ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تېرىنىڭ قىچىشىشىنىڭ كۆپىنچىسى نورمال ھادىسە ھېسابلانسىمۇ، لېكىن يەنە بىر قىسىم ئاياللاردىكى تېرە قىچىشىش جىگەرگە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تىنىپ قېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ھامىلدار ئاياللار بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا ، ئۆت سۇيۇقلۇقى بەدەننىڭ مەلۇم جايلىرىغا تىنىۋېلىپ سىرتقا چىقىرىلماي قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىلدام تومۇرلارغا تىنىۋالغان ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ نېرۋىنى غىدىقلىشى بىلەن تېرە قىچىشىدۇ.
ھامىلدارلىق مەزگىلدىكى جىگەرگە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تىنىۋېلىش كېسەللىكىنىڭ تۆرەلمىگە بولغان خەتىرى ئىنتايىن ئېغىر. ئۆت سۇيۇقلۇقى بالا ھەمرىھىگە تىنىۋالغاندا بالا ھەمرىھىنىڭ تىۋىت ئارىلىقى تارىيىپ، بالا ھەمرىھىنىڭ قان ئېقىمى ئازلاپ، ئانا بىلەن تۆرەلمە ئوتتۇرىسىدا ماددا ئالمىشىش ۋە بالىنى ئوكسېگىن بىلەن تەمىنلەش تەسىرگە ئۇچراپ، بويىدىن ئاجراش، تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشى ئاستا بولۇش، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھامىلدارلىق مەزگىلدىكى جىگەردە ئۆت سۇيۇقلۇقى تىنىپ قېلىش كېسىلىنىڭ كلىنكىلىق ئىپادىسىدە تېرە قىچىشىدۇ. ئېغىر بولغاندا سېرىقلىق پەيدا قىلىدۇ. ئاز ساندىكى ئاغرىقلاردا يەنە ماغدۇرسىزلىنىش، ئىچى سۈرۈش، قورساق كۆپۈش قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا قىلىدۇ. ھامىلدار ئاياللار بۇنداق بېشارەت بولغاندا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !