نۇرغۇن ئالىملارنىڭ قېرىش ھەققىدىكى ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيىلىرى گېن جەھەتتە بايان قىلىنغان بولۇپ، گېننىڭ سىگنال يەتكۈزۈشتىكى خاتالىقى قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارىلىپ كەلگەن. لېكىن پاكىستانلىق بىر بىئولوگىيە ئالىم كۆپ يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بەدەندىكى سۇ تەركىبى تەڭپۇڭلۇقىنىڭ يوقىتىلىشى قېرىشنىڭ ئاساسى سەۋەبى دېگەن يېڭى كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، سۇ تۈرلۈك ئوزۇقلۇقلارنى يەتكۈزۈش ۋاستىسى بولۇپ، ئادەم ياشانغانسېرى بەدەندىكى سۇ تەركىبى ئازىيىپ سوزۇلما خاراكتېرلىق سۇ يوقىتىش كېلىپ چىقىدىكەن. تېرە ھۈجەيرىلىرىدىكى سۇ تەركىبىنىڭ ئازىيىشى پۈتۈنلەي ئوزۇقلىنىشتا توسالغۇ پەيدا قىلىپ، تېرە ئاستىدىكى ياغ ۋە ئىلاستىكىلىق توقۇلمىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى ۋە تېرە ياغ بېزى ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى، تېرە قۇرغاقلىشىش، قورۇق كۆپىيىش، شۆلگەي يېتىشمەسلىك ھەم روھىي چۈشكۈنلۈك، سوزۇلما خاراكتېرلىك قەۋزىيەت بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
ھاياتلىقتىكى ماددا ئالمىشىش داۋامىدا سۇ يوقىتىش بىلەن بىللە، بىر خىل ماددا ئالمىشىش مەھسۇلاتى پەيدا بولىدۇ، بۇنداق ماددا ئالمىشىش مەھسۇلاتى جانلىقلار تېنىدىكى قىل قان تومۇرلىرىغا پەيدىنپەي يىغىلىپ، تەندىكى سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئايلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ماددا ئالمىشىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ، بۇ قېرىشنىڭ باشلىنىشىدۇر.
بۇ ئالىم يەنە« نۆۋەتتە ئادەملەرنىڭ ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىغان قېرىمايدىغان شىپالىق دورا تېخى ۋۇجۇدقا كەلمىدى، ئەگەر جانلىقلار تېنىدىكى سۇ يوقىتىش جەريانى تىزگىنلەنسە ياكى كەينىگە سۈرۈلسە ھايات ئۇزىرىشى مۇمكىن» دېگەن. شۇڭا،ئادەم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۈچۈن تەندىكى سۇ تەركىبىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئەڭ ياخشى ھالەتتە ساقلىشى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلار ئېغىزى قۇرۇمىسىمۇ ئۇسسۇزلۇق ئىچىپ، تۇرۇشقا ئادەتلىنىشى كېرەك.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !