ئالدى بىلەن دەيدىغىنىم، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى دورا ئەمەس ھەم كېسەل داۋالىمايدۇ. ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ راك كېسىلى، يۈرەك كېسىلى ۋە باشقا ھەر خىل ئېلانلاردا تەشۋىق قىلىنغان نۇرغۇنلىغان كېسەللەرنى داۋالايدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلار پۈتۈنلەي پاكىتسىز بولۇپ، مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەرنىڭ ئۆز تەتقىقاتچى خادىملىرىمۇ بۇ مەھسۇلاتلارنى دورا دەپ قارىمايدۇ ۋە كېسەل داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ دېمەيدۇ. كىيانى مەھسۇلاتى دېگەن زادى قانداق مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن كىيانى شىركىتىنىڭ باش بېكىتىگە كىرىپ قارىسام (http://www.kyanisupplementsonline.com/) كىيانى يېمەكلىك تولۇقلىمىلىرىنىڭ ئۈچ تۈرى بار ئىكەن: بۇلار كىيانى ئەتىگەنلىك شەپەق، كىيانى كەچكى شەپەق ۋە كىيانى نىترو XF. شىركەت تور بېتىدە بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئۈچ تۈرلۈك پايدىسى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ:
1. سىز ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ۋە مېنىراللارنى تەمىنلەيدۇ
2. بەدىنىڭىزنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاسرايدۇ، ساقلايدۇ ۋە قوغدايدۇ
3. ئۇلار ئەركىن رادىكاللارنى نېيتراللاشتۇرىدۇ، شۇڭا كېسەل خەۋىپىنى تۆۋەنلىتىپ سىزنى ئەڭ ساغلام تۇرۇشىڭىزنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدۇ
دېمەك، بۇ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى ئوزۇقلۇق ۋە مېنېراللارنى تولۇقلايدىكەن ۋە شۇ ئارقىلىق بەدەننىڭ ئىممۇنېت كۈچىنى ساقلاش ۋە ئاسراش رولىنى ئوينايدىكەن. يەنە بىرى، بۇ مەھسۇلاتلار تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار ئەركىن رادىكاللارنى نېيتىراللاشتۇرىدىكەن ۋە بۇ ئارقىلىق كېسەل خەۋىپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كىيانى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغان ئامېرىكىدىكى شىركەتمۇ بۇ مەھسۇلاتنى دورا دەپ ساتماپتۇ. ھەر ھالدا ئىشەنچلىك بولسۇن ئۈچۈن، مەن ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) گە ئېلخەت يازدىم ۋە ئۇلاردىن مۇنداق جاۋاب تاپشۇرۋالدىم:
بۇ خەتتە ئاساسلىقى FDA بۇ مەھسۇلاتنىڭ يېمەكلىك تولۇقلىمىلىرى قاتارىغا كىرىدىغانلىقى، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن FDA قانۇن بويىچە بۇ مەھسۇلاتنىڭ كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقى ۋە مېنىڭ بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلار ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىمەكچى بولسام «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە قوللىنىشچان ئوزۇقلۇقلار مەركىزى» دېگەن ئورگان بىلەن ئالاقە قىلسام بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. مەن شۇنىڭ بىلەن شۇ مەركەز بىلەن تېلېفۇندا سۆزلەشتىم ۋە ئۇلار ئەگەر مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان شىركەت بۇ مەھسۇلاتقا ئېنىق قىلىپ «يېمەكلىك تولۇقلىمىسى» دەپ يازغان بولسا ۋە FDA تەرىپىدىن كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكەن دورا دەپ يازمىغان بولسا بۇ شىركەتنىڭ تور بېتىدە يازغانلىرىنىڭ قانۇن دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. بۇنىڭىدىن كىيانى مەھسۇلاتلىرى دورا ئەمەس، بەلكى يېمەكلىك تولۇقلىمىسى، شۇڭا دورا ئورنىدا كېسەل داۋالاشقا ئىشلىتىلمەيدۇ، دېگەن قاراشقا كەلسەك بولىدۇ.
كىيانى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈندىداردا تارقىلىپ يۈرگەن ئېلانلىرىدىن نۇرغۇننى كۆردۈم، بەزىلىرىدە بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ راك كېسىلى، يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرىدىن تارتىپ، ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىق ۋە ھەر خىل ئاياللار كېسەللىرىگىچە بولغان 20 خىلدىن ئارتۇق كېسەللەرگە شىپا قىلىدىغانلىقى دېيىلگەن بولسا، يەنە بەزىلىرىدە تېخى كىيانى شەربىتىنى تاپقان ئالىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دەۋالغان بولۇپ، يالغانچىلىقتا ئۇچىغا چىققان دەپ باھا بېرىشكە بولىدۇ. بۇ ئېلانلاردىكى دارۋاڭلار ئىچىدە پەقەت ئۈچ ئېغىز گەپلا شىركەت دېگەن پايدىسى بىلەن بىردەك بولۇپ، 1) يۈز پىرسەنت تەبىئىي؛ 2) بەدەنگە كەم بولغان بارلىق ئوزۇقلۇق ۋە مىنرال ماددىلارنى تولۇقلايدۇ؛ 2) ئىممۇنېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق داۋالاش ئۈنۈمى ھەققىدىكى گەپلەر ئىشەنچسىز.
كىيانى شىركىتىنىڭ ھەقىقەتەن بىر تەتقىقات قوشۇنى بار بولۇپ، ئۇلار ئۆز مەھسۇلاتلىرى ھەققىدە ”ئاق تاشلىق ماقالە“ قىپتۇ. تۆۋەندىكىسى كىيانى ئەتىگەنلىك شەپەق ناملىق مەھسۇلاتى ھەققىدە كىيانى تەتقىقاتچىلىرى ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق ماقالىنىڭ بىرىنچى بېتى بولۇپ، بۇ ماقالىدە ئۇلار ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېگەن:
كىيانى مەھسۇلاتلىرى ۋە باياناتلىرى FDA تەرىپىدىن باھالانمىغان. كىيانى مەھسۇلاتلىرى ھەر قانداق كېسەل ياكى بىنورماللىق ئۈچۈن دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش، ساقايتىش ياكى ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلمەيدۇ.
كىيانى ئېلانلىرىدا كۆپتۈرۈلگەن پايدىلىرى ئىچىدە «راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈش» ۋە «ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى» دېگەنلەر ھەقىقەتەن كىشىنى غەزىپىنى قوزغايدۇ. بۇ گەپ بويىچە بولغاندا كىيانى شەربىتىنىڭ ئۈنۈمى بىلەن يەر شارىدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللەردىن بولغان باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشتىن كىلىپ چىقىدىغان ئۆپكە تۇبېركۇليوزى ۋە راك كېسەللىرى پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتسە توغرا بولاتتى. ئەگەر كىيانىنىڭ راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرىدىغان ئۈنۈمى ياكى باكتېرىيە ئۆلتۈرىدىغان ئۈنۈمى بولغان بولسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى راك تەتقىقاتى ۋە باكتېرىيەگە قارشى دورا تەتقىقاتى ئۈچۈن سېلىۋاتقان مىليارد دوللارلىق مەبلەغنى ئىشلىتىدىغانغا باشقا ئىش تاپقان بولاتتى. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، كىيانى قولدىن قولغا ئۆتۈپ سېتىلىدىغان بولغاچقا، پايدىنى كۆزلىگەن ساتقۇچىلار يالغان ۋەدىلەر ئارقىلىق بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئوبرازىغا داغ يەتكۈزگەن ۋە شىركەت تەرەپنىڭ ئوزۇقلۇق تولۇقلاشتا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى دېگەن ئەقىلغا مۇۋاپىق ئېلانىغىمۇ كىشىنى گۇمانلاندۇرۇپ قويىدىغان ھالاتكە يەتكۈزۈپ قويغان. ئەمەلىيەتتە، بۇ مەھسۇلاتلارنى شىركەتنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا دېيىلگىنى بويىچە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئۈچۈن ئىستىمال قىلسا شۇ خىل ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولۇشى مۇمكىن. بۇ مەھسۇلاتلارنى قانچە كۆپ ساتسا پايدىنىڭ ئەڭ كۆپى ئامېرىكىدىكى شىركەتلەرگە تېگىدۇ، ئاندىن قالسا ساتقۇچىلارغا تېگىدىغان بولغاچقا، ساغلاملىق مەھسۇلاتى ساتقۇچىلار ئەمەلىيەتنى كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق سېتىلىش مىقدارىنى ئاشۇرماقچى بولغان بولۇشىنى ئويلاپ يېتىش تەس ئەمەس. بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى سېتىش كېرەك، ئەمما راستنى راست دېيىش، ئەكسىچە مەھسۇلات ئۈنۈمىنى كۆپتۈرۈپ كىشىلەرنى ئالدىمىغان ئاساستا سېتىش لازىم. ئاددىيسى، بۇ مەھسۇلات راك كېسىلىمنى داۋالايدۇ دەپ ئويلاپ قالغان بىر بىمار، مۇشۇ ساغلاملىق مەھسۇلاتىنى ئىچىپلا، باشقا داۋالاشلارنى ئۈزۈپ قويسا ئېنىقكى مەيلى بىمار ئۆزىنى ئۆلۈمگە يېقىنلاشتۇرغان بولۇشى مۇمكىن چۈنكى راك ھۈجەيرىلىرى ھەر مېنۇت-ھەر سېكۇنت بۆلۈنۈپ كۆپيىىپ بارىدۇ. ئىقتىسادى يار بەرگەنلەر بۇ مەھسۇلاتلارنى باشقا داۋالاشنىڭ سىرتىدا، قوشۇمچە ئىستىمال قىلسا ئۇ ھالدا ئەلۋەتتە مېنىڭمۇ قارشى پىكىرىم يوق.
خۇلاسىلىغاندا، كىيانى مەھسۇلاتنىڭ راك كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتالايدىغانلىقى ۋە ياكى ھەر قانداق داۋالاش ئۈنۈمى بارلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىلمىي دەلىللەر مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىستىمالچىلار بۇ مەھسۇلاتلارنى پەقەت ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ، ئەمما كىيانى مەھسۇلاتلىرىنى ھەرگىزمۇ دورا ئورنىدا ئىستېمال قىلىپ باشقا داۋالاشلارنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.
بىلگەجان
(تېكساس بىئو-مېدىتسىنا تەتقىقات ئىنىستىتۇتى)
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى ئاپتور ۋە مەنبەسىنى قوشۇپ يېزىپ تارقاتسىڭىز بولىدۇ. بۇ ماقالىدىكى مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ئۆزۈم (تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەد بىلگە) دە. بۇ ماقالە شەخسىي بىلوگىم «بىلگە بىلوگى»دا دەسلەپ ئېلان قىلىندى.
بىلوگ ئادېرىسى: http://bilge.eldawa.com/
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !