1. گازلىق ئىچىملىك، شەربەت ۋە باشقا شېكەر ماددىسى بار يېمەك-ئىچمەك. بۇ خىل ئىچىملىكلەر تەركىبىدە كۆپ مىقداردا شېكەر بولۇپ، بەدەندىكى يۇقۇملىنىشقا تاقابىل تۇرىدىغان ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىپ، ياللۇغلىنىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، زۇكام بولۇپ قالغاندا پېرەنىك، كەمپۈت قاتارلىقلارنى يېگەندە زۇكامنىڭ ساقىيىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شۇڭا زۇكام بولۇپ قالغانلار قايناق سۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىشى كېرەك ئىكەن.
2. سۈت مەھسۇلاتلىرى. زۇكام بولۇپ قالغاندا سۈت مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ يېگەندە بەلغەمنى كۆپەيتىۋېتىدىغان بولغاچقا، بۇ مەزگىلدە ئىمكان بار سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئاز يېيىش، ئەڭ ياخشىسى يېمەسلىك كېرەك ئىكەن.
3. ھاراق. كەمپۈتكە ئوخشاش ھاراقمۇ بەدەندىكى يۇقۇملىنىشقا تاقابىل تۇرىدىغان ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىغان، ھەتتا ياللۇغنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، زۇكامدىن كېيىن بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى كېچىكتۈرۈۋېتىدىكەن.
4. پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كاربون-سۇ بىرىكمىلىرى. پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كاربون-سۇ بىرىكمىلىرى قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدىغان بولۇپ، بەدەننىڭ ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىكەن.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !