بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە زىيادە سەمىرىپ كەتسە، بالىدا تۇغۇلغاندىن كېيىن قان تومۇر دىۋارى قېلىنلاش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بالىنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى چوڭ بولىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولغان ۋە بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە ئېشىپ كەتكەن ئاياللارنى كۆزىتىش ئارقىلىق، ئۇلار يەڭگىگەن بوۋاقنىڭ قان تومۇر دىۋارىنىڭ نېپىز-قېلىنلىقىدا زور پەرق بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. يەنى بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولغان ھامىلدار ئاياللار يەڭگىگەن بوۋاقنىڭ قان تومۇر دىۋارىنىڭ نېپىزلىكى ئۆلچەمگە يەتكەن، بىراق بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە ئېشىپ كەتكەن ھامىلدار ئايال يەڭگىگەن بوۋاقنىڭ قان تومۇرى دىۋارى قېلىن بولغان. قان تومۇر دىۋارىنىڭ قېلىن بولۇشى بالىنىڭ كېيىنكى مەزگىلدە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى چوڭايتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلدارلار ئۆزى ۋە بالىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن بەدەن ئېغىرلىقىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىپ، زىيادە سەمىرىپ كېتىشدىن ساقلىنىشى كېرەك.
ــــ ماتېرىيالدىن
مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-08/10/content_540336.htm
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !