ئەرلەر دىققەت! ئايالىڭىزنى زامانىۋى «ساختا تۇل خوتۇن» قىلىپ قويماڭ

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > نىكاھ-ئائىلە >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2016-05-22 12:47:07

يالغۇز غىزالىنىش، يالغۇز بازار ئايلىنىش، بالىنىڭ ھالىدىن يالغۇز خەۋەر ئېلىش، بەزىدە يالغۇز ئۇخلاش. ئەمما بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىشىنى قىلىش، ئۇنىڭ غېمىنى يېيىش، بۇنىڭدىن ئەنسىرەش، يولدىشى بولسىمۇ، يالغۇز ئانىدەك تۇرمۇش كەچۈرۈش، بۇ ئازابلارنى زادى كىمگە ئېيتىش كېرەك؟

ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن «ساختا تۇل ئاياللار» بار.......

«ساختا تۇل ئاياللار» دېگەن نىمە؟ 

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ھەمراھى خىزمەت بىلەن ئالدىراش، سەھەر چىقىپ كېتىپ، كەچ كېلىدۇ، بىر كۈندە ئايالى بىلەن بالىسىغا ئېشىپ كەتسە ئىككى ئېغىز گەپ قىلا بەلكىم؛ بەزى ۋاقىتلاردا شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئۆيدە بولىدۇ، ئەمما قىلغان ئىشى پەقەت تاماق يېيىش، ئۇخلاش، تېلېۋىزور كۆرۈش، كومپىيوتېر ئويناش بولىدۇ؛ بەزى ۋاقىتلاردا دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەيدۇ، ئالدىراشلىقتىن سايىسىنىمۇ ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ھەقىقىي تۇل خوتۇنغا سېلىشتۇرغاندا ساختا تۇل خوتۇننىڭ كېچىسى يېنىدا ئۇخلايدىغان ئادىمى بار، ئائىلىنىڭ چىقىمىنى تەڭ كۆتۈرىدۇ، يەنە تېخى پات-پات تېلېفون قىلىپ، كەچتە تاماققا قايتالمايدىغانلىقىنى ئېيتىدىغان بىرەيلەن بار.

باشقا جەھەتتە، ھەقىقىي تۇل خوتۇن بىلەن ساختا تۇل خوتۇننى ھېچقانداق پەرقى يوق. بالىنى باغچىغا ئېلىپ بارغاندا، بىر ئائىلە كىشىلىرى خوشال-خورام ئوينىسا، ئانا-بالا بوينىنى قىسىپ قارايدۇ؛ بازار ئايلانغاندا، باشقىلارنىڭ يولدىشى ھە-ھۇ دېيىشىپ، مال تاللىشىپ، سودىلىقنى كۆتۈرۈشسە، ساختا تۇل خوتۇنلار چوڭ-كىچىك سومكىنى كۆتۈرۈپ، ھەر تەرەپكە چاپىدۇ. بالا ئاغرىپ قالغاندا، دوختۇرخانىغا ئۆزى ئامال قىلىپ ئاپىرىدۇ. دوستلار، ئۇرۇق-تۇققانلار يىغىلىشىغا مەڭگۈ ئۆزى يالغۇز بارىدۇ. كەچتە، يالغۇز تاماق ئېتىپ، كىر يۇيۇپ، ئۆي تازىلايدۇ؛ ھاجەتخانىغا كىرگەندە، بالىنى كۆتۈرۈپ كىرىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

بۇ خىلدىكى ئەرلەرنىڭ ئاغزىنىڭ ئۇچىدا تۇرىدىغان گېپى بولسا ئوخشاش: «مېنىڭ شۇنداق قىلغۇم بارمۇ؟ قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى سەن ئۈچۈن، بالا ئۈچۈن، مۇشۇ ئائىلە ئۈچۈنغۇ!»

ساختا تۇل خوتۇنلارنىڭ ئويلايدىغانلىرىمۇ ئوخشاش: «ئۆيدە بولىدىغان ۋاقىتلىرىنىڭ ئاز بولىدىغىنىنى، ماڭا ياردەملەشمەيدىغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇ باشقا يامان ئىش قىلمىدىغۇ. پۇلنى ئەكىلىپ قولۇمغا تۇتقۇزىدۇ، يا ئاشنا تۇتىۋالمىسا! بوپتىلا، چىدايچۇ!»

ئەمما، ناھايىتى ئەپسۇس: دائىم ئۆيىگە قايتمايدىغان ئەرلەر، ئۆزىنى يارىتىپ چىقىدۇ؛ ئۈن-تىنسىز ھەممىگە بەرداشلىق بېرىشكە ئادەتلەنگەن ئاياللار ئۆزىنى يوقىتىدۇ، تۈگىشىپلا كېتىدۇ!

مېنىڭ بىر دوستۇم نەچچە كۈن ئىلگىرى يولدىشى بىلەن ئۇرۇشۇپ قاپتۇ، مەن ئۇنىڭدىن يولدىشىنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى سورىسا، «ئۇ ھېچنىمە قىلمىدى، ئۇ دەل ھېچنىمە قىلمىغاچقا بىز ئۇرۇشۇپ قالدۇق» دەپ جاۋاب بەردى.

سىرتتا خىزمەت قىلىدىغان ئەرلەر، ئۆزىنى ھامان ناھايىتى يۇقىرى بىر ئورۇنغا قويىدۇ. ئۆيدە ئايالى ئۆيلەرنى تازىلايدۇ، بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، تاماق ئېتىدۇ، كىر يۇيىدۇ، ئەر بولسا پۇتىنى ئالماپ قويۇپ تېلېۋىزور كۆرىدۇ. ئەگەر تاماقتىن كېيىن چىنە-قاچا يۇيۇپ قويسا، ياكى بالىسىنى يۇيۇندۇرۇپ قويسا، تاغنى تالقان قىلىۋەتكەندەك بىر ئىش بولىدۇ-دە. 

ئائىلە ئايالى بولسىچۇ؟ سىرتقا چىقىپ پۇل تاپمىغاندىن كېيىن، تىلى قىسقا بولىدۇ-دە، ھەممە دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ، ھەممىگە چىداشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئادەمنى ئەڭ بىزار قىلىپ، كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىدىغان يەنە بىر قىسىم ئەرلەر باركى، ھەتتا كۆز ئالدىدا بالىسى يىقىلىپ كەتسە، ئاشخانىدىكى ئايالىنى چاقىرىپ چىقىپ ئىزا تارتماي، يۈزىنى داپتەك قىلىپ شۇنداق دىيەلەيدۇ: «ھەركۈنى ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇپ بالىغىمۇ ياخشى قارىيالماي نىمىش قىلىۋاتىسەن؟ بالىغا قارىغاندىن باشقا نېمىش قىلىسەن سەن؟»

ھازىرقى جەمئىيەتتە، كۆپ قىسىم ياشلار ئەر-ئايال ھەر ئىككەيلەننىڭ خىزمىتى بار. ئەر-ئايال ئىككەيلەنلا سەككىز سائەت خىزمەت قىلىپ، ئوخشاش ۋاقىتتا ئۆيدىن چىقىپ، ئوخشاش ۋاقىتتا ئۆيگە قايتىدۇ. ئەمما ئائىلىنىڭ ئىشى يەنىلا ئايالنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بولىدۇ. قەدىمكىلەرنىڭ «سىرتنىڭ ئىشى ئەرنىڭ، ئۆينىڭ ئىشى ئايالنىڭ» دېگەن ئىدىيىسى نۇرغۇن قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ كاللىسىغا مەھكەم ئورناپ كەتكەن. ئەمەلىيەتتە، كۈنىمىزدە نۇرغۇن ئاياللىرىمىز سىرتقا چىقىپ پۇل تاپىدۇ، ئائىلە ئىشلىرى يەنىلا ئاياللارنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىپ قالسا، بۇ تولىمۇ ئادالەتسىزلىك.

ئوخشاشلا بىر كۈن خىزمەت قىلىپ قايتقان ئەھۋالدا، ئەركىشى كىرىسلودا كېرىلىپ ئولتۇرۇپ تاماقنىڭ پىشىپ ئالدىغا كېلىشىنى ساقلايدۇ، ئەمما ئايال كىشى خىزمەتتىن چۈشۈپ، سەي-كۆكتات ئېلىپ، ئۆيىگە كىرىپ بىر چىنە چاي ئىچىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي «بالامنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتتى، دادىسى ساقلاپ كەتتى» دەپ ئۇدۇل ئاشخانىغا يۈگۈرەيدۇ؟ بۇنى ئاز دېگەندەك، بالىسى خاپا قىلىپ پاچىقىغا ئېسىلىپ تۇرغان. مەينەتچىلىككە تولغان ھاجەتخانىنى تازىلاش نېمە ئۈچۈن ئايالنىڭ ئىشى، ئەمما ئەركىشى نېمە ئۈچۈن پاكىز تازىلانغان ھاجەتخانىنى مەينەت قىلىپ قويۇپ، ھېچ ئىش بولمىغان ئولتۇرىدۇ؟ 

ھەركۈنى ئائىلىنىڭ تۈگىمەس ئىشلىرى بىلەن بەند بولۇپ يۈرگەن ئائىلە ئايالى روھىي جەھەتتىن تەنھا، فىزىلوگىيە جەھەتتىن قاتتىق ئالدىراش بولىدۇ، بىر كۈننى ئاران كەچ قىلىپ، ئاخىرى يولدىشى قايتىپ كەلگەندە، بىر ئۇھ دەپ بېلىمنى رۇسلىۋالارمەن دىگۈچە، ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىشنى خالىمايدىغان ئەر بولۇپ قالسا، تىنچلىق-ئامانلىق سورىغاننىڭ ئورنىغا «تاماق پىشتىمۇ؟»، «تېخىچە تاماق ئەتمەي نېمىش قىلدىڭ؟» .... دىگەندەك گەپلەر. بۇنداق ئايالنىڭ تۇل خوتۇندىن نېمە پەرقى؟

ئەلۋەتتە، يەنە بىر قىسىم «مۇنەۋۋەر ئەر» لەر بار، ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنى «سايىماخۇن»، «سايىم نوچى» دەپ چاقىرىشلىرىغا پەرۋا قىلمايدۇ، ھەم شۇنداق چاقىرىپ قالامدىكىن دەپمۇ ئەنسىرىمەيدۇ. ھەرۋاقىت ئايالىنىڭ پۇتىغا پۇت، قولىغا قول بولۇپ، ئائىلىسىدىكى ۋەزىپىسىدىن ھەرگىز باش تارتمايدۇ. ئايالى تاماق ئەتسە چىنە-قاچىلارنى يۇيۇپ، ئۆي تازىلىسا كىر-قاتلارنى يۇيۇپ دېگەندەك ئىشلارنى قىلىپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئەرلەر بىز ھەرگىز ئىنكار قىلمايمىز، پەقەت «ئەرلىك ئۈستۈنلۈك» ئىدىيىسى، «ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار خار» قارىشىدا چىڭ تۇرىدىغان ئەرلەر كاللىسىنى سىلكىۋىتىپ، ئۆزىگە بىر سوئال قويۇپ باقسا دەيمىز.

ئەگەر، سىز بىر توي قىلغىنىغا 10 يىل بولغان ئەر بولسىڭىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ھېسابنى قىلىپ بېقىڭ.

كىر يۇيۇشنى قويۇپ تۇرۇپ، تەييار يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ قويۇلغان كىرلەرنى قانچە قېتىم قاتلاپ باقتىڭىز؟

قانچە قېتىم ئورۇن سالدىڭىز؟

قانچە قېتىم چىنە-قاچا يۇيدىڭىز؟

قانچە قېتىم ئۆي تازىلاپ باقتىڭىز؟

قانچە قېتىم ناشتىلىق تەييارلاپ باقتىڭىز؟

تەرەت تۇڭىنى قانچە قېتىم يۇيدىڭىز؟

بالىڭىزنىڭ چېچىلىپ كەتكەن ئويۇنچۇقلىرىنى قانچە قېتىم يىغدىڭىز؟

بالىڭىزنى قانچە قېتىم يۇيۇندۇرۇپ قويدىڭىز؟

ئەگەر سىزنىڭ جاۋابىڭىز بىر خانىلىق سان بولسا، ئايالىڭىزنىڭ ئۈچ خانىلىق سان بولىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا كۆيۈپ-پىشىپ، بىر ئۆمۈر قەدىرلەشكە، بىر ئۆمۈر سۆيۈشكە، بىر ئۆمۈر ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ۋەدە قىلىپ تۇرۇپ ئەمرىڭىزگە ئالغان ئايالغان شۇنداق مۇئامىلە قىلىشقا چىدامسىز؟

قەدىرلىك خانىملار: يولدىشىڭىز بىر كۈن ئىشلەپ چارچىغان بولسا، سىزمۇ ئىشلەپ چارچىدىڭىز، ئائىلە ئىشلىرىنى ئۆزىڭىز بىراقلا ئۈستىڭىزگە ئېلىۋالماي، يولدىشىڭىزغىمۇ ئازراق ئىش بېرىڭ، سىرتقا چىقىپ، تەڭ پۇل تاپقانىكەنسىلەر، ئائىلە ئىشلىرىنىمۇ تەڭ قىلىشىڭلار كېرەكقۇ. بۇنداق بولغاندا، ئىككى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە قارشى تەرەپكە بولغان مۇھەببەتمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. ئائىلە ھېچقانداق ئىش قىلمايدىغان ئەرنىڭ يولدىن چىقىش نىسبىتى يۇقىرىراق بولىدۇ، چۈنكى ئۇ بۇ ئائىلىنىڭ ھېچقانداق ئىشىغا ئارىلاشمىغاچقا، ئائىلىنى ئانچە ئېتىبارىغا ئېلىپ كەتمەيدۇ. 

سۆيۈملۈك ساختا تۇل خوتۇنلار، دادىللراق بولۇپ، كۆڭلىڭىزدىكى گەپلىرىڭىزنى يولدىشىڭىزغا دەڭ. تەمكىنلىك بىلەن، ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىپ، ھاياجانلانماي تۇرۇپ يولدىشىڭىز بىلەن پاراڭلىشىڭ، مۇڭدىشىڭ، دەردىڭىزنى ئېيتىڭ، ئېھتىياجىڭىزنى بىلدۈرۈڭ. ئەلۋەتتە، سۆزنىڭ ئۇرانىغا دىققەت قىلىڭ، ئاۋازىڭىز بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمىسۇن، مۇلايىملىق بىلەن يولدىشىڭىزنى قايىل قىلىڭ!



تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • ئاياللار تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، يۈزىگە سەپكۈن چۈشىدۇ
  • جىنىسىي ئىقتىدار بىلەن يۈرەكنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
  • ئەركەكلىكنىڭ بەش خىل ئىپادىسى
  • ئاياللار تۇغۇتلۇق ۋاقتىدا، ئەرلەرنىڭ دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقى
  • شوخ كىشىلەر تېخىمۇ جەلپكار بولىدۇ
  • قەھۋەنى قانچىلىك ئىچكەندە ئۈنۈمى بولىدۇ؟ بۇنى گېن بەلگىلەيدۇ
  • ئەرلەرگە ياقىدىغان يېمەكلىكلەر
  • ئاياللار پىسخكىسىنى تەڭشەشتە...
  • ھەيز مەزگىلىدە باش يۇيۇشقا بولامدۇ؟
  • بىزدىكى يېڭى خۇراپات-ساغلاملىق مەھسۇلاتىغا قارىغۇلارچە ئىشىنىش
  • سېمىز ئادەم ئورۇقلىسا، مەستلىكى ئاسان يېشىلىدۇ
  • ئاياللار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنىڭ ئالتە چوڭ سەۋەبى
  • تېرىدىكى سېرىقلىقنى يوقىتاي دېسىڭىز...
  • قانداق ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ئادەمنى چارچاتمايدۇ؟
  • بالىنىڭ قانداق كەسپ تاللىشى گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىك
  • ئاياللارنىڭ كۆز يېشىنى قورال قىلىشىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان سورۇنلار
  • ئاياللار نېمىشقا داشقال ئەرلەردىن ئايرىلالمايدۇ؟
  • كىچىك قورساقنى يوقىتىش ئۇسۇللىرى
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • بالىلىق مەزگىلىدە ئانتىبىئوتىكلارنى كۆپ ئىشلەتكەننىڭ زىيىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سالامەتلىكنى ياخشىلاش چارىلىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، يۈزىگە سەپكۈن چۈشىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يانفوندا تورغا چىقسا، رادىياتسىيە تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • جىنىسىي ئىقتىدار بىلەن يۈرەكنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەركەكلىكنىڭ بەش خىل ئىپادىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار تۇغۇتلۇق ۋاقتىدا، ئەرلەرنىڭ دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نىمە ئۈچۈن قانچە ئالدىراش بولغانسېرى جىنسىي تۇرمۇشقا شۇنچە ئىنتىلىمىز؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • شوخ كىشىلەر تېخىمۇ جەلپكار بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەردىكى بەل ئاغرىش قانداق كېسەللىك ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قەھۋەنى قانچىلىك ئىچكەندە ئۈنۈمى بولىدۇ؟ بۇنى گېن بەلگىلەيدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنىڭ چىرايى ئېرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تاماكا چېكىشنىڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەرگە بولغان زىيىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەرگە ياقىدىغان يېمەكلىكلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تۈنىگەندە ئالما يەڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • تارىختىكى ئۇرۇشلاردا ئەڭ كۆپ مەغلۇپ بولغان دۆلەتلەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگو-رۇسىيە دېڭىزدا بىرلىشىش 2016 ھەربىي مانېۋىرى ھەقىقىي ئەسكەر باسقۇچىغا كىردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • چەتئەللىك ئىنژېنېر كەلگۈسىدىكى مودۇللاشتۇرۇلغان ئايروپىلاننى لايىھەلەپ چىقتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • قانۇنسىز قائىدىگە خىلاپ 4207 تور بېكەت تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكا 1 مىليون دانە سامسۇڭ Note7 يانفۇنىنى قايتۇرىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • چاۋشيەن ئۇران قويۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىندىستانلىق گۈزەل چولپان - دىيا مىرزا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىلارى «سالامەتلىك سەتچىلىكى» دىن كېيىن روھلۇق ھالدا قايتا پەيدا بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تەخمىنەن بىر مىليون 800 مىڭ مۇسۇلمان مەككىدە ھەج قىلماقتا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015