جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ پەيتى مۇۋاپىق تاللىنىش كېرەك

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > جىنسىيەت >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-31 01:21:17

جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ پەيتى مۇۋاپىق تاللىنىش كېرەك

/

  بىز دائىم «مۇۋاپىق پەيتتە، مۇۋاپىق ئىش بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك» دەيمىز. جىنسىي تۇرمۇشتا، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېلىدىغان لەززەتتىن تولۇق بەھرىمان بولۇش ئۈچۈن، پەيتنى مۇۋاپىق تاللاش ئىنتايىن زۆرۈر. جىنسىي مۇناسىۋەت پەيتى ۋاقىت، پەسىل ۋە كەيپىيات قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك .

1. سەھەردە، ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىشتىياقى كۈچلۈك بولىدۇ.

  كۆپ قىسىم ئەر–ئاياللار كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى 20 مىنوت ۋاقىت جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى، مۇناسىۋەتتىن كېيىن دەرھال ئۇخلاپ ھارغۇنلىقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراش ئىلمىي ئەمەس. بولۇپمۇ ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر كۈن پايپېتىك بولۇپ چارچىغاندىن كېيىن، كەچتە جىنسىي ھورمون سەۋىيىسى تۆۋەن، جىنسىي ھەۋىسىمۇ ئاجىزلىغان بولىدۇ. سەھەر ۋاقتى ئەرلەرنىڭ جىنسىي ھەۋىسى ئەڭ تولۇپ تاشقان ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى بىر كېچىلىك ئارام ئېلىشتىن كېيىن، ئەرلەرنىڭ جىسمانىي قۇۋۋىتى تولۇپ تاشىدۇ.

  زەكەرنىڭ سەھەردىكى تەبىئىي قايىم بولۇش ھالىتىمۇ ئازادە كەيپىياتتا جىنسىي مۇناسىۋەتنى تاماملاشقا تۈرتكە بولالايدۇ. ئەتىگەندە خىزمەتكە ئالدىرايدىغان خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا بولسا، دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ  سەھەر پەيتىنى تاللاپ، جىنسىي ئوبېكتى بىلەن بىرلىكتە جىنسىي مۇناسىۋەت لەززىتىدىن ئورتاق بەھرىمان بولۇشنى سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

2. تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدىن كېيىنكى ئاياللارنىڭ جىنسىي تەلىۋى كۈچلۈك بولىدۇ.

  تۇخۇم چىقارغاندىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋىسى ئۇرغۇيدىغان پەيتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئاياللار تېنىدىكى جىنسىي ھورمونلارنىڭ ئاجىرىتىلىشى يېتەرلىك بولۇپ، «جىنىسي يول تەلمۈرۈش» ھالىتى شەكىللىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەر تەرەپ جىنسىي ئوبېكتىغا جىنسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك سىگنال بەرگەندە، ئايال تەرەپ كۆپ ھاللاردا ئوڭايلا قوبۇل قىلىدۇ.  بۇ مەزگىلدە ئايال تەرەپ يەنە، تېخىمۇ يېتەرلىك جىنسىي پەللىگە يېتەلەيدۇ.

3. باھار پەسلىنىڭ ئاخىرى، ياز پەسلىنىڭ باشلىنىش مەزگىلىدە جىنسىي ھەۋەس كۈچلۈك بولىدۇ.

 پەسىلنىڭ ئالمىشىشى ئادەمنىڭ جىنسىي تۇرمۇش سۈپىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ: باھار پەسلىنىڭ ئاخىرى، ياز پەسلىنىڭ باشلىنىش مەزگىلىدە ھاۋا تېمپىراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئادەم تېنىدىكى ھەر قايسى ئورگانىزىملارنىڭ ماددا ئالمىشىش ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، جىنسىي ھەۋەسمۇ تەدەرىجى كۈچىيىدۇ. كۈز ۋە قىش پەسلىدە بولسا، ھاۋا تېمپىراتۇرىسى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، كىشىلەر جىنسىي مۇناسىۋەت رېتىمىنى نىسبەتەن ئازلىتىشى، جىسمانى كۈچ تولۇقلاپ، سوغۇقنىڭ ئادەم بەدىنىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش كېرەك. بولۇپمۇ پەسىل ئالماشقان مەزگىللەردە، كۈتىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، جىنسىي ھەۋەستىن ئۆزىنى تارتماق ئەۋزەلدۇر.

 

4. خۇشال كەيپىياتتا جىنسىي تۇرمۇشتىن تېخىمۇ بەھىرلەنگىلى بولىدۇ.

 كەيپىيات جىنسىي تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ناھايىتى مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ناچار كەيپىياتنى جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىغا ئېلىپ كىرمەسلىك كېرەك، ھەم شۇنداقلا، بۇ خىل ناچار كەيپىيات بىلەن قارشى تەرەپكە تەسىر كۆرسىتىش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولمايدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتە كەيپىيات بىر قەدەر تۇراقلىق، خۇشال پەيتنى تاللاش لازىم، شۇندىلا پۈتۈن زېھنى بىلەن كىرىشكىلى ۋە لەززەتتىن بەھرىمان بولغىلى بولىدۇ.    

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ پەيتى مۇۋاپىق تاللىنىش كېرەك
  • ئاياللار يانفونغا ئۇزاق قارىسا يۈزىگە دانىخورەك چىقىدۇ
  • ئامېرىكىلىقلار يېڭىچە ئورۇقلاش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلدى
  • سۆلەتۋاز قىز-ئاياللارنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار
  • بەزى يۇۋاش ئاياللار نېمە ئۈچۈن يولدىن چىقىپ كېتىدۇ؟
  • يىگىتلەر ئاسانلا ۋاز كېچىدىغان قىزلار
  • زىيادە ئەركە ئۆگىتىش بالىلارنى دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار قىلىپ قويىدۇ
  • ئەرلەردە بولۇشقا تېگىشلىك بەش خىل گۈزەللىك
  • ئاياللار كېسەل كۆرسىتىشتە كۆرۈلىدىغان يەتتە خىل ناتوغرا ئادەت
  • گۆشكە ئامراق ئاياللار ئاسانلا ئۈچەي يەللىكىگە گىرىپتار بولىدىكەن
  • جىنسىي ئىقتىدار مەسىلىسىگە دورا ئىشلىتىش ئىلمىيلىققا مۇھتاج
  • يىگىتلەر تەرىپىدىن ئەڭ ئاسان تاشلىۋېتىلىدىغان قىزلار
  • ئەڭ مۇۋاپىق توي قىلىش يېشىنى ئۆتكۈزۋەتمەڭ
  • تاماكىنىڭ جىنسىي ساغلاملىققا بولغان تەسىرى
  • يىگىتلەر مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا قانچە كۆپ ئۇچرىسا، پسىخىكىسى شۇنچە ساغلام بولىدۇ
  • خانىم–قىزلار ساغلاملىقىدىكى كۆرسەتكۈچلەر
  • سېمىز كىشىلەر مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، ھەرىكەت شەكلى ئىنتايىن مۇھىم
  • ئانار راستتىنلا يۈرەككە شىپالىقمۇ؟
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ پەيتى مۇۋاپىق تاللىنىش كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار يانفونغا ئۇزاق قارىسا يۈزىگە دانىخورەك چىقىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • روھى كەيپىياتنى كۆتۈرۈش ئۇسۇلى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بىيولوگىيەلىك سائەت قالايمىقانلاشسا...

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئامېرىكىلىقلار يېڭىچە ئورۇقلاش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلدى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • جىنسىي ھەۋەسكە كىم «ئىگىدارچىلىق» قىلىدۇ ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنىڭ مىجەزىنىڭ چۇس بولۇشى سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئېرىڭىزنىڭ ئەيىبىنى ئاچماڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سۆلەتۋاز قىز-ئاياللارنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بالىسىغا ئىزچىل قارىغان ئەرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقى ياخشى بولىدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بەزى يۇۋاش ئاياللار نېمە ئۈچۈن يولدىن چىقىپ كېتىدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يىگىتلەر ئاسانلا ۋاز كېچىدىغان قىزلار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • جىنسىيەت ئۇنچىۋالا جىق يۈكنى كۆتۈرەلمەيدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنىڭ مىجەزىنىڭ چۇس بولۇشى سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ساقلاش مۇددىتى توشۇپ قالغان تەييار چۆپنى يېمەڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • دۇنيانىڭ 2016-يىلىدىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئون چوڭ پەرەز

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكا ئانالىز تارماقلىرى: 2016- ئەنسىز بىر يىل بولۇشى مۇمكىن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كىچىكىپ توي قىلىش دەم ئېلىشى 23 كۈندىن 3 كۈنگە قىسقارتىلدىمۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • سەئۇدىنىڭ مالىيە قىزىل رەقىمى 100 مىليارد دوللارغا يېقىنلاشتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • بىز نېمە ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىمىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلار ئالدىدا، ياۋروپا ئىقتىسادى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • كەسپىي تىلەمچىلەرنىڭ يىللىق كىرىمى 300 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • پاكىستاندىكى بىر ھۆكۈمەت ئىشخانىسى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 22 ئادەم قازا قىلىپ، 37 ئادەم يارىلاندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى تۇنجى سۇ ئاستى ئېگىز بىناسىنىڭ لايىھەسى ئېلان قىلىندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015