ئەمدىلا ئىشقا ئورۇنلاشقان چاغلىرىمدا ئىدارىمىزدە خىزمەتداشلار بەك ھۆرمەتلەيدىغان ئاكا يوللۇق بىر خىزمەتدىشىم بولىدىغان. ئۇ كەسىپچانلىقى، قەلىمىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، ئەتراپىدىكىلەرگە بولغان قىزغىن مۇئامىلىسى بىلەن بىزنى تولىمۇ قايىل قىلاتتى. بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە ئاشۇ خىزمەتدىشىمنىڭ خوتۇنى قاتناشقان سورۇنغا داخىل بولۇپ قالدىم. پاراڭ ئارىلىقىدا خىزمەتدىشىمنىڭ خوتۇنى ئېغىز ئېچىپ، ئېرىنىڭ تۈزەشتۈرۈپ يۈرمەيدىغانلىقى، ئۆي ئىشىغا قاراشمايدىغانلىقىدەك «بولۇمسىزلىق»لىرىنى ئېغزى-ئېغزىغا تەگمەي سۆزلەپ، «چېۋەر»لىكىدىن ماختاندى. بۇلارنى ئاڭلاپ، خىزمەتدىشىمنىڭ قەلبىمدىكى ئوبرازىغا قارا سۈرتۈۋاتقان بۇ ئايالغا باشقىچە قاراشتا بولغانىدىم.
ئەمەلىيەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەرلەرنىڭ ھەممە ئىشتا مۇكەممەل بولۇپ كېتەلىشى ناتايىن. مەشھۇر ئەرلەرنىڭمۇ شەخسىي تۇرمۇشىدا كەمچىلىكلەر بولىدۇ. بۇنداق مەسىلىدە ئاياللار ھە دېسىلا ئېرىنى سۆكمەي، يېتەرسىزلىكلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ھەمدەم بولۇشى كېرەك.
ئېرىڭىزنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاقە دائىرىسى بولىدۇ. ئۇلار ئارىسىدا ئېرىڭىزنى قوللايدىغانلارمۇ، قۇسۇر ئىزدەيدىغانلارمۇ بولۇشى مۇقەررەر. ئېرىڭىز توغرىسىدا جايىدا، قاملاشتۇرۇپ قىلغان بىر ئېغىز سۆزىڭىز ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئالدىدىكى ئوبرازىنى نۇرلاندۇرسا، قۇسۇر ئىزدەيدىغانلارغا دەككە بولۇشى مۇمكىن. ئەرلەر دائىم باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشنى ئويلايدۇ. سىز باشقىلارغا ئۇنىڭ نۇقسانلىرىنى قانچە كۈچەپ سۆزلىسىڭىزمۇ، ئۇلار ئۇنىڭ تۈزىتىۋېلىشىغا ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلاردا ئېرىڭىزگە نىسبەتەن كۆزگە ئىلماسلىق قارىشى پەيدا بولىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئۆزگەرتىشكە كۈچ چىقىرىڭكى، ھەرگىزمۇ بار كۈچىڭىز بىلەن ئۇنى سۆكۈش بەدىلىگە ئاچچىقىڭىزنى چىقارماڭ، چۈنكى ئېرىنىڭ ئابرۇيىنى ساقلىغان ئايال ئېرىنىڭ قەلبىدە ئۇلۇغ ۋە سۆيۈملۈكتۇر.
«قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !