مۇھەببەت ئاجايىپ قۇدرەتلىك كۈچ, ئەمما, ئۇ سىزنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىڭىزگە ماسلىشىپ كېتەلمەيدۇ, قىزلار باشقىلار ئۈچۈن ئۆز بەختىنى قۇربان قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەك.
1. ئۆز غايىسىدىن ۋاز كېچىش. ناۋادا يىگىتىڭىز سىزنى غايىڭىزدىن ۋاز كەچكۈزمەكچى بولسا, ئۇنداقتا, بۇ ھەقىقىي مۇھەببەت بولمايدۇ, ھەقىقي مۇھەببەت قىزلارنى يىگىتى بىلەن بىرەر غايىنى تاللاشقا مەجبۇر قىلمايدۇ. ھەر قانداق بىر قىز يىگىتى ئۈچۈن مەڭگۈ ئۆز غايىسىدىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك.
2. ئۆز ئەقىدىسىنى ئۆزگەرتىش. ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا ئەقىدىسى ۋە دۇنيا قارىشى بولىدۇ.
يىگىت بولغۇچى لايىقىنىڭ تاللىىشىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك, لايىقىنى ياخشى كۆرگەن يىگىت ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنمايدۇ.
3. يىگىتى ئۈچۈن تاشقى قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش. يىگىتىڭىز ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا تاشقى قىياپىتىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق, ئۇنىڭ سىزنىڭ كىيىنىشىڭىز, يۈرۈش-تۇرۇشىڭىزنى ئۆزگەرتمەكچى بولغىنى سىزنى ھەقىقىي سۆيمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ سىزنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكىڭىزدىن زوقلانمىسا, ئۇ سىزنىڭ سۆيىشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ.
4. يېقىن دوستلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتىنى قۇربان قىلىش. ئەركىن ۋاقىتلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى يىگىتىڭىزگە ئاتىۋەتمەسلىكىڭىز كېرەك. ئائىلىڭىز ۋە دوست-بۇرادەرلىرىڭىزمۇ كەلگۈسىدە سىزگە ئەسقاتىدۇ, ئۇلار بىلەن بىرگە بولۇش ۋاقتىڭىزغا سەل قارىماسلىقىڭىز كېرەك.
5. ئۇنىڭغا ياخشىچاق بولغان قىياپەتكە كىرىۋالماڭ.
6. يىگىتىڭىز ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئاچ قويماڭ. ساغلاملىقتىن مۇھىم نەرسە يوق, ئورۇقلىسىڭىز بولىدۇ, ئەمما ئۆزىڭىز ئۈچۈن بولسۇن, ھەرگىزمۇ يىگىتىڭىزنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن بولمىسۇن.
7. باشقىلارنىڭ كونتروللىقىغا ئۇچرىماڭ. ئۇ تۇرمۇشىڭىزنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىۋالسا بولمايدۇ, تۇرمۇشىڭىزنىڭ ھەقىقىي ھۆكۈمدارى يەنىلا ئۆزىڭىز
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !