گاز شارىنىڭ ئۇچۇش- ئۇچماسلىقى ئۇنىڭ رەڭگى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولماستىن، بەلكى ئىچىگە تولۇق گاز قاچىلانغان- قاچىلانمىغانلىقىغا باغلىق. بىر ئايالنىڭ گۈزەل ياكى ئەمەسلىكى ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىگە باغلىق بولماستىن، بەلكى ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئۆزىگە ئىشەنچ بار- يوقلۇقىغا باغلىقتۇر.
سىز يىقىلىشتىن ئاۋۋال نېمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسلا بىلمەيسىز، سىز بىلىپ يەتكەندە ئۇ مۇھىملىقىنى يوقاتقان بولىدۇ.
باشقىلارغا ياخشى تەسىرات قالدۇماقچى بولسىڭىز، ئىنسان تەبىئىتىدىكى شۆھرەتپەرەسلىك، ئۆز ئىززەت- ھۆرمىتىنى ساقلاشتەك ئاجىزلىقنى ياخشى بىلىشىڭىز كېرەك. باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلشىڭىز، شەخسىيەتچىلىك قىلىش، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشتىن ساقلىنىشىڭىز، مۇۋاپىق سورۇن، پەيتتە باشقىلارغا دەل جايىدا ياخشىلىق قىلشىڭىز، يالغاندىن ماختاپ ئۇچۇرماسلىقىڭىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، باشقىلارنىڭ ياقتۇرشىغا ئېرىشەلەيسىز.
سىزنىڭ دۇنياغا بولغان تونۇشىڭىز ھەقىقىي رېئال دۇنيانىڭ سىزگە كۆرسەتكەن تەسىرىدىن چوڭ بولىدۇ، ئەتراپىڭىزدا دوستلۇق گۈللىرىنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەنسىز، ئالدى بىلەن ئىشنى ئۆزىڭىزدىن باشلىشىڭىز لازىم.
بىز مۇھەببەت باسقۇچىدىكى باغۋەن بىلەن مېۋىگە ئوخشايمىز. ئامەتلىك كىشىلەر ئۆزى تىككەن كۆچەتنىڭ مېۋىسىگە ئېرىشىدۇ. بەزىلەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ ئۆز مېۋىسىنى باشقىلارغا تاتقۇزۇپ قۇيۇپ، باشقىلار تىككەن كۆچەتتىن مېۋىگە ئېرىشىدۇ.
مۇھەببەت چوقۇم بىر يەكۈنى بولىدىغان رومان ياكى كىنو ئەمەس. ئەمەلىي تۇرمۇشتا بارلىق مۇھەببەتنىڭ ئېنىق بىر يەكۈنى بولۇشى ناتايىن. سەگەك بولۇشىڭىز كېرەككى، دۇنيادا ئاخىرلاشمايدىغان ھېكايە يوق. پەقەت ئۆلمەيدىغان قەلبلا بار.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !