چارچاشتىن بولغان يۈرەك سانجىقى: بۇنداق يۈرەك سانجىقى دائىم ئەمگەك، ھەرىكەت قىلغاندا، تاغ ۋە بىنالارغا چىققاندا، ۋېلىسىپىت مىنگەندە قوزغىلىدۇ، بىر ئاز دەم ئالغاندىن كېيىن تۈزۈلىدۇ.
كەيپىيات ئۆزگىرىشىدىن بولغان يۈرەك سانجىقى: بۇ بەك ھاياجانلانغاندا، ئەنسىرىگەندە ۋە ئاچچىقنى باسالمىغاندا قوزغىلىدۇ، بۇنىڭدا نەپەس بوغۇلۇش، ئىچى سىقىلىش، جىددىيلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
قورساق توقلۇقتىن بولغان يۈرەك سانجىقى: قورساق تويغاندا قان ئاشقازان، ئۈچەيگە ئېقىپ يۈرەك مۇسكۇللىرىنى يېتەرلىك قان بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ، قاندىكى ياغ تەركىبى ۋاقتىنچە ئۆرلەپ، يۈرەك مۇسكۇللىرىغا ئوكسىگېن يېتىشمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن توقلۇقتىن بولغان يۈرەك سانجىقى كېلىپ چىقىدۇ.
توڭلاشتىن بولغان يۈرەك سانجىقى: قىش پەسلىدە ئۆي بىلەن سىرتنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، ئادەم ئىسسىق ئۆيدىن بىردىنلا سىرتقا چىقىپ مۇزلىغاندا بۇنداق كېسەللىك قوزغىلىدۇ.
قان ئازلىقتىن بولغان يۈرەك سانجىقى: قان ئاز بولغاندا قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ئازىيىپ، ئوكسېگىن يەتكۈزۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن يۈرەك مۇسكۇللىرىدا ئوكسىگېن يېتىشمەيدۇ.
ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك يۈرەك سانجىقى: بۇنداق خاراكتېرلىك يۈرەك سانجىقىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، دەم ئالغاندا كۆكرەك ئاغرىيدۇ، كېيىنكى يېرىم كېچىدە ياكى سەھەردە ۋە ياكى باشقا بەلگىلىك ۋاقىتتا قوزغىلىدۇ. قوزغىلىش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولۇپ، ئۆتكۈر يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدەك 10-15مىنۇت داۋاملىشىدۇ.
چېتىلىش خاراكتېرلىك يۈرەك سانجىقى: بۇنىڭدا يۈرەكنىڭ ئالدى تەرىپى ئاغرىماستىن، بويۇن، چىش، قول، بارماق، تاپان، قورساق ئاغرىيدۇ.
ئۇيقۇ خاراكتېرلىك يۈرەك سانجىقى: بۇ كېچىسى تۇيۇقسىز قوزغىلىدۇ، يۈرەك ئالدى ئاغرىيدۇ، كۆكرەك بېسىلغاندەك تۇيۇلىدۇ، كىشى چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىدۇ.
يېتىش خاراكتېرلىك يۈرەك سانجىقى: بۇ يېتىپ دەم ئالغاندا قوزغىلىدۇ، ئورنىدىن تۇرۇپ ئولتۇرغاندا، ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ ھەرىكەت قىلغاندا تۈزۈلىدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !