سامساقنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، شېكەر ۋە ۋىتامىنA B C قاتارلىقلار مول بولغاندىن سىرت، يەنە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، كېسەللىكنى داۋالايدىغان بىر خىل تەركىب-سامساق ماددىسى بار. بىراق پىشۇرۇلغان سامساقنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبى ئاساسىي جەھەتتىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، شۇڭا ئۇ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. شۇڭلاشقا سامساقنى خام يېيىش كېرەك، دورىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلغان سامساق ئوبدان باش ئالغان، ئۇزۇن ساقلانغىنى بولسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ، تۆۋەندە سامساق بىلەن كېسەللىكنى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرىمىز:
ئۈچەي ياللۇغى، تولغاقنى داۋالاش: 15-20 گرام سامساقنى سوقۇپ يۇمشاتقاندىن كېيىن،سوغۇق قايناق سۇ بىلەن ھەر كۈنى ئەتىگەن كەچتە بىر ۋاقىتىن ئېچىلىدۇ.
سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىنى داۋالاش: سامساقتىن 1-2 باشنى يۇمشاق سوقۇپ، ماش شورپىسىغا ئاق شېكەر بىلەن قوشۇپ سېلىپ، سوۋۇتۇپ كۈنىگە ئىككى قېتىم ئىچسە بولىدۇ.
ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنى داۋالاش: 15 گرام سامساقنى ئەزگەندىن كېيىن بىر دانە تۇخۇمنى قايناۋاتقان سۇغا چېقىپ، (شېكەر ياكى تۇز سېلىشقا بولىدۇ)، سۇ ئىلمان بولغان چاغدا ئېزىلگەن سامساقنى سېلىپ ئەتىگەن كەچتە بىر قېتىمدىن ئىچسە بولىدۇ.
كۆكيۆتەلنى داۋالاش: 6-10 گرام سامساقنى ئېزىپ قايناق سۇ قوشۇپ، بىر كېچە تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا شېكەر سېلىپ كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئىچسە بولىدۇ.
زۇكامدىن بولغان باش ئاغرىش، بۇرۇن ئېتىلىپ قېلىش، مۇزلاش قىزىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە: سامساقنى سوقۇپ سۈيىنى چىقىرىپ، ئون ھەسسە سۇ قۇشۇپ، بىر كۈندە بىر قانچە قېتىم بۇرۇنغا تېمىتسا بولىدۇ؛10 گرامدىن سامساق، سۇڭپىيازنى ئېزىپ، قايناق سۇغا قارا شېكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىسسىقىدا ئىچسە بولىدۇ.
ئۆتكۈر بۇرۇن ياللۇغى، بۇرۇن بوشلۇقى ياللۇغىنى داۋالاش: سامساقنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئىككى ھەسسە ھەسەل قوشۇپ، ئۇنىڭغا پاختىنى چىلاپ بۇرۇن بوشلۇقىغا تىقساق بولىدۇ.
يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالاش: 500 گرام يالغۇز باشلىق سامساقنى شېكەر ئارىلاشتۇرغان ئاچچىقسۇغا 15-20 كۈن چىلاپ قويغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئاچ قورساق ۋاقىتتا 10 گرام سامساق، ئىككى قوشۇق ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلىنىدۇ. يېرىم ئاي بىر داۋالاش جەريانى بولىدۇ، بۇ ئۇسۇل بىلەن قان بېسىمىنى چۈشۈرگىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە دەم سىقىلىش، سوزۇلما خاراكتېرلىك نەپەس ياللۇغى، جاھىل يۆتەللەرنىمۇ داۋالىغىلى بولىدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !