جىنسىي مۇناسىۋەت «مۇقەددىمىسى » خۇددى « ئىشتىھا ئاچقۇ يىمەكلىك» كە ئوخشايدۇ
زىياپەتلەردىن بۇرۇن، دەسلەپ تارتىلغان بىر قىسىم يىمەكلىكلەر ئادەمنىڭ تەم سەزگۈسىنى غىدىقلاپ، ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ، كيىن تارتىلغان نازۇ–نىمەتلەردىن قانغۇچە ھۇزۇر ئېلىشقا شەرت ھازىرلايدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەتتە، «مۇقەددىمە» نىڭ رولى خۇددى شۇ خىل ئىشتىھا ئاچقۇچى يىمەكلىكتەك، تەدرىجى ھالدا ئىككى تەرەپنىڭ قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جىنسىي تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىشىغا ئاساس سالىدۇ.
جىنسىي تۇرمۇش مۇقەددىمىسى سۆز–ئىبارە، قۇچاقلىشىش، سىيلىشىش، ئەركىلىتىش، سۆيۈشۈش قاتارلىق ھەركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىۋى قىسمى ھېسابلىنىدۇ. توغرا ئېلىپ بېرىلغان مۇقەددىمە، ئىككى تەرەپتىكى جىددىيلىشىش ۋە تەشۋىشلىنىش تۇيغۇسىنى يوقۇتۇپ، ئۆز ئارا روھى ئازادىلىك ھېس قىلدۇرىدۇ، ھەۋەسنى قوزغاپ، جىنسىي بەزلەر ئاجراتمىسىنى كۆپەيتىدۇ، جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىن تەييار ھالەتكە ئۆتۈپ، ئۈنۈملۈك ھالدا جىنسىي تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، جۈملىدىن جىنسىي پەللىگە يېتىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
بولۇپمۇ ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇقەددىمە بولمىغاندا، پىسخىكا نۇقتىسىدىن، ئۇلاردا بەلگىلىك خالىماسلىق تۇيغۇسى مەۋجۇت بولىدۇ؛ فىزىئولوگىيە نۇقتىسىدىن، جىنسىي يولدا ئاجرالمىلار يېتەرلىك بولمايدۇ، قۇرغاق ھالەتتە كىرگۈزۈش تەسكە توختايدۇ، ئۆزىدە ئاغرىش كېلىپ چىققاندىن باشقا يەنە، ئەر تەرەپنىڭ ھۇزۇرىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. گەرچە ئەرلەرنىڭ مۇقەددىمە باسقۇچىغا بولغان تەلىۋى ئۇنچە كۈچلۈك بولمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا مۇھىم دەپ قارىلىدۇ. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەرگە نىسبەتەن، زەكەرنىڭ قايىم بولۇش ئىقتىدارى بۇرۇنقىدەك تېز بولمىغان شارائىتتا، مۇقەددىمە باسقۇچى ئارقىلىق زەكەرنىڭ يېتەرلىك قايىم بولىشىغا شارائىت ھازىرلىغىلى بولىدۇ.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئەگەر مۇۋاپىق بولمىغان مۇقەددىمە ئۇسۇللىرى قوللىنىلسا، كۆزلىگەن قوزغاتقۇچ مەقسىتىگە يېتەلمەيلا قالماي يەنە، ئەكسىچە تەسىر كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن. مەسىلەن، بىر قىسىم كىنولاردا تەسۋىرلىنىدىغان «ھاراق ئارقىلىق ھەۋەسنى كۈچەيتىش» دىگەنلەرنى قوللىنىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، قوبۇل قىلىنغان ئىسپىرت مىقدارى ئېشىپ كەتسە، ئەرلەرنىڭ بەدەن كونتىروللىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، جىنسىي ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ قويۇشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن قايىم بولۇش قىيىنلىشىش، مەنى بالدۇر يۈرۈپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كېلىپ چىقىشى، ئۇرۇق سۈپىتىمۇ بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن.
ئەڭ مۇۋاپىق مۇقەددىمە، ئەر–ئايال ئىككى تەرەپنىڭ كۆرۈش سېزىمى، تېگىش سېزىمى، پۇراش سېزىمى، ئاڭلاش سېزىمىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ سېزىمغا بولغان تەلىۋىنى قاندۇرغان بولۇشى كېرەك. جىنسىي تۇيغۇ بېرىدىغان يارىشىملىق كىيىم كېچەك، يېقىملىق سىيلاش، ئالاھىدە خۇش پۇراق ۋە شېرىن مۇھەببەتلىك سۆز–ئىبارىلەر ئارقىلىق كۆڭۈللۈك جىنسىي تۇرمۇش كەيپىياتى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ، تەدرىجى ھالدا روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن تەييار ھالەتكە ئۆتكىلى بولىدۇ .
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !