ئاياللاردا تالانت بولغاندىلا، ئاندىن جەلپ قىلىش كۈچى بولىدۇ.
ھەر بىر ئايال ھاياتىدا ئەگرى-توقاي ئوڭۇشسىزلىقلارغا يولۇقۇشى مۇقەررەر، ھەر بىر ئايال ھاياتىدا ئۆمۈر بويى توققۇزى تەلمۇ بولۇپ كەتمەيدۇ، نۇقسانلىرىڭىزدىن قاچمىسىڭىزلا، سەتلىشىپ كەتمەيسىز، بەلكى تېخىمۇ ئوماق بولۇپ كېتىسىز.
ئەقىللىق ئاياللارلا ئەڭ گۈزەلدۇر.
ئاياللارنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇشى ئۇلارنىڭ مىجەزىدىندۇر، ئاياللارنىڭ مىجەزى ئۇلارنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىكىدۇر، ياخشى خۇلققا ئىگە ئاياللار ئەبەدىي سولمايدىغان گۈلدۇر.
كىشىلىك ھايات سەپىرىدە، كىشى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەر ئىنتايىن كۆپ. بىراق، بىرلا نەرسىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىشنى قەتئىي ئۇنۇتماسلىق كېرەك، ئۇ بولسىمۇ غايە- ئىستەكتۇر، غايە-ئىستەككە ئىگە ئاياللارلا زەپەر قۇچۇشقا تېخىمۇ يېقىن بولىدۇ.
دۇنيادا مۇتلەق بەختلىك ئايال يوق، پەقەت خۇشال سوقمايدىغان يۈرەكلا بار.
كۆكسى- قارنى كەڭ، ئۆزىنىڭ ئائىلدىكى ئورنىنى بىلدىغان ئاياللارلا ئەقىللىق ئاياللاردۇر، مۇشۇنداق ئاياللارلا ئائىلىگە بەخىت- سائادەت، خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلەيدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !