نۇرغۇنلىغان كىشى دائىم ئاچچىقلىنىش ھەم كەيپىياتى ناچار بولۇش ئاسان كېسەل پەيدا قىلىپ، ئۆمرىنى قىسقارتىۋېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن ئەنگلىيەنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللارنىڭ مىجەزىنىڭ چۇس بولۇشى ئۆمرىنى قىسقارتىۋەتمەيدىكەن. ئەنگلىيە ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر 50 ياشتىن 69 ياشقىچە بولغان بىر مىليۇن ئايالنى ئون يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. نەتىجىدە خوشاللىق ۋە خوشاللىققا مۇناسىۋەتلىك ساغلاملىق كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆمۈر بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوقلۇقى مەلۇم بولغان. تەتقىقاتچىلار ئاياللارنىڭ مىجەزى چۇس بولۇش بىلەن جىددىيلىشىشنىڭ ئۆلۈم خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بايقىغان. لېكىن بۇ خىل ئەھۋال ئەرلەردە ئوخشاش بولمايدىكەن. چۈنكى كەيپىياتى ياخشى ئەمەس، مىجەزى چۇس ئەرلەر كۆپىنچە ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش سەۋەبلىك ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىپ، ئۆمرى قىسقىراپ كېتىدىكەن.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2015-12/25/content_483326.htm
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !