتەخەسسىسلەر ھامىلىدارلارغا تۇغۇت ۋاقتى يېقىنلاشقاندا قورساقنى كۆپ سىلىماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ. قورساقنى سىلاش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا ياكى قېتىم سانى كۆپ بولسا بالدۇر يەڭگىپ قويۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلدە قورساقنى كۆپ سىلىغاندا، ھامىلىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر يېتىپ، كىندىك يۆگىشىپ قىلىش، ھامىلە ئورنى توغرا بولماسلىق ھەتتا بالدۇر يەڭگىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن، بولۇپمۇ تۇغۇت ۋاقتى يېقىنلاشقاندا قورساقنى كۆپ سىلىسا، بالدۇر يەڭگىش خەتىرى كۆرۈلىدىكەن. شۇڭا ھامىلىدارلار قورساقنى كۆپ سىلىماسلىقى، كۈندە ئىككى~ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش مىنۇت ئەتراپىدا سىلاپ بېرىش كېرەك.
مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2015-12/17/content_481012.htm
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !