بەزى خانىم-قىزلار سەھەر ئويغانسىمۇ، قوپۇشتىن ئېرىنىدۇ. لېكىن بۇ ھالەت داۋاملاشسا، كىلىماكتىرىيە دەۋرى بالدۇر باشلىنىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئاياللاردىكى كىلىماكتىرىيە دەرۋرىنىڭ بالدۇر باشلىنىشى بېسىم ھەددىدىن زىيادە ئېغىر بولۇش، روھىي جىددىيلىك، ھەددىدىن زىيادە ئورۇقلاش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سەھەر تۇرماسلىق يەنە بەزىبىر يۇشۇرۇن كېسەللىكەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ: بەدەننىڭ بىئولوگىيەلىك قانۇنىيىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، پائالىيەتلەر نورمال قانۇنىيەت بويىچە بولغاندا، روھلۇق يۈرگىلى بولىدۇ، لېكىن دائىم سەھەر ئورنىدىن تۇرماي يېتىۋەرسە، بۇ قانۇنىيەت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.
چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەيدۇ. ئادەم ئۇخلىغاندا چوڭ مېڭە تورمۇزلانغان ھالەتتە بولىدۇ. ناۋادا سەھەر ئورنىدىن تۇرۇشقا ھورۇنلۇق قىلغاندا، چوڭ مېڭىنىڭ تورمۇزلىنىش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىپ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھەزىم قىلىش ناچارلىشىدۇ. سەھەر ئورنىدىن تۇرۇشقا ھورۇنلۇق قىلىدىغان كىشلەر دائىم ناشتا قىلمايدۇ، بۇ ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !