ئۆزئارا يول قويۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ
ئاپتورى: ئابلىز ئوسمان يەركەندى
ئۆزئارا يول قويۇش ئىنسانلاردىكى گۈزەل ئەخلاق، شۇنداقلا كىشلىك ھاياتتىكى بىر خىل يۈكسەكلىكتۇر. گوگول مۇنداق دېگەن: دۇنيادا ئەڭ كەڭرى بولغىنى دېڭىز-ئوكيان، دېڭىز-ئوكياندىن كەڭرى بولغىنى بىپايان ئاسمان، ئۇنىڭدىمۇ كەڭرى بولغىنى ئادەمنىڭ قەلبىدۇر». شۇنداق، مۇرەككەپ ئەمما چەكلىك بولغان كىشىلىك ھاياتتا يول قويۇشنى بىلىدىغان ئادەم ھەر ۋاقىت خاتىرجەم ھەم خۇشال تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ. يول قويۇشنى بىلىش ئەر بولغۇچى ئۈچۈن بىر خىل مەرتلىك بولۇپ، كەم بولسا بولمايدىغان خىسلەت ھېسابلىنىدۇ. ئائىلە مۇناسىۋېتىدە، ھە دېسىلا ئەيبلەش ياكى ئاغرىنىشنىڭ ئورنىغا يول قويۇشنى ئادەت قىلىش لازىم. بۇ ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مېھىر-مۇھەببەتنى كۈچەيتىدۇ.
يول قويۇشنى بىلىش خوتۇن بولغۇچى ئۈچۈن بىر خىل نازاكەتلىكتۇر. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەر-خوتۇنلار تۈرلۈك زىددىيەت ۋە جېدەلدىن خالىي بولالمايدۇ. ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي چېچىلىش ياكى ئۇرۇشۇش بىھۇدە كۆڭۈلسىزلىك ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا ئاياللار سەۋرىچانلىق بىلەن يول قويۇش ئارقىلىق ئۆز مېھرىبانلىقنى نامايان قىلىپ، كەيپىياتىنى ياخشىلاشقا تىرىشىشى كېرەك.
ئۆزئارا يول قويۇش ئەر-خوتۇنلار قەلبىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مېھرى زەنجىرى.ئوخشاش بولمىغان ئائىلىلەردىن كەلگەن ئىككى كىشى ئۇچرىشىپ، تونۇشۇپ بىر ئائىلە قۇرىدۇ. نىكاھتىن كېيىن ھەر ئىككلىسىدە قارشى تەرەپ ياقتۇرمايدىغان بەزىبىر نۇقسانلار كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭغا توغرا قاراپ ئەپۇچانلىق بىلەن يول قويۇش پوزىتسىيىسى بىلەن چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش زۆرۈر. ئۆز ئارا ياخشى كۆرۈش ئۈچۈن چوقۇم ئۆز ئارا يول قويۇش زۆرۈر.
ئۆزئارا يول قويۇش ئاۋازسىز تەلىم-تەربىيىدىن ئىبارەت. بالىلاردا سەۋەنلىك كۆرۈلگەندە، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۆرسىتىپ بېرىش ئەپۇ قىلىش ئاچچىقلىنىش ياكى ئەيىبلەشكە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ، بالىلار قىيىنچىلىق ياكى ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا، ئۇلارغا كۆيۈنۈپ تەسەللى بېرىش ۋە يول كۆرسىتىش ئاغرىنىش ياكى كارى بولماسلىققا قارىغاندا ئۆزگىچە نەتىجە ئېلىپ كېلىدۇ، يول قويۇشقا ئېرىشكەن بالا سەۋەنلىكلىرىنى ئاسانلا تونۇيدۇ ھەمدە ئۇنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈزىتىدۇ.
ئۆزئارا يول قويۇش كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بىر لىرىك شېئىرىدۇر. ئۇنىڭ مەنىسى نوقۇل ھالدا ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئەپۇچانلىق ۋە كۆيۈنۈش بولماستىن بەلكى دۇنيادىكى بارلىق ھاياتلىققد نىسبەتەن يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن ئۇرغۇغان ھەقىقىي مۇھەببەتتىن ئىبارەتتۇر. دەل مۇشۇنداق يول قويۇش بولغاچقىلا، تۇرمۇش مەڭگۈ نۇرانىلىككە تولىدۇ، مېھىر-مۇھەببەت ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋام قىلىدۇ.
شۇڭا، يول قويۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. بۇ ئائىلىدىكى زىددىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئۆزئارا چۈشەنمەسلىك ۋە ئازارچىلىقلارنى تۈگىتىپ، ئائىلە ئەزالىرىنى تېخىمۇ مېھرىبان قىلىدۇ؛ بۇ بىھۇدە ئاچچىقلىنىش ۋە چېچىلىشنى يوق قىلىپ، ئائىلىگە باشقىچە ئىناقلىق كەلتۈرىدۇ، ئۇ كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى گۇمان، ئۆچمەنلىك ۋە قوپاللىقلارغا خاتىمە بېرىپ، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى كۈچەيتىپ، ھاياتقا تېخىمۇ گۈزەللىك بەخش ئېتىدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !