ئاياللار نېمە ئۈچۈن كۆپ گەپ قىلىدۇ؟
ئەسلى تېما: ئاياللارنىڭ تىل قابىلىيىتى
ئىسكەندەر جېلىل بىلەن نۇرىمانگۈل مەممەت يازغان «ئاياللارنى چۈشىنەمسىز» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
-ئاياللار قانچىنچى ئايدا ئاز گەپ قىلىدۇ؟
-2-ئايدا.
-نېمە ئۈچۈن؟
-چۈنكى 2-ئايدا ئاران 28 كۈن بار.
ئاياللار ھەقىقەتەن جىق گەپ قىلىدۇ. يۇقارقى يۇمۇرمۇ دەل شۇنى تېما قىلغان. بىر چاقچاقچى مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئايالىمغا ئۇدا ئىككى ئاي گەپ قىلمىدىم، چۈنكى ئۇنىڭ گېپىنى بۆلىۋەتكۈم كەلمىدى». دەرۋقە ئاياللار مۇڭدىشىشقا موھتاج، چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۆز- ئارا پاراڭلىشىش كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتىكى ئەڭ ئەۋزەل چارە. ئەگەر ئىككى تونۇش ئايال بىر يەرگە كېلىپ قېلىپمۇ گەپلەشمىسە، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا چوقۇم زىدىيەت بار. ئەگەر ئېرىگە ئۇزاققىچە گەپ قىلمىسا، ئېنىقكى ئۇ ئېرىدىن يامانلاپ قالدى. لېكىن ئەرلەرنىڭ گەپ قىلماسلىقى ھېچنىمىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بۇ بەك نورمال ئىش.
ئاياللارغا نىسبەتەن، ئەرلەر بىر قەدەر كەم سۆز، گەپلەرنىمۇ بەزىدە جايى- جايىغا كەلتۈرۈپ دېيەلمەيدۇ. شۇڭا بىرەر بايرامدەك كۈنلەردە، قىز دوستىغا گۈل ياكى بىرەر سوۋغا بېرىش ئارقىلىق كۆڭلىنى ئىپادىلەش يىگىتلەرنى بۇ خىل «تىل قىسىنچىلىقى»دىن ئوبدانلا ساقلاپ قالىدۇ.
بەزىدە ئوغۇللارغا ئۇنىڭ ئاپىسى ياكى ئاچىسى ۋاكالىتەن جاۋاب بېرىدۇ.
-ئۆگىنىشىڭ قانداقراق، شاكىچىك؟
-ھم..........
ئاپسى دەرھاللا:
-ھەر ھالدا ياخشى، لېكىن شۇ سەل ئويۇن قېپىراق.
ئەرلەر ئۇزۇن سوئاللارغىمۇ «ھە»، «بولىدۇ»، «ياق» دېگەندەك قىسقا جاۋابلارنى بېرىدۇ. ئۇلار كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىنچىكە مۇناسىۋەتلەرگە ئانچە دىققەت قىلىپ كېتەلمەيدۇ. گەپنى ئېنىق دەيدۇ، مىجەزى كېلىشمىسە ئۇرۇشۇپ قېلىشتىن يانمايدۇ.
ئوغۇللار كۆپ ئائىلىدە، ئانا يەنىلا ئۆيدىكى «ئەرلەر» نىڭ گېپىنى بىر- بىرىگە «تەرجىمە» قىلىپ يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى بۇنىڭغا، بۇنىڭ ياخشى گېپىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ، يامان گەپلەرنى پەقەتلا تىلغا ئالمايدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئۆيدىكى جەڭگە- جېدەللەر ئازلاپ قالىدۇ. ئاچا ۋە سىڭىللارمۇ بۇنداق ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن ھەر ھالدا چىقالايدۇ. ئىشەنمىسىڭىز، ئاپىسى تۈگەپ كېتىپ، دادىسى 2- 3 ئوغلى بىلەن قالغان ئائىلىلەرگە قاراپ بېقىڭ. بۇنداق ئائىلىلەردىكى جىدەل باشقا ئائىلىلەرگە قارىغاندا كۆپرەك يۈز بېرىدۇ.
ئاياللارنىڭ بۇنداق تىل ئالاھىدىلىكى دەرۋەقە كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش ۋە چىڭىتىش رولىنى ئوينايدۇ. دەل شۇنداق بولغاچقا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۆپىنچە ئائىلىلەردىكى بالىلار ئاپىسىنىڭ تۇققانلىرى بىلەن يېقىن ئۆتىشىدۇ.
ئاياللارنىڭ سۆزگە ماھىرلىقى تۇغما بولىدۇ. تەتقىقاتلاردىن كۆرستىلىشىچە، تۆرەلمە قورساقتىكى چېغىدىلا، ئاپىسىنىڭ ئاۋازىنى تونالايدىكەن. تۇغۇلۇپ 4 كۈن بولغاندا ئۆزىنىڭ ئاناتىلى بىلەن يات تىللارنى پەرقلەندۈرەلەيدىكەن. 4 ئايلىق بولغاندا كالپۇك ھەرىكىتىنى تەلەپپۇزغا ماسلاشتۇرالايدىكەن. بىر ياشقا توشقىچە، سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشكە باشلايدىكەن. 18 ئايلىق بولغاندا، سۆزلۈكلەرنى ئىگىلەشكە باشلايدىكەن. لېكىن قىزلارنىڭ تىلى ئوغۇللارنىڭكىدىن بالدۇر چىقىدىكەن. 3 ياشلىق قىزچاقنىڭ گېپىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ، لېكىن 3 ياشلىق ئوغۇل بالىنىڭ سۆزلىرى كەمتۈك، بەزىدە چۈشەنگىلى بولمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، 3 ياشلىق قىز بالىنىڭ بىلىدىغان سۆزلۈكلىرى 3 ياشلىق ئوغۇل بالىنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق بولىدىكەن.
مەكتەپكە كىرگەندە، تىلغا مۇناسىۋەتلىك دەرسلەر ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەچكە، قىزلارنىڭ نەتىجىسى ئوغۇللارنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ ماڭىدۇ. تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق لوگىكىلىق دەرسلىكلەر كۆپ بولغاچقا، ئوغۇللارنىڭ نەتىجىسى قىزلارنىڭكىدىن بېسىپ چۈشىدۇ.
مېڭىنىڭ ئاناتومىيەلىك ئورنىدىن قارىغاندا، ئاياللارنىڭ نۇتۇق رايونى مېڭىنىڭ ئوڭ ۋە سول يېرىم شارىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ نۇتۇق رايونى بولسا پەقەت سول يېرىم شاردا بولىدۇ. شۇڭا ئەرلەرنىڭ سول مېڭىسى زەخمىلەنسە، سۆزلەش ئىقتىدارىدىن قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي مەھرۇم قالىدۇ. لېكىن ئاياللارنىڭ قايسى تەرەپتىكى مېڭىسى زەخىملىنىشىدىن قەتئىينەزەر، سۆزلەش ئىقتىدارىدىن قالمايدۇ. ئاياللار مانا مۇشۇنداق نېمىلا بولۇپ كەتسە «تىلى تۇتۇلۇپ قالمايدىغان» مەخلۇقات ھېسابلىنىدۇ.
ئاياللارنىڭ ھەرىكىتى بىلەن جىنسىي ھورمۇن توغرىلىق تەتقىقاتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئانىلىق ھورمۇنى ئاياللارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تەلەپپۇزنىڭ تېخىمۇ ئېنىق بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدىكەن. لېكىن تۆۋەن سەۋىيەدىكى ئەركەك ھورمۇن ئاياللارنىڭ ماكان تۇيغۇسىنى ئاجىزلاشتۇرۋېتدىكەن. ئەكسىچە، يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئەركەك ھورمۇن ئاياللارنىڭ تىلىدا چاتاق چىقىرىپ، ماكان تۇيغۇسىنى ياخشىلاپ قويىدىكەن.
ئەرلەرنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان يېرى شۇكى، 4- 5 خوتۇن بىر يەرگە كېلىپ پاراڭلاشقاندا، كىمنىڭ گېپىنى كىم ئاڭلايدىكىن-تاڭ، ھەممىسى توختىماستىن گەپ قىلىشىدۇ، قارشى تەرەپ ئاڭلاۋاتامدۇ ياكى ئاڭلاۋاتمامدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق.
مەلۇم بىر ئۆيگە نەزىرگە تەييارلىق قىلىشقىلى كىرگەن ئاياللار سەۋزە توغرىغاچ پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. پاراڭ تازا ئەۋجىگە چىققاندا، ھەممە ئايال دېگۈدەك ئاغزى بېسىقماي سۆزلەپ كەتتى. بۇ غاژژاڭ- غۇژژۇڭدىن كىمنىڭ گېپىنى كىم ئاڭلاۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىپ يېتەلمىگەن ئابدۇرېھىم ئاخۇن ئاياللارغا قاراپ ئۈنلۈك ئاۋازدا «قايسىڭنىڭ گېپىنى قايسىڭ ئاڭلاۋاتىسىلەر؟» دېدى. ئاياللار ئابدۇرېھىم ئاخۇننىڭ گېپىنى «مۇشۇنداق نەزىردىمۇ پاراڭ سېلىپ ئولتۇرامسىلەر؟» دەپ چۈشەندى- دە، دەرھال پاراڭدىن توختاشتى.
ئەمەلىيەتتە بۇ ئاياللار شۇنچە غاژ- غاژ پاراڭلار ئىچىدىن كىمنىڭ قايسى ۋاقىتتا نېمە دېگەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرىدۇ، ھەمدە شۇ گەپلەرگە قارىتا مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرۇپ ماڭىدۇ. چۈنكى ئاياللارنىڭ سۆزلەش قابىلىيىتى يۇقىرى بولۇشتىن باشقا، بىر ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىشلارنى تەھلىل قىلالايدۇ. ئاياللارنىڭ بۇنداق ئوپچە مۇڭدىشىشى مەھەللە- كويلاردا ۋە توي- تۆكۈنلەردە دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇلار بۇنداق پاراڭلاشسا ھەرگىز ئادىشىپ قالمايدۇ. شۇڭا بىز ئاياللارنىڭ بىر- بىرنىڭ سۆزلىرىنى چۈشەنمەي قېلىشىدىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ.
لېكىن ئەرلەر ئاياللارنىڭ بۇنداق ئوپچە سورىنىغا كىرىپ قالسا، ھەقىقەتەن قايمۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئەرلەر ئاياللاردەك تەڭ پاراڭ قىلمايدۇ، بەلكى نۆۋەت بىلەن گەپ قىلىدۇ. بىرسىنىڭ گېپى تۈگىسە، ئاندىن يەنە بىرسى گەپ قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئەرلەرنىڭ پارىڭى راۋان ۋە چۈشىنىشلىك بولىدۇ. ئاياللار ئۆزىنىڭ قائىدىسى بويىچە ئەرلەرنىڭ گېپى تۈگىمەيلا گەپنى تارتىۋېلىشى مۇمكىن، لېكىن ئەرلەر بۇنى ياقتۇرمايدۇ. ھېلىمۇ ياخشى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاياللار ئەرلەرنىڭ گېپىگە ئاسانلىقچە قوشۇق سالمايدۇ.
كۆپىنچە ئاياللار «ئاۋازلىق تەپەككۇر» قىلىدۇ، يەنى يېنىدا ھېچكىم بولمىسىمۇ، ئويلىغانلىرىنى ئۆز- ئۆزىگە سۆزلەپ كېتىدۇ. ئەگەر يېنىدا ئادەم بولۇپ قالسىغۇ بولدى،شۇ ئويلىغانلىرىنى يىپىدىن يىڭنىسىگىچە سۆزلەپ پۇخادىن چىقىۋالىدۇ. ئەرلەر بىرەر ئىشنى كۆڭلىدە پىلانلاپ بولۇپ، ئاندىن گەپ قىلىشقا باشلايدۇ. ئاياللار بولسا بىرەر ئىشنىڭ پىلانىنى ئويلىغاچ تەڭ سۆزلەپ ماڭىدۇ. شۇڭا ئاياللار بەزى مەخپىيەتلىكنى ئۆزىنى بىلەلمەيلا دەۋېتىپ قالىدۇ، لېكىن ئەرلەر بولسا «ئازراق ئىشىم بار» دەپ قويۇپلا، ھەل قىلماقچى بولغان ئىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. ئەرلەر مەلۇم مەسىلە ئۈستىدە تەپەككۈر قىلغاندا، جىم ئولتۇرۇپ ئويلايدۇ. مەسىلىنىڭ تۈگىنىنى تاپقاندىلا ئاندى گەپ قىلىدۇ. ئاياللارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ قالسا، دەردىنى بىرەرسىگە دەۋىتىپ ئىچىنى بوشىتىۋالىدۇ. لېكىن ئەرلەرنىڭ كۆڭلى يېرىپ بولۇپ قالغاندا، ھېچكىمگە گەپ قىلغۇسى كەلمەيدۇ، پەقەت ئۆزىنى تىڭشاپ تۇرۋالغۇسى كېلىدۇ. بۇنى بىلمىگەن ئاياللار، ئەرلەرنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش دەرد تۆكىۋالسا ئوڭشىلىپ قالامدىكىدىن دەپ، «نېمە بولدۇڭ؟»، «كۆڭلۈڭ يېرىممۇ»، «قانداق گەپ بولسا ماڭا دېگىن» دەپ كۆزىگە كىرىشىۋالىدۇ. بۇنداق چاغدا ئەرلەر ئاياللارنى سىلكىۋېتىدۇ. ئاياللار بولسا ئۆزىنىڭ قايسى گۇناھىغا دەشنام يېگەنلىكىنى بىلەلمەي قالىدۇ.
ئاياللار شەيئىيلەرنىڭ تەپسىلاتىدىن ھوزۇرلىنىدۇ. ئەرلەر بولسا ئىشلارنىڭ نەتىجىسىگە قىزىقىدۇ. شۇڭا كورىيە ۋە تۈركىيەلەرنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئاياللار ئارىسىدا ئاسانلا ئالقىشقا ئېرىشەلەيدۇ. لېكىن ئىشنىڭ نەتىجىسىگە ھېرىسمەن ئەرلەر بىر قىسىملىق كىنولارنى ياقتۇرىدۇ، شۇڭا كىنولارنىڭ بازىرىمۇ خېلى كەڭرى.
بەزى چەتئەل تەتقىقاتلىرىغا قارىغاندا، ئاياللار كۈنىگە 6000- 8000 غىچە سۆزنى ھېچ كۈچىمەيلا دەۋىتىدىكەن. ئەرلەر بولسا ئاران 2000- 4000 غىچە سۆز ئىشلىتىدىكەن. بۇلاردىن باشقا چىقارغان تاۋۇش ۋە بەدەن تىللىرىنى قوشقاندا، ئاياللارنىڭ كۈندىلىك ئالاقە سېگنالى 20 مىڭدىن ئېشىپ كېتىدىكەن. ئەرلەرنىڭ بولسا ئاران 7000 بولۇپ، ئاياللار ئالاقە سېگنالىنىڭ 3/1 گە باراۋەر كېلىدىكەن. ئەگەر ئاياللار شۇ كۈنى 20 مىڭ ئالاقە سېگنالىنى ئىشلىتىپ بولالمىغان بولسا، كەچتە ئېرىگە سەل جىق گەپ قىلىپ سېلىشى مۇمكىن.
بەزى ئەرلەر ئاياللارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۈگىتىپ بولالماي، ئىچىدە «مېنى بىردەم ئارامىمدا قويسا بولمامدىغاندۇ؟» دەپ ئويلايدۇ، بۇ بەلكىم پۈتۈن دۇنيادىكى ئەرلەرنىڭ «يۈرەك ساداسى» بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ پەقەت ئاياللارنىڭ سۆزلەش مەقسىتىنى چۈشەنمىگەن ئەرلەرگىلا شۇنداق بولىدۇ. ئەگەر ئاياللارنىڭ پەقەت ئىچىنى بوشىتىۋېلىش ئۈچۈنلا كۆپ سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلگىنىمىزدە، ئۇلارنىڭ گېپىنى ئارتۇقچە تەھلىل قىلماي، «ھە» دەپ ئاڭلاپلا بەرسەك، ھەممە ئىشلار ئۆز رېتى بىلەن مېڭىپ كېتىۋېرىدۇ. يۈرىكىمىزمۇ ھېلىقى «سادا»نى چىقارمايدۇ.
ئاياللارغا پەقەت ئاش- نان ۋە كېيىم- كېچەك بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئۇلار ھېسىياتنى ۋە مۇھەببەتنى مۇھىم بىلىدۇ. ئۇلار گەپلىرىنى ئەرلىرىگە دەۋىلىشقا ۋە ئەرلەرنىڭ شېرىن- شېكەر گەپلىرىنى ئاڭلاشقا مۇھتاج. چۈنكى بۇلار ئاياللارغا نىسبەتەن روھىي ئوزۇقتۇر. بۇنداق روھىي ئوزۇق بولمىسا، ئاياللار ھەشەمەت داچىلاردا ئولتۇرۇپ، ئېسىل نەزۇ- نىمئەتلەرنى يېگەن تەغدىردىمۇ، ئۆزلىرىنى بەختلىك ھېس قىلىشمايدۇ، بەلكى قول تۇتۇشۇپ بىللە كېتىۋاتقان نامرات ئەر- خوتۇنلارغا ھەۋەس قىلىدۇ. شۇڭا باي ۋە زەردارلارنىڭ ئاياللىرى ئۆزلىرىنى «ئالتۇن قەپەزگە سولانغان قۇشقاچ»دەك ھېس قىلىشىدۇ.
بەزىدە توي- تۆكۈنگە مېڭىشنىڭ ئالدىدا، ئاياللار ئەرلىرىدىن «قايسى كۆينەكنى كەيسەم بولىدۇ؟» دەپ سوراپ قالىدۇ.
بۇنداق چاغدا، ئەرلەر ئاياللارنى سىلكىۋەتمەسىلىكى كېرەك. چۈنكى ئاياللار ئاشۇنداق كىيىم-كېچەك ۋە «بىمەنە» پاراڭلار ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىنى خۇش قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئايال كىشى قايسى كۆڭلەكنى كېيىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ بولغان بولىدۇ. بۇنى سوراشتىكى مەقسەت كىيىمنىڭ يارىشىملىقلىقىدىن ھوزۇرلىنىش بىلەن بىرگە، ئېرىنىڭ ماختاش سۆزلىرىنى ئاڭلاشتىن ئىبارەت. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھالال جۈپتىنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن، ئازراق ئېىغزنى ئۇپرىتىپ قويسا نېمە بولماقچىتى!؟
-ئارقاڭغا ئۆرىلە ...، ئەمدى يانغا ئۆرىلە.
-قانداقراقكەن؟
-پاھ پاھ پاھ، ئاۋۇ كۆينەكنى كىيسەڭ قىزىل گۈلدەك، ماۋۇ كۆينەكنى كىيسەڭ مودەنگۈل بولۇپ كېتىدىكەنسەن ئەمەسمۇ!
-ھى ھى ھى .... بۇنى كىيسەمچۇ؟
-بۇنى كەيسەڭ «نۇرىمانگۈل» بولۇپ كېتىدىكەنسەن!
-ھى ھى ھى... قىزىقچى!
ئاياللار مۇشۇنداق كېلىشتۈرۈپ ئېيتىلغان قىزىق گەپلەرگە ئامراق كېلىدۇ. ئىشقىلىپ، ئاياللارغا گەپتە باھانە تېىپىپلا بەرسە، ھەممە ئىشنى ماقۇل كۆرىۋېرىدۇ. ئەگەر بىرەر ئالاھىدە كۈندە ئايال كىشى «بۈگۈن ماڭا گۈل سوۋغا قىلمىدىڭغۇ؟» دەپ سوراپ قالغۇدەك بولسا، «ئۆزەڭ گۈلدەك چىرايلىق تۇرساڭ، گۈللەر ئالدىڭدا چېنىپ قالمامدۇ!؟» دەپ جاۋاب بېرىلسە، بۇ ئۆتكەلدىنمۇ ئايالنىڭ كۈلۈمسىرىشى بىلەن، ئاسانلا ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ. ئالىي مەكتەپتىكى بىر دوستۇم بىر قىزنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، «سىزگە گۈل سوۋغا قىلماسلىققا پەقەت باھانە سەۋەب تاپالمىدىم» دەپ ئەتىرگۈلدىن بىرنى سوۋغا قىلغان ئىدى. سىزنىڭچە ئۇ قىز ئەتىرگۈلنى قوبۇل قىلارمۇ؟
قىز- چوكانلار سەمىمىيەتلىك بىلەن قىلىنغان سوۋغىلارنى، بولۇپمۇ گۈلنى رەت قىلالمايدۇ.
گەپنى ئاياللارنىڭ سۆز ماھارىتىگە قايتۇرۇپ كەلسەك، ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى سۆزلەش ئۈچۈنلا سۆزلەيدۇ. ئۇلارنىڭ گېپىنىڭ ئېنىق بىر مۇددىئا ۋە مەقسىتى بولمايدۇ. لېكىن ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇنى چۈشەنمەيدۇ، ھەمدە ئاياللارنىمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش بىر مەقسەت ياكى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن گەپ قىلىدۇ، دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
- بۈگۈن بازارغا چىقىپ، ئالغان كۆكتاتلارنى جىڭلىتىپ بولۇپ، يانچۇقۇمغا قارىسام، پۇلنى ئالماي چىقىپتىمەن،- دەپ گەپ باشلىدى ئايشەمگۈل ئېرىگە بۈگۈنكى ئىشلارنى دوكلات قىلىپ.
- مەن ساڭا نەچچە قېتىم دېدىم، بازارغا چىققاندا يانچۇقۇڭنى بىر سىيلىۋەت دەپ،- دېدى ئەخمەت سەل تىرىككەندەك.
- شۇ ئالدىراپ قاپتىمەن. ئامال يوق كۆكتاتنى نېسىگە ئېلىپ تۇردۇم، ئاندىن پىيادىلەر يولىدىن ئۆتۈپ قايرىلىدىغان دوقمۇشتىكى ئويۇنچۇق دۇكىنىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئىلىيار (ئوغلى) بىر ئويۇنچۇقنى ئالىمەن دەپ يىغلاپ تۇرۋالدى، پۇل يوق بالام دېگەنگە ئۇنامدىغان ...
- مانا شۇنداق بولىتى ئەمەسمۇ، مەن ساڭا ......
- لېكىن قوشنىمىز ئايگۈزەل ئۇچراپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن 50 كوي ئېلىپ تۇردۇم، ئاندىن ئارقامغا يېنىپ كۆكتاتنىڭ پۇلىنى بېرىۋەتتىم، ئىلزات ئويۇنچۇقنى ...
- خەق بىزنى دىۋانىمىكىن دەپ قالمىسۇن، سەن شۇنچىۋالا .....
شۇ ئاخشامقى مۇڭدىشىش ئېنىقكى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. ئايالى بۇ گەپلەرنى دېگىنىگە مىڭ پۇشايمان قىلىپ، كۆڭلى يېرىم ھالدا ئۇخلاپ قالدى.
ئەمەلىيەتتە، ئاياللار كۆپرەك مۇڭدىشىۋېلىشنى مەقسەت قىلىپلا، بۈگۈن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئېرىگە دېگۈسى كېلىدۇ. ئەر پەقەت «ھە، ھە» دەپ ئاڭلاپ بەرسىلا ئىش تۈگەيدۇ. بەزىدە ئىچىگە دەردتىن تولا گەپ توشۇپ كەتكەن ئاياللار گېپىگە رەدىيە بېرىپ كېلىۋاتقان ئېرىگە ئوچۇق- ئاشكارە ھالدا «گېپىمنى بۆلمەي، ھە دەپ ئاڭلاپلا بېرە» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ قويۇپ، ئىچىدىكى گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى دەۋالىدۇ، ھەمدە خېلى يەڭگىللەپ قالىدۇ. شۇڭا ئاياللار گەپ باشلاپ قالغاندا، قوشۇق سېلىش ھاجەتسىز.
ئەرلەرگە تەۋسىيە شۇكى، ئايالىڭنىڭ گېپىنى بۆلىۋەتمە، كۆڭلىدىكىنى دەۋالسۇن. سەن پەقەت گەپنى ئاڭلاپلا قويساڭ بولدى. مۇمكىن بولسا مۇۋاپىق ماختاپ قوي. چۈنكى ئاياللار گەپلىرىنى دەۋالسا ياكى مۇۋاپىق ماختالسا، روھىي كۆتىرىلىپ، كەيپىياتى ياخشىلىنىپ قالىدۇ. ئايالنىڭ ياخشى كەيپىياتى ئائىلىگە نۇر بولۇپ يېغىپ، ھەممىگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ!
«ئاياللارنى چۈشىنەمسىز» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى
مۇندەرىجىسى
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !