ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
كىرئالغۇنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن: ئۇزاققىچە تازىلانمىغان كىرئالغۇ باكتېرىيە ئىشلەپچىقىرىدۇ، ھەتتا سوزۇلما ئۇرتىكارىيە كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى كىرئالغۇنىڭ تاشقى قېپى بىلەن يۇيۇش قېپى ئارىسىغا يىغىلىۋالغان ئەخلەت مىكروپ تارقىتىدۇ، شۇڭا كىرئالغۇنىڭ ياپقۇچىنى كىرىنى يۇيۇپ بولۇپ 30 مىنۇتتىن كېيىن يېپىش، ۋاقتىدا دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك.
ئىشخانىدا ئىشلىتىدىغان چاي ئىستاكانى: كومپيۇتېر قوزغىتىلغاندىن كېيىن تىنچ ئېلېكتىر مەيدانى ھاسىل قىلىپ، ئەتراپتىكى چاڭ-توزانلارنى ئۆزىگە تارتىدۇ، ئاندىن ئىسسىقلىق تارقىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چاڭ-توزان يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ، بۇ چاغدا ئاغزى ئوچۇق ئىستاكاندىكى سۇ مىكروبلىنىدۇ. شۇڭا ئىشخانىدا ياپقۇچلۇق ئىستاكان ئىشلەتكەن ياخشى.
چىلان چاي دەملىگەندە: چىلان تالنى قۇۋۋەتلەپ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ، قان تولۇقلاپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ. لېكىن بەزىلەر چىلان چاي دەملەش جەريانىغا سەل قارايدۇ. چىلاننىڭ پوستى ئاسان ئېرىمەيدۇ، شۇڭا چىلان شۇ پېتى دەملەنسە، چىلاندىكى تەركىبلەر ئېرىمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا چىلاننى پارچىلاپ دۈملەش كېرەك.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !