جىنسىي ھەۋەسكە كىم « ئىگىدارچىلىق » قىلىدۇ ؟
ھەر بىر كىشىدىكى جىنسىي ھەۋەسنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى ئوخشاش بولمايدۇ، جۈملىدىن بىر ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان ياش قۇرام مەزگىلىدىكى جىنسىي ھەۋىسىدىمۇ كۆرۈنەرلىك پەرق بولىدۇ. جىنسىي ھەۋەس تۈرلۈك سەۋەبلەرنىڭ ئورتاق تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. تۆۋەندە جىنسىي ھەۋەسكە بىر قەدەر چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
⑴ دوپامىن قاتارلىق كۆپ خىل نېرۋا ئۆتكۈزگۈچ ماددىسى .
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نېرۋا فىزىئولوگىيىسى ساھەسىدىكى كەڭ كۆلەملىك تەتقىقات نەتىجىسىدە بايقىلىشىچە، كۆپ خىل نېرۋا ئۆتكۈزگۈچ ماددىلىرى (دوپامىن، 5-ھىدروكسى ترىپتوفان قاتارلىق) جىنسىي ھەۋەسنىڭ پەيدا بولۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. دوپامىن جىنسىي ھەۋەسنى قامدايدىغان ئەڭ ئاساسلىق نېرۋا ئۆتكۈزگۈچ ماددا بولۇپ، ئۇ بولمىسا ئادەمدە ھەر قانداق جىنسىي غىدىققا نىسبەتەن قىلچىلىك قىزىقىش قالماسلىقى مۇمكىن. ياشانغانلاردىكى جىنسىي ھەۋەسنىڭ تۆۋەنلىشىمۇ دوپامىن مىقدارىنىڭ كەمچىل بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
⑵ تېستوستېرون
تېستوستېرون ئەرلىك ھورموننىڭ بىر تۈرى بولۇپ، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ئۇ ئىزچىل تۈردە ئەر-ئاياللاردىكى جىنسىي ھەۋەسنى قامدايدىغان مۇھىم ھورمون، دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. ئەرلەردىكى ئۇرۇقدان، ئاياللاردىكى تۇخۇمدان، شۇنداقلا ئەر- ئاياللاردىكى بۆرەك ئۈستى بېزى بۇ خىل ھورموننى ئاجىرىتىپ چىقىرىدۇ. تەتقىقاتلاردا دىيىلىشىچە، بىر قىسىم ئاياللارنىڭ تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىگە كىرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن جىنسىي ھەۋىسى كۈچىيىدىكەن، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، بۆرەك ئۈستى بېزىنىڭ تېستوستېرون ھورمونىنى ئاجىرىتىپ چىقىرىشى ئاشىدىكەن. بۇ نۇقتا ئارقىلىق يەنە بىر قىسىم ئاياللاردا تۇخۇمدان ۋە بالىياتقۇنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىنمۇ يەنىلا نورمال جىنسىي ھەۋەسنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. ئەرلەر 20 ياش ئەتراپىدا جىنسىي ھەۋەسنىڭ يۇقۇرى پەللىسىگە يېتىدۇ، ئاياللاردا بولسا 35 - 40 ياش ئەتراپىدا پەللىگە يېتىدۇ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئاياللارنىڭ ياشلىق مەزگىلىدىكى تېستوستېرون سەۋىيىسى يەنى ئەرلىك ھورمون مىقدارى ئوخشاش ياشتىكى ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا بەك تۆۋەن سەۋىيىدە بولىدۇ .
⑶ مۇھىت ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىق تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرى.
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىزمەت بېسىمى، ھاراق-شاراپ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، بىر قىسىم دورىلارنى ئىستىمال قىلىش قاتارلىقلار جىنسىي ھەۋەسكە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىكەن .
⑷ ھىسيات ئامىلى .
40 ياشتىن بۇرۇن، ئاياللاردىكى جىنسىي ھەۋەس كۆپرەك ھىسسيات ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، 40 ياشتىن كېيىن بولسا، ئەر ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋەس دەرىجىسىدىكى پەرق ئۆز-ئارا يېقىنلىشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كەيپىيات ئامىلى بارا-بارا مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. ئاياللار ھەيىز كېسىلىش دەۋرىگە (كلېماكتېرىيە دەۋرى) كىرگەندىن كېيىن، جىنسىي ھەۋىسى ئىككى قۇتۇپلىشىشقا يۈزلىنىشى مۇمكىن. بىر قىسىم ئاياللاردا، جىنسىي ھەۋەس كۈندىن كۈنگە تىزگىنلىنىپ بارسا، يەنە بىر قىسىم ئاياللاردا ئەكسىچە بارغانسىرى كۈچىيىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ ئاساسلىق جىنسىيەت قارىشى ۋە پىسخىكا ئامىلىنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ.
يۇقارقىلاردىن باشقا، ئىلگىرىكى جىنسىيەت تەجرىبىسى، ئىجتىمائىي تەجرىبىسى، ئېرسىيەت ئامىلى، تەن سالامەتلىكى قاتارلىقلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە جىنسىي ھەۋەسكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ھېسابلىنىدۇ .
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !