شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نىكاھ مۇناسىۋىتى ئۇزاق داۋاملاشقانلارنىڭ سالامەتلىكى شۇنچە ياخشى بولىدىكەن. ئەكسىچە، ئاجرىشىش سالامەتلىككە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىكەن.
تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، توي قىلغان ئەرلەر ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلايدىغان بولۇپ، ئاياللىرى دائىم ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى رەتكە سېلىپ تۇرىدىكەن؛ توي قىلغان ئاياللار ئېرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى بولۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغان بولغاچقا، پىسخىكىسى تېخىمۇ ساغلام بولىدىكەن. شۇڭا نىكاھ تۇرمۇشى ئەرلەرگە سالامەتلىك ئېلىپ كەلسە، ئاياللارنىڭ روھىنى ساغلام قىلىدىكەن. ئەلۋەتتە، ھەممە نىكاھ تۇرمۇشى سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئەگەر نىكاھ تۇرمۇشى كۆڭۈللۈك، خاتىرجەم بولمىسا، يالغۇز ياشىغان ياخشى ئىكەن.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !