ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن باشقا تارقىلىش يوللىرى

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > ئۇنۋىرسال >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2016-09-30 17:03:34

ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن باشقا تارقىلىش يوللىرى

 

                                             

ئەيدىز ۋىرۇسى قانداق تارقىلىدۇ       
كۆپ قىسىم ئادەملەر جىسنىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملۇنۇپ قالىدۇ. لېكىن تۆۋەندىكى يوللار ئارقىلىقمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش يۈز بېرىدۇ: پاكىزە بولمىغان يىڭنە ئەسۋاپلىرىنى ئىشلىتىش، ئەيدىز ۋىرۇسى بولغان قان سېلىش، ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇملۇنۇش. ھازىر بىز جىنسىي مۇناسىۋەتتىن باشقا تارقىلىش يوللىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە ئېغىر ھاراق ئىچىش، زەھەر چىكىش
ئىسپىرىت ۋە زەھەرلىك بۇيۇمنى ئىشلەتكەندە ئادەمنى تېخىمۇ ئاسانلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندۇرۇپ قويىدۇ. بۇ ئىسپىرىت ياكى زەھەرلىك بۇيۇمدا ئەيدىز ۋىرۇسى بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس، بەلكى كىشىلەر ھاراق ئىچكەندە ياكى زەھەر چەككەندىن كېيىن، مېڭىسى ئوچۇق بولمايدۇ، ئاسانلا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملۇنۇپ قالىدىغان خەتەرلىك ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللۇنىدۇ، ئەڭ كۆپ ئۇچىرايدىغىنى بىخەتەر بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش.
ھاراق ئىچىدىغانلار كۆپ، لېكىن بەزى ئادەملەر سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈدەك دەرىجىدە ئىچىدۇ، ئۇلار ھاراقكەش ئاتىلىدۇ. ھارقنى كۆپ ئىچىش سالامەتلىككە زېيىنى بولۇپلا قالمستىن يەنە كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەركىتىنىمۇ ئۆزگەرتىۋىتىدۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە خىزمەت ئىقتىدارىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بەزى ئادەملەر ئاساسى جەھەتتىن ھاراق ئىچمەيدۇ. ھاراق ئىچىش ئادەمنى توغىرا بولمىغان قارارلارنى چىىقىرىشقا سەۋەپچى بولۇپ قېلىپ، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملۇنۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، ئەرلەر ھاراق ئىچىشكە بېرىپ، پۇلىنى ھاراققا خەجلەپ تۈگىتىدۇ، ھەتتا ئائىلىسىدىكى بالىلىرىنىڭ ئاچ قېلىشى بىلەنمۇ كارى بولماي قالىدۇ. ئازراق ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، ئۇ يەنە پاھىشە ئاياللارنى ئىزدىشىمۇ مۇمكىن ــــــ گەرچە ئۇ ئايالنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بارلىقىنى بىلگەن تەقدىرىدىمۇ.
ئېغىر دەرىجىدە ھاراق ئىچىشكە ئوخشاش، زەھەر چىكىشمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىدۇ. زەھەر چىكىدىغانلار بەلكىم ئىپپىتىنى سېتىش ئارقىلىق زەھەرلىك بۇيۇم ياكى پۇلغا ئېرىشىشى مۇمكىن. ئۇلار زەھەرلىك بۇيۇمغا تەلپۈنۈپ بىخەتەر بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ خەتىرىگە سەل قارايدۇ. ئۇكۇل ئۇرۇش ئارقىلىق زەھەر چىكىشنىڭ خەتىرى باشقىلار ئىشلىتىپ بولغان شىفرىسنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملۇنۇپ قېلىش. بۇنداق پاكىزە بولمىغان شىفرىشنى ئىشلىتىپ زەھەر چىكىدىغانلار، ئۇكۇل ئۇرىدىغان چاغدا شىفرىشتا قېلىپ قالغان باشقىلارنىڭ قېنىنىمۇ ئۆزىگە ئۇرىۋېتىدۇ، ئەگەردە قاندا ئەيدىز ۋىرۇسى بولۇپ قالسا، ئۇ بەلكىم مۇشۇ تۈپەيلى يۇقۇملۇنۇپ قېلىشى مۇمكىن.
بەزى دۆلەتلەردە، پەقەت دوختۇر رىتسىپ يېزىپ بەرگەندىلا ئاندىن شىفرىس سېتىۋالغىلى بولىدۇ. شۇ تۈپەيلى زەھەر چەككۈچىلەر خىروئىن چەككەندە، دائىم قاراڭغۇ بازاردىن سېتىۋالىدۇ ياكى باشقا زەھەر چەككۈچىلەردىن ئارىيەتكە ئالىدۇ. ئامېرىكىنىڭ نېۋيوروك شەھرىدە، زەھەر چەككۈچىلەر «زەھەر چىكىش ئۆيى»گە بېرىپ زەھەر چىكىدۇ، ئۇ يەردە ئۇلار باشقىلار ئىشلەتكەن شىفرىسنى ئارىيەتكە ئالالايدۇ، لېكىن بۇ شىفرىسلارنى ئاللابۇرۇن ھەر خىل ئادەملەر ئىشلىتىپ بولغان بولىدۇ، ئىشلەتكەنلەر قانچە كۆپ بولغانسىرى، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىمۇ شۇنچە تېز ۋە ئاسان بولىدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە قان سېلىش
قان ياكى قان بىلەن ياسالغان بۇيۇملار بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتغۇزالايدۇ، لېكىن خەتەرنىڭمۇ شۇلاردىن كېلىش ئىمكانىيتى بار. ئەگەردە قان ياكى قان بىلەن ياسالغان بۇيۇملار ئىچىكە بولغان تەكشۈرۈش ياكى سىناقتىن ئۆتمىگەن بولسا، كىشىلەر بەلكىم قان سېلىش تۈپەيلى بەزى كىسەللىكلەرگە گىرىپدار بولىشى مۇمكىن، ئەيدىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. تەشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن قان ياكى قان بىلەن ياسالغان بۇيۇم ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملۇنىشنىڭ پۇرسىتىنى، ئەيدىز ۋىرۇسى بولغان قان تەقدىم قىلغۇچىنىڭ سانى بەلگىلەيدۇ. مەسىلەن، ئەگەردە بىر شەھەردە %25 قان تەقدىم قىلغۇچى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بولسا، ھەمدە ئۇلار ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارمىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ شەھەردىكى 1/4 قاندا ئەيدىز ۋىرۇسى بولىدۇ.
دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بەزى ئالاھىدە ۋاستىلەرنى قوللۇنۇپ داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان قاندا ئەيدىز ۋىرۇسى بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇلار ئاۋال قان تەقدىم قىلغۇچىنى سايلايدۇ، ئاندىن قاندا ئەيدىز ۋىرۇسى بار يوقلىقىغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، قاندا ئەيدىز ۋىرۇسى ياكى باشقا مىكرو جانلىقلارنىڭ بولۇش پۇرسىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، قان پونكىتىدىكى خىزمەتچى خادىملار قان تەقدىم قىلغۇچىدىن جىنسى مۇناسىۋەت ئەھۋالى ۋە زەھەر چىكىش قىلمىشى بار يوقلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگەللەيدۇ، ھەمدە ئاشۇنداق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملۇنىش ئىھتىماللىقى بار بولغان خەتەرلىك ئاممىغا قان تەقدىم قىلشقا قاتناشماسلىقىنى ئېيتىدۇ، مۇشۇ ئۇسئۇللار ئارقىلىق قان تەقدىم قىلغۇچىغا قارىتا دەسلەپكى تاللاشنى ئېلىپ بېرىپ، داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان قاندىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئاشۇ ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى كۆپ بولغان رايونلاردا، لاياقەتلىك بولغان قان تەقدىم قىلغۇچىنى تاپماق ئىنتايىن تەس.
قان ساتقۇچىلارنىڭ ھەقسىز قان تەقدىم قىلغۇچىلارغا قارىغاندا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملۇنىش نسبىتى تېىىمۇ يۇقۇرى، چۈنكى قان ساتقىلى كەلگەن ئادەم بەلكىم ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى يوشۇرىشى مۇمكىن.
ئوخشاشلا قان ساتقۇچى زەھەر چىكىش ۋە پۇل ئۈچۈن ئىپپىتىنى سېتىش ياكى ئەيدىز يۇقۇمدارى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن قان بىلەن تەمىنلىگۈچىگە پۇل بېرىشنى ھەرگىزمۇ قوللاشقا بولمايدۇ.
قان تەقدىم قىلغۇچىنىڭ ئەھۋالىنى سوراشتىن باشقا، قان پونكىتى يەنە يىغىپ كېلىنگەن قانلارغىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرىشى ئېلىپ بېرىشى، تەركىبىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بولغان قاننى تاشلىۋېتىشى كېرەك. پەقەت تەكشۈرگەندە دەسلەپكى مەزگىلىدە بولمىسلا، ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا تەكشۈرۈشنىڭ توغرىلىق نىسبىتى ئىنتايىن يۇقۇرى بولىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلنىڭ كۆرسىتىدىغىنى ئادەمنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملۇنۇپ تېنىدە ئانتىتېلا پەيدا بولغۇچە بولغان ۋاقىتتىكى بىر مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەزگىلدە، گەرچە بەدىنىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بولسىمۇ، ئانتىتېلا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە يەنىلا مەنپىي كۆرۈلىدۇ. ھازىر قان تەقدىم قىلغۇچىنى تاللاش ۋە قاننى تەكشۈرۈشنى يولغا قويغان رايونلاردا، قان سېلىش تۈپەيلى ئەيدىز ۋىرۇسىغا گىرىپدار بولغانلارنىڭ سانى خېلىلا تۆۋەنلىدى.
قان سېلىشتا چوقۇم ئادەمگە ئېلىپ كېلىدىغان زېيىنى ۋە پايدىسىنى ياخشى ئۆلچەش كېرەك. ھەرگىزمۇ پەقەت داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ ياخشىراق بولۇشى ياكى بىمارنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشى ئۈچۈنلا قان سېلىشنى تاللاشقا قەتتى بولمايدۇ. مەيلى قان تەكشۈرۈشى قانچىلىك ياخشى ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، يەنىلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملۇنۇش ئېھتىماللىقى بار. شۇڭا قان سېلىشتىن بۇرۇن، دوختۇر چوقۇم بىمارنىڭ راستىنلا ھەقىقەتەن قانغا موھتاج ياكى موھتاج ئەمەسلىكىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىنىشى كېرەك. ئون نەچە يىل ئالدىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ھازىر كۆپ سانسىكى دوختۇرلار بىمارغا قان سېلىشى سالماسلىقنى بېكىتىدىغان چاغدا ئىنتايىن ئەستايىدىل بولۇپ كەتتى. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولۇدىكى، ئەگەر قان سېلىش ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇشقا توغىرا كەلسە، قان سېلىشنىڭ پايدىلىق تەرىپى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش خەتىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. سىز تۇرۇۋاتقان رايوننىڭ قاننى قانداق تەكشۈرىدىغانلىقىنى، ھەمدە قان بىلەن ياسالغان بۇيۇملاردا ئەيدىز ۋىرۇسى بولۇش پۇرسىتىنىڭ قانچىلىك بولۇدىغانلىقىنى ئىگەللىشىڭىز كېرەك.
ئەلۋەتتە، پەقەت پاكىزە بولغان شىفرىستا قان ئالغاندا، قان تەقدىم قىلغۇچى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمايدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان كىشىلەرنىڭ قان تەقدىم قىلىشىنى رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك، بۇنداق بولسا ھەم قان بىلەن ياسالغان بۇيۇمنىڭ تەمىللىنىشىنى كۆپەيتكىلى ھەمدە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. يەنە بەزى ئاماللارمۇ قان سالغاندا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملۇنىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل ئۇسۇل بولسا بىمارنى ئوپىراتسىيە قىلىشتىن بىر قانچە ھەپتە بۇرۇن ئۆزىنىڭ تېنىدىن قان ئېلىپ ساقلاش. بۇنداق بولغاندا، ئەگەردە ئوپىراتسىيەدە قان كېرەك بولسا، بىمارغا ئۆزىنىڭ قېنىنى قايتا ئۇرۇۋېتىدۇ. بۇ ئەڭ بىخەتەر بولغان بىر خىل قان سېلىش ئۇسۇلى. لېكىن ئەمەلىي تۇرۇشتا دائىم ئۆزىنىڭ قېنىنى ئېلىپ ساقلاشقا يىتەرلىك ۋاقىت بولمايدۇ، ياكى قان ئامبىرىدا بۇ قاننى ساقلاشقا يىتەرلىك بولغان بوشلۇق بولمايدۇ.
كىشىلەر دائىم بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قېنى باشقا تونۇمايدىغان كىشىنىڭ قېنىدىن بىخەتەر دەپ ئويلايدۇ. لېكىن، ئەمەلىيەت دائىم بۇنداق بولماي قالىدۇ. چۈنكى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملۇنۇپ قالغانلىقىنى يوشۇرۇش تېخىمۇ بەكرەك لازىم بولىدۇ. مەسىلەن، بىر ئايال بەلكىم ئۆيدىكىلىرگە ئۆزىنىڭ تويدىن بۇرۇنقى جىىنسىي مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئېيتىشى ئىنتايىن تەسكە توختايدىغان بىر مەسىلە.

ئانا،بوۋاق ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى
ئەيدىز ۋىرۇسى ھامىلدار بولۇش، تۇغۇش ۋە ئېمىتىش ئارقىلىق يۇقۇملۇنىدۇ. ۋىرۇس بىر قۇرامىغا يەتكەن كىشىدىن يەنە بىر قۇرامىغا يەتكەن كىشىگە يۇققان بولمىغانلىقى، بەلكى ئانىدىن تۆۋەنگە قاراپ بالىغا يۇققانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل تارقىلىش شەكلى « تىك سىزىق بويچە تارقىلىش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بار بولغان ئايال ئەگەردە ھامىلدار بولسا، تەخمىنەن 1/3 ئادەم ھامىلدار بولۇش ياكى تۇغۇش ئارقىلىق ۋىرۇسنى بوۋاققا يۇقۇملاندۇرۇپ قويىدۇ. ئەگەر ئانا ئانتىتېلا دورىسى ئىشلەتسە، بۇ پىرسەنت كۆپ نىسبەتتە تۆۋەنلەيدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بالىغا يۇقۇملىنىشىدىن ساقلىنىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولسا، ئانىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملۇنىشىدىن ساقلىنىشتۇر. ئەگەر ئانا بۇرۇنلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولسا، يەنە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ بىر يۇقۇملانغان بالا تۇغۇشنى خالىمىسا، ئۇنداقتا ئۇ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھامىلدار بولمىسا بولىدۇ. ئوخشىمىغان رايونلاردا ئوخشىمىغان ئاماللار قوللۇنۇلىشى مۇمكىن. ئەڭ كۆپ ئۇچىرايدىغان ئۇسۇللار بولسا گاندون، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش يېڭنىسى، بالاياتقۇ بوينى قالپىقى، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قالپىقى، بالىياتقۇ ھالقىسى، تېرە ئاستىغا كۆمۈدىغان دورىسى قاتارلقلار. بەزى ئاياللار پەقەت ھەيىز كېلىشنىڭ ئالدى ۋە كەينىدىلا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدۇ، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ھامىلدار بولۇشنىڭ ئېھتىماللىقى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ، بۇ خىل ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى « بىخەتەر مەزگىلدىكى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى » دەپ ئاتىلىدۇ، لېكىن بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ كۆپىنچە ھالدا ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمايدۇ.
ئەگەردە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئايال ھەقىقەتەن ھامىلدار بولۇپ قالسا، ئۇ بەلكىم بالىنى چۈشۈرىۋېتىشى مۇمكىن، لېكىن دۇنيادىكى بەزى جايلاردا بالا چۈشۈرىۋېتىش بولسا قانۇنسىز. بەزى جايلاردا بالا تۇغۇش بولسا بىر چوڭ ئىش ھېساپلىنىدۇ، ھەتتا بەزى ئاياللار ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلسىمۇ، يەنلىلا بالىنى تۇغۇشنى تاللايدۇ. بالىنى تۇغۇش كېرەكمۇ تۇغماسلىقمۇ دىگەن تاللاش ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ، بۇ كۆپىنچە ھالدا يولدىشى، ئائىلە، جەمىيەت قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئامىللارغا چېتىلىدۇ، يەنە بەلكىم ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرىشىمۇ مۇمكىن. دۇنيادا كۆپ جايلاردا، ئاياللارنىڭ ھەتتا بالىنى تۇغۇش-تۇغماسلىقنى تاللاش ھوقوقىمۇ بولمايدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر ئايال بالا تۇققاندا ئۇنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان-يۇقۇملانمىغانلىقىنى بېلەلىشى ئىنتايىن تەس. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا قۇرامىغا يەتكەنلەرگە ئېلىپ بارىدىغان تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچىرايدىغان تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بولسا قاندىكى ئانتىتېلانى تەكشۈرۈش، لېكىن بۇ بوۋاقلارنىڭ قېنىدا ھەممىسىدە ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسى بولىدۇ، چۈنكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانىنىڭ ئانتىتېلاسى بوۋاقنىڭ تېنىگە كىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى تەكشۈرگەن ئانتىتېلا بالىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ــــــ پەقەت بوۋاقتا ئانىنىڭ ئاتىتېلاسى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ ئانتىتېلا بوۋاقنىڭ تېنىدە پەقەت 15 ئايلا تۇرالايدۇ. 15 ئايدىن كېيىن ئاندىن بالىغا قارتا قۇرامىغا يەتكەنلەرنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ئەگەردە بۇ ۋاقىتتىمۇ بالىنىڭ تېنىدا يەنىلا ئانتىتېلا بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بوۋاقلار بىر-ئىككى ياشقا بارمايلا ئەيدىز بىمارىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ھامىلدار ئاياللار بىلەن بۇ مەسىلىنى مۇنازىرەلەشكەندە، ئۇلانىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە بوۋاققا ئائىت بەزى مۇھىم بولغان بىلىملەرنى ئىگەللىشىگە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.

 



تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • قىزلار يىگىتلىرى ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە بولمايدىغان ئىشلار
  • دىئابېت بىمارلىرى مېۋە يېسە بولامدۇ؟
  • قېرىش ھەققىدىكى يېڭى نەزەرىيە
  • قانداق كېسەللەر جۇڭگو تېبابىتىدە داۋالانسا بولىدۇ؟
  • بېسىم كۆپ مۇھىتتا ياشىغان ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇش نىسبىتى %40 تۆۋەنلەپ كېتىدۇ
  • ئاياللار تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، يۈزىگە سەپكۈن چۈشىدۇ
  • جىنىسىي ئىقتىدار بىلەن يۈرەكنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
  • ئەركەكلىكنىڭ بەش خىل ئىپادىسى
  • ئاياللار تۇغۇتلۇق ۋاقتىدا، ئەرلەرنىڭ دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقى
  • شوخ كىشىلەر تېخىمۇ جەلپكار بولىدۇ
  • قەھۋەنى قانچىلىك ئىچكەندە ئۈنۈمى بولىدۇ؟ بۇنى گېن بەلگىلەيدۇ
  • ئەرلەرگە ياقىدىغان يېمەكلىكلەر
  • ئاياللار پىسخكىسىنى تەڭشەشتە...
  • ھەيز مەزگىلىدە باش يۇيۇشقا بولامدۇ؟
  • بىزدىكى يېڭى خۇراپات-ساغلاملىق مەھسۇلاتىغا قارىغۇلارچە ئىشىنىش
  • سېمىز ئادەم ئورۇقلىسا، مەستلىكى ئاسان يېشىلىدۇ
  • ئاياللار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنىڭ ئالتە چوڭ سەۋەبى
  • تېرىدىكى سېرىقلىقنى يوقىتاي دېسىڭىز...
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن باشقا تارقىلىش يوللىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • خىروئىن ۋە ئەيدىز ۋەيران قىلغان بىر ئائىلە

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك كىچىك ھالقىلار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ھامىلىدار ئاياللار چىش يۇلدۇرماسلىقى كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • فارفور قاچا-قۇچىلاردىكى قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كىندىككە دورا سۈركەش ئارقىلىق جاھىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • مۇۋاپىق ھەرىكەتلىنىش يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالاشقا پايدىلىق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بىر ئەرنىڭ ئەيدىز بولۇش تارىخى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى 10 تەدبىر- بەشنى كۆپ قىلىش، بەشنى ئاز قىلىش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تېرىنىڭ قارىداپ يېرىلىشىپ كېتىشى ئاشقازان راكىنىڭ بەلگىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • جىنىسي ھەۋەسنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇش سەۋەبى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار تۇخۇم ئىستېمال قىلسا بولامدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۈرەك ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

  • ھامىلىدار ئاياللار چىش يۇلدۇرماسلىقى كېرەك

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى
  • راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى 10 تەدبىر- بەشنى كۆپ قىلىش، بەشنى ئاز قىلىش

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى
  • كىندىككە دورا سۈركەش ئارقىلىق جاھىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى
  • فارفور قاچا-قۇچىلاردىكى قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى
  • مۇبارەك بولسۇن دوستۇم، سىز ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قاپسىز!

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى
  • نېمە ئۈچۈن ھاراق ئىچكەندە ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىدۇ؟

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى
  • يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى
  • مۇۋاپىق ھەرىكەتلىنىش يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالاشقا پايدىلىق

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى
  • بىر ئەرنىڭ ئەيدىز بولۇش تارىخى

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى
  • كولا، سۈت، «قىزىل كالا» ئىچىملىكىنى ئارىلاشتۇرسىڭىز مۇنداق ئىچىملىك ھاسىل بولىدۇ

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى
  • باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

  • كولا، سۈت، «قىزىل كالا» ئىچىملىكىنى ئارىلاشتۇرسىڭىز مۇنداق ئىچىملىك ھاسىل بولىدۇ
  • كولا، سۈت، «قىزىل كالا» ئىچىملىكىنى ئارىلاشتۇرسىڭىز مۇنداق ئىچىملىك ھاسىل بولىدۇ
  • كولا، سۈت، «قىزىل كالا» ئىچىملىكىنى ئارىلاشتۇرسىڭىز مۇنداق ئىچىملىك ھاسىل بولىدۇ
  • كولا، سۈت، «قىزىل كالا» ئىچىملىكىنى ئارىلاشتۇرسىڭىز مۇنداق ئىچىملىك ھاسىل بولىدۇ
  • كولا، سۈت، «قىزىل كالا» ئىچىملىكىنى ئارىلاشتۇرسىڭىز مۇنداق ئىچىملىك ھاسىل بولىدۇ
  • كولا، سۈت، «قىزىل كالا» ئىچىملىكىنى ئارىلاشتۇرسىڭىز مۇنداق ئىچىملىك ھاسىل بولىدۇ
  • كولا، سۈت، «قىزىل كالا» ئىچىملىكىنى ئارىلاشتۇرسىڭىز مۇنداق ئىچىملىك ھاسىل بولىدۇ
  • كولا، سۈت، «قىزىل كالا» ئىچىملىكىنى ئارىلاشتۇرسىڭىز مۇنداق ئىچىملىك ھاسىل بولىدۇ
  • كولا، سۈت، «قىزىل كالا» ئىچىملىكىنى ئارىلاشتۇرسىڭىز مۇنداق ئىچىملىك ھاسىل بولىدۇ
  • كولا، سۈت، «قىزىل كالا» ئىچىملىكىنى ئارىلاشتۇرسىڭىز مۇنداق ئىچىملىك ھاسىل بولىدۇ
  • باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننى جاۋابكار قىلىدىغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىشى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادا قايسى ماركىدىكى ئاپتوموبىل ماتورىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەسى پات- پات يۈز بېرىدىغان 10 چوڭ شەھەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • رۇسىيە بۇرۇنلا ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا كاشىلا قىلىش قىلمىشىدا بولغان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى ئەڭ غەلىتە توي قىلىش ئادەتلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر دۆلەت بايرىمىنى قانداق تەبرىكلەيدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دوختۇرخانا بەلگىلىمە چىقىرىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ iPhone7 ۋە iPhone7 Plus سېتىۋېلىشىنى چەكلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكا دۇنيادىكى 2016-يىللىق ئەڭ قالتىس ئون چوڭ SUV تىزىملىكىنى باھالاپ چىقتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئالدىن %20 پۇل تۆلەپ ماشىنا سېتىۋالغىڭىز بارمۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015