تيەنجىنلىك ئوقۇرمەن جاڭ ئەپەندىم مۇنداق سورىغان: يېقىنقى نەچچە كۈندىن بۇيان كەيپىياتىم بەكلا چۈشكۈن, ئۆيگە قايتقۇم كەلمەيدۇ. يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان, خوتۇنۇم ئىزچىل قېيداپلا يۈرىدۇ, گەپ-سۆزلىرىدە مەنسىتمەسلىك ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ, بۇنىڭ سەۋەبى مېنىڭ خىزمىتىمنىڭ ئوڭۇشسىز بولۇپ, مائاشىمنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
خوتۇنۇم بۇنىڭدىن ئىنتايىن رازى ئەمەس, مېنى كۆرسىلا قاقشايدۇ, مېنىڭمۇ ئۆيگە قايتقۇم كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى, مەن ئۇنىڭغا قانداق يۈزلىنىشىم كېرەك؟ نىكاھ ۋە ھېسسىيات مۇتەخەسسىسى, دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك پىسىخىكا مەسلىھەتچىسى لى خۈيلى بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: سىزنىڭ خوتۇنىڭىزنىڭ ئىپادىسىدەك ئەھۋاللار تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدۇ, بولۇپمۇ ئىقتىسادىي بېسىم بىر قەدەر چوڭ بولغان ئائىلىدە, ئاياللار ئېرىنىڭ كىرىمىگە بىر قەدەر سەزگۈر كېلىدۇ.
بۇ ئاياللارنىڭ ئادىمىيلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىن ياكى ماددىي دۇنياغا زىيادە ئامراقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ, پەقەت مۇشۇ خىل «قاقشاش» ئۇسۇلى ئارقىلىق كەيپىياتىنى ئىپادىلەيدۇ, ھەتتا مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئېرىنىڭ تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ, ئەمما نەتىجىدە ئېرىنىڭ غۇرۇرىغا تېگىپ, ئىختىلاپ پەيدا قىلىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋالدا ئېرى سۈكۈتتە تۇرىۋالماسلىقى ياكى ئۆزىنى ئېلىپ قاچماسلىقى كېرەك, بىۋاسىتە خوتۇنى بىلەن تېغمۇ تىغ دېيىشمەسلىك كېرەك.
ئەرلەر بۇنداق ۋاقىتتا مۇۋاپىق ئۇسۇلدا خوتۇنىغا تۇرمۇش كەچۈرۈشتە پۇلنىڭ ئەلۋەتتە كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى, ئۆزىنىڭ چوقۇم تىرىشىپ, تۇرمۇشنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك. ئەمما ناۋادا ئەر-خوتۇن ھەر ئىككىلىسى پۇل ئاز بولۇش سەۋەبلىك تالاش-تارتىش قىلسا, ئازابلىغان ھېسسىياتنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولماسلىقى مۇمكىن.
ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن, ئېرى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا, كۆپرەك تەسەللىي ۋە مەدەت بېرىپ, ئۆزىنىڭ كۆيۈمىنى يەتكۈزۈپ, قوللاپ, بۇ قىيىنچلىقتىن قۇتۇلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !