ئاتا-ئانىلار يازدا بالىلارنىڭ شامالداپ قالماسلىقى ئۈچۈن سەل قېلىن كىيىندۈرۈپ قويىدۇ، بۇنداق بولغاندا تەر پارغا ئايلىنىپ كېتەلمىگەنلىكتىن، بالىلارغا ئىسسىقلىق چىقىپ كېتىدۇ، شۇڭا كىيىمنى بەك قېلىن كىيگۈزمەي، يېمەكلىككە دىققەت قىلىش كېرەك.
ئىسسىقلىق ئادەتتە تەر تۆشۈكچىلىرى توسۇلۇپ قالغانلىقتىن چىقىدىغان بولغاچقا، چوڭلاردىمۇ بۇ خىل ئەھۋال كۆپ كۆرۈلىدۇ، بەزىدە سوپۇن پاراشوكلىرى ئارقىلىقمۇ ئىسسىقلىقنى يوقاتقىلى بولىدۇ، بىراق بالىلارنى دائىم يۇيۇندۇرسا ھەمدە سوپۇننى كۆپ ئىشلىتىۋەتسە تېرىنىڭ زىيادە سەزگۈرلۈكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بالىلارغا چاقما كاۋ ياكى تەرخەمەك، ئالوي قاتارلىقلارنى كۆپ يېگۈزۈش كېرەك. يۇقىرىقىلارنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولغاچقا، بەدەندىكى ئىسسىقنى ھەيدەپ، ئىسسىقلىقنىڭ سىڭىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ـــ ماتېرىيالدىن
مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-07/27/content_537318.htm
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !