ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىلەر يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: بالىلىق ۋە ياشلىق مەزگىلىدە زىققا ياكى گۈل چېڭى سەزگۈرلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ياش تۇرۇپلا سەمىرىپ كېتىش، قان بېسىمى ئۆرلەش ۋە قان ياغلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولمىقى ئوڭاي بولىدىكەن.
ئامېرىكىدا ئېلان قىلىنغان يەنە بىر تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئۈمىدۋارلىقنىڭ يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ ساقىيىشىغا بېرىدىغان پايدىسى ئاز ئەمەس، ئەمما ئۈمىدسىزلىك يۈرەك كېسىلى بارلارنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىنكى تۆت يىلدا كېسىلى ئېغىرلىشىش، ئوپېراتسىيىگە چۈشۈش ياكى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش خەتىرى نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولىدىكەن.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !