شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
كۆپىنچە ئايال تويدىن كېيىنمۇ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىگە ھەسسە قوشىدۇ. ئۇلار كۈندە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى، بالا تەربىيىلەش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ چارچايدۇ. ئۇلار دەل مۇشۇنداق چاغلاردا باشقىلارنىڭ ئەتىۋارلىشىغا، كۆيۈنۈشىگە، كۈتۈشىگە ئېرىشىشنى ئويلايدۇ، ھەمدە ئېرى بىلەن يۈرۈۋاتقان چاغلىرىنى ئەسلەپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە ھەرقانداق ئايال ئەرلەرگە قارىغاندا بەكرەك ئېزىقتۇرۇشقا ئۇچرايدۇ، بىر چىرايلىق ئايالنى كىچىكىدىن تارتىپ چوڭ بولۇپ توي قىلغۇچە نۇرغۇن يىگىت قوغلىشىپ باقىدۇ، بەزى ئاياللار دەل شۇ چارچىغان ۋاقىتلىرىدا ئۆزىنى شۇ ئۆيگە بەنت قىلىنغاندەك، شۇ ئۆينىڭ قۇلىدەك ھېس قىلىپ، قەلبىدىكى ئېرىگە بولغان ياخشى كۆرۈش ھېسسىياتىنى بارا-بارا سۇسلاشتۇرىدۇ-دە، ئەينى چاغلاردا ئۆزىنى قوغلاشقان كېلىشكەن يىگىتلەرنى ئويلاشقا باشلايدۇ ھەمدە ئۇلارنى ئىزدەشكە ئۇرۇنىدۇ.
ئاياللارمۇ چۈشىنىش ۋە قوللاشقا موھتاج. لېكىن بۇنداق ۋاقىتتا ئېرى ئەڭ ياخشى ئوبيېكت بولالمايدۇ. ئەر-خوتۇن ئارىسىدىكى مۇھەببەت رېئال تۇرمۇشتا بارا-بارا سۇسلىشىپ بارىدۇ، ئۇلارنىڭ بىللە تۇرۇپ مۇڭدىشىدىغان ۋاقتى ئازىيىپ بارغاچقا، بىر-بىرىنى چۈشىنىش كەيپىياتىمۇ سۇسلىشىدۇ. ئاياللار ئادەتتە ئەرلىرىنىڭ يۇمۇرىستىك، ئىشچان ئەمەسلىكىدىن، ئۆزىگە غەمخورلۇق قىلمايۋاتقانلىقىدىن نارازى بولىدۇ، بۇ دەردىنى ئۇلار كىمگە ئېيتىدۇ؟ خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى بېسىمىنى كىم چۈشىنىدۇ؟ بەزى ئاياللار دەردىنى ئېيتىدىغان ئادەم تاپالماي ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىپ قويۇشى، يەنى بەزى ئاياللار بارلىقىنى بالىلارغا ئاتۋېتىپ، ئېرىنى ھېسسىيات جەھەتتە تاشلىۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئەر-ئاياللار بىر-بىرگە تۇرمۇش، خىزمەت، نىكاھ مۇناسىۋىتى، بالا تەربىيىلەش جەھەتلىرىدە يار-يۆلەك بولۇشى، چۈشىنىشى كېرەك.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !