ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار پەرزەنتلىك بولۇشقا بولامدۇ؟

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > ئۇنۋىرسال >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2016-09-30 16:53:38

 يېقىندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئەيدىز بىمارلىرىمىز بىزدىن ‹بىز بالىلىق بولساق بولامدۇ؟› دېگەن سوئاللارنى قويماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ماقالەمنى يېزىپ چىقىپ كۆپچىلىككە سۇنۇشنى قارار قىلدىم، ھەمدە بۇ ماقالەمنىڭ كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىدىكى سوئالغا جاۋاب تاپالىشىغا ياردىمى بولۇشىنى ئۇمىد قىلىمەن!

   ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىدىن چىققاندىن كېيىن ئاسان ئۆلۈپ قالىدىغان، سىرتقى مۇھىتقا بولغان قارشىلىق كۈچى ناھايىتى تۆۋەن، تارقىلىشچانلىقى ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىدىنمۇ تۆۋەن ۋىرۇس ئىكەنلىكى كۆپچىلىككە مەلۇم. ھازىر دۇنيا بويىچە ‹داۋالىنىش-ئالدىنى ئېلىش› دېگەن يېڭى ئۇقۇم ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، تەكشۈرۈپ بايقالغان ئەيدىز بىمارىنى دەرھال داۋالاشقا كىرگۈزۈپ، بۇ ۋېرۇسقا قارشى داۋالاش بىلەن تەمىنلەشتە دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەر قاتارىغا تىزىلماقتا.
شۇنداق، بۇ مەيلى بىمارنىڭ ئىممۇنت ئەھۋالى ياكى CD4 ھۈجەيرىسى قانچە بولۇشتىن قەتئىينەزەر دەرھال ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى بالىلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى ياندۇردى.
   نۆۋەتتە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ھېچقانداق ۋاكسىنا ئوكۇللىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا يۇقۇملىنىش خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپىنى ئەيدىزنىڭ يۇقىشىدىن قوغداپ قېلىش ئەڭ تەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەيدىز كېسىلى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئادەملەرگە ھەر جەھەتتىن بېسىم ئېلىپ كېلىپ، باشقىلارنىڭ چەتكە قېقىشىغا، تۇرمۇش بېسىمىغا ئۇچرىدى. بولۇپمۇ بالا ئېلىش مەزگىلىدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ پەرزەنتلىك بولۇشىدەك ئادەتتىكى ئادەملەر ئاسانلا ئېرىشەلەيدىغان ئىشلاردىن بەھرىمان بولۇش تەس ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. ئۇلار بۇ كېسىلىنىڭ بالىغا يۇقۇپ ئەمدىلا دۇنياغا كەلگەن نارىسىدە بالىسىنىڭ ئەيدىز ئاغرىقىنىڭ ئازابىنى تارتىشىدىن ئەنسىرەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنتلىك بولۇپ، تۇرمۇشىنىڭ لەززىتىنى سۈرۈشتىن مەھرۇم قالدى. ئۇنداقتا بۈگۈنكى كۈندە ئەيدىز بىمارلىرى پەرزەنتلىك بولۇشقا بولامدۇ، ساغلام پەرزەنتلىك بولۇش ئۈچۈن قانداق تەييارلىق قىلىش كېرەك دىگەن سوئالغا ھازىرقى دۇنيا بويىچە ئىلغار تېببى تەتقىقات ئۇچۇرلىرىدىن پايدىلىنىپ بۇ ماقالىمىزدە جاۋاب بېرىمىز.
بىرىنچى، ھامىلدار بولۇشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق باسقۇچى:
1. ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى بولغان ئەھۋالدا:
ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ھامىلدار بولۇشتىن بۇرۇن ئىككى تەرەپ ۋىرۇسقا قارشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى(HAART)ياكى بىز ئالدىدا دەپ ئۆتكەن بايقالغان ۋاقىتتا دەرھال داۋالىنىش كېرەك. ئادەتتە بۇ داۋالاش ئۇسۇلىدا ئۈنۈملىك 3 ئاي داۋالانغاندىن كېيىن بەدەندىكى ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈپ چىقالمايدىغان ھالەتكە كەلگەن چاغدا ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز-ئارا يۇقتۇرۇش نىسبىتى يوققا باراۋەر بولىدۇ. مانا مۇشۇ ۋاقىتتا ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ قان پلازمىسىنى(HIVRNA) تەكشۈرتۈپ بەدەندىكى ۋىرۇس سانى نۈل ھالەتكە يەتكەن ۋاقىتتا باشقا ساغلاملىق تەكشۈرۈش تۈرلىرىدە مەسىلە بولمىسا خاتىرجەم پەرزەنتلىك بولۇشىغا بۇلىدۇ.
2. ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ بىرسى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى بولغان ئەھۋالدا:
ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانمىغان تەرەپنىڭ ئائىلە ھەم مۇھەببەت ئۈچۈن بەرگەن چوڭ بەدىلى ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ. ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ بىرسى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى بۇلغانلىقى ئۈچۈن ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشىدا چوقۇم بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى (گاندون) ئىشلەتكەن ئەھۋالدا، قەرەللىك ساغلاملىق تەكشۈرتۈشى كېرەك، ھەم ئايال تەرەپنىڭ تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىش ۋاقتىنى ھېسابلاش ئارقىلىق ئىككى تەرەپ پەرزەنتلىك بولۇش پىلانىنى تۈزۈش لازىم. پەرزەنتلىك بولۇش پىلانىنىڭ نەق جەريانى تۆۋەندىكىدەك:
   ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى تەرەپ ئۈچ خىل دورىدىن تەركىب تاپقان ۋىرۇسقا قارشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى( HAART) ئارقىلىق ئەڭ ئاز بولغاندا 3 ئايدىن يۇقىرى داۋالاش ئېلىپ بېرىپ ھەم قان پلازمىسى، مەنىي سۇيۇقلىقى ياكى جىنسىي يول ئاجراتمىسىنى تەكشۈرتۈش ھەم تەكشۈرتۈش نەتىجىسى مەنفىي بولۇش كېرەك. ئاندىن ئايال تەرەپنىڭ تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىش مەزگىلىدە باشقا جىنسىي كېسەللەر بولمىغان ھەم ھەر ئىككى تەرەپنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا جاراھەت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، يۇقۇملانمىغان تەرەپ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن 3 كۈن بۇرۇن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شۇفاتەي (舒发泰) ماركىلىق تېنوفوۋىر+ئېمترىستابىن ( 替诺福韦+恩去他滨) دورىسىنى كالېترا (克立芝) دورىسى بىلەن قوشۇپ جىنىسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن (ئايال تەرەپنىڭ تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىش مەزگىلىدە كۆپ قېتىم جىنىسي مۇناسىۋەتتە بولسا، ئەڭ ئاخىرقى قېتىمدىكى كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ) 28-كۈنىگىچە ۋاقتىدا ئىچىشى كېرەك. ھەمدە ئەر تەرەپنىڭ مەنىي سۇيۇقلۇقى چىقىشتىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا بىخەتەرلىك قاپچۇقى (گاندون) ئىشلىتىپ، ئەيدىزنىڭ يۇقۇپ قېلىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش لازىم. بۇنىڭدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى دوستلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ‹بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق قانچىلىك دەرىجىدە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟› دېگەن سوئالدا بولۇشى مۇمكىن.
   تۆۋەندە ئەڭ يېڭى تەتقىقات ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، شۇفاتەي (舒发泰) ماركىلىق تېنوفوۋىر+ئېمترىستابىن ( 替诺福韦+恩去他滨)دورىسى ئارقىلىق دۇنيادا نەچچە قېتىم ئۈچ مەزگىللىك سېلىشتۇرما تەجىرىبە ئېلىپ باردى. تۈرلۈك تەجرىبىلەرنىڭ دوكلاتىدا نەتىجىسى تامامەن ئوخشاش چىققان. بىرىنچى قېتىمدا ئوخشاش جىنسلىقلار ئارىسىدا شۇفاتەي (舒发泰) ماركىلىق دورىنى ئىشلەتكەنلەرنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى %44 چۈشۈرگەن، ئەگەر دورىنى ۋاقتىدا ئىستىمال قىلسا يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى %92 كىچە چۈرشۈرگىلى بولىدىكەن. ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ بىرسى يۇقۇملانغۇچىلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىدە پەقەتلا تېنوفوۋىر (替诺福韦)نى ئىستىمال قىلىش ھەم تېنوفوۋىر+ئېمترىستابىن ( 替诺福韦+恩去他滨) نى بىرلەشتۈرۈپ قوللانغاندا يەككە يۇقۇملىنىش پىرسەنتىنى %67تىن %75 كىچە چۈشۈرگەن. يەنە بىر ئەر ئوخشاش جىنسلىق مۇھەببەتلەشكۈچىلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىدە تېنوفوۋىر+ئېمترىستابىن ( 替诺福韦+恩去他滨) يۇقۇملىنىشنى %68 چۈشۈرگىلى بولىدىكەن. ئافرىقا ئاياللىرىغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقاتلىرىدا دورىنى توغرا ئىشلىتىش ئەھۋالىغا قارىتا، ۋاقتىدا توغرا دورىنى ئىستىمال قىلىش نىسپىتى %30 گىمۇ يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەجرىبىسىنىڭ ئېنىق ئەھۋالىنى كۆزەتكىلى بولمىغان. ھازىرقى مېدىتسىنا سان مەلۇماتىغا ئاساسەن بۇ ئۈچ خىل دورا قۇرۇلمىسىنىڭ يۇقۇشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش نىسپىتى توغرىلىق تەتقىقات نەتىجە مەلۇماتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن قانچىلىك دەرىجىدە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى توغرىلىق ئېنىق مەلۇمات يوق. لېكىن يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلاردا يېتىشمەسلىك ئەھۋالى بار: 

1. نەق كۆزىتىىلگەن تەتقىقات ئوبېيكتى (ياكى ساغلام تەرەپ) نىڭ جىنسىي ھەمرايىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس، كۆپ جىنسىي ھەمراھ (يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن) ۋىرۇسقا قارشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى ئۈچۈن يۇقۇمچانلىقى يۇقىرى.

 2. دورا بىلەن تەمىنلەنگەن داۋالاش ۋاقتى قىسقا، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن 1 كۈن بۇرۇن دورا ئىچكۈزۈپ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن كۈنى ھەم ئەتىسى دورا ئىچكۈزۈپ پەقەتلا ئۈچ كۈن دورا ئىستىمال قىلىپ، داۋالاش ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى تۆۋەن. 

3. پەقەت بىر تۈرلۈك دورا ياكى ئىككى خىل دورا قورۇلىمىسىنى قوللانغان. يۇقىرىقى تۈرلۈك ئەھۋاللارنى ئانالىز قىلغاندا، ھازىرقى سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق، يۇقارقى تېنوفوۋىر+ئېمترىستابىن+ كالېتردىن ئىبارەت ئۇچ تۈرلۈك دورا قۇرالمىسىنى ئىستىمال قىلىش ۋاقتى ئۇزۇن (28كۈن) بولغاندا، خەلقئارادىكى ئورتاق يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، يۇقۇملانغۇچى تەرەپنىڭ مەنىي سۇيۇقلۇقى ياكى جىنسىي يول ئاجراتمىسىدىن HIVRNA تەكشۈرۈپ چىقالمىغان ئەھۋال ئاستىدا نەزىرىيە جەھەتتىن ساغلام تەرەپنىڭ ئەيدىزنى يۇقتۇرۇۋېلىش مۇمكىنچىلىكى بەك تۆۋەن. مۇشۇ ئارقىلىق ساغلام تەرەپنى ئەڭ يۇقىرىقى چەكتە يۇقۇملىنىشتىن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
   ئىككىنچى، تۇغۇتلىق مەزگىلدە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر:
ئەگەر ساغلام تۈردە ھامىلدار بولغان ئەھۋالدا قەرەللىك تۇغۇت ساغلاملىقىنى تەكشۈرتۈش لازىم. يۇقۇملانمىغان تەرەپنىڭمۇ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ساغلام ھامىلدار ئاياللار بىلەن ئوخشاش ساغلاملىق تەكشۈرۈتۈشى كېرەك. ئەگەر ھامىلدار ئايال يۇقۇملانغۇچى بولسا ھامىلدار مەزگىلدە HAART ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دورىسىنى ئىستىمال قىلىشتىن سىرت، يەنە ھامىلدار ئايالنىڭ ساغلاملىق تەكشۈرتىشىگە بەك دىققەت قىلىپ، قورساقتىكى بالىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئارقىلىق بالىنىڭ بىنورمال ئەھۋالىغا قارىتا ۋاقتىدا ئامال قوللىنىش كېرەك. ھازىرقى شارائىتتا ھەر قايسى شەھەرلەردە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلدار ئاياللارغا مەخسۇس داۋالاش ئېلىپ بارىدىغان مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىل تاپقان نۇقتىلىق دوختۇرخانىلار بار. نەق ئەھۋالنى يەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىن ئۇقۇشۇشقا بولىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىلىق داۋالاش كۆرسەتمىسىنىڭ 3-قېتىملىق نۇسخىسىدا دۆلىتىمىزدە ‹بالدۇر داۋالىنىپ، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دورىلىرى ئارقىلىق بىخەتەر تۇغدۇرۇش ھەم تۇغۇتتىن كېيىن بالىنى توغرا ئوزۇقلاندۇرۇش قوللانمىسىنى› تەۋسىيە قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلدار ئايال بالدۇرلا يەڭگىيدىغان دوختۇرخانىنى بېكىتىپ، دوختۇرخانىدا يەڭگىش لازىم. تۇغۇلغان بالىغا دەرھال (6-12سائات ئىچىدە) ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دورىسىنى بېرىپ، 4-6 ھەپتىگىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ئادەتتە بالىلارغا AZT(齐多夫定)或NVP(奈韦拉平) دورىسىنى ئىشلىتىدۇ. ھامىلدار مەزگىلدە ۋېرۇسقا قارشى داۋالاش ۋاقتى 4 ھەپتىگە يەتمىگەن ھامىلدار ئايال ياكى يەڭگىگەندىن كېيىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان تۇغۇتلىق ئاياللارنىڭ بالىسىغا ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ۋاقتىنى 6-12 ھەپتىگىچە ئۇزارتىش لازىم. بىخەتەر تۇغۇت جەريانىدا جىنسىي يولنى يانچە كېسىش، سۈنئىي ئۇسۇلدا باش سۈيىنى يېرىش، ياردەملىك تۇغۇت جەريانى، بالياتقۇ ئىچىدە ھامىلىنىڭ باش تېرىسىنى تېشىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق زەخىملىنىش خارەكتىرلىك مەشغۇلاتلاردىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك! تۇغۇلغان بالىغا ئانا سۈتىنى ئىمىتىش ياكى ئانا سۈتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بېقىشقا بولمايدۇ. چوقۇم، سۈت پاراشوكى ئارقىلىق بېقىپ، بالىنىڭ ساغلاملىقىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ، بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كۈزىتىش، يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ھەم ئوزۇقلىق يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ۋاكسىنا ئەملىنىش ئەھۋالىغا دېققەت قىلىش لازىم.
ئاخىرىدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان دوستلارنىڭ ساغلام پەرزەنتلىك بولۇپ ھاياتلىقنىڭ لەززىتىنى سۈرۈشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!

 



تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • قىزلار يىگىتلىرى ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە بولمايدىغان ئىشلار
  • دىئابېت بىمارلىرى مېۋە يېسە بولامدۇ؟
  • قېرىش ھەققىدىكى يېڭى نەزەرىيە
  • قانداق كېسەللەر جۇڭگو تېبابىتىدە داۋالانسا بولىدۇ؟
  • بېسىم كۆپ مۇھىتتا ياشىغان ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇش نىسبىتى %40 تۆۋەنلەپ كېتىدۇ
  • ئاياللار تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، يۈزىگە سەپكۈن چۈشىدۇ
  • جىنىسىي ئىقتىدار بىلەن يۈرەكنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
  • ئەركەكلىكنىڭ بەش خىل ئىپادىسى
  • ئاياللار تۇغۇتلۇق ۋاقتىدا، ئەرلەرنىڭ دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقى
  • شوخ كىشىلەر تېخىمۇ جەلپكار بولىدۇ
  • قەھۋەنى قانچىلىك ئىچكەندە ئۈنۈمى بولىدۇ؟ بۇنى گېن بەلگىلەيدۇ
  • ئەرلەرگە ياقىدىغان يېمەكلىكلەر
  • ئاياللار پىسخكىسىنى تەڭشەشتە...
  • ھەيز مەزگىلىدە باش يۇيۇشقا بولامدۇ؟
  • بىزدىكى يېڭى خۇراپات-ساغلاملىق مەھسۇلاتىغا قارىغۇلارچە ئىشىنىش
  • سېمىز ئادەم ئورۇقلىسا، مەستلىكى ئاسان يېشىلىدۇ
  • ئاياللار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنىڭ ئالتە چوڭ سەۋەبى
  • تېرىدىكى سېرىقلىقنى يوقىتاي دېسىڭىز...
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار پەرزەنتلىك بولۇشقا بولامدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار ئۇخلاشتىن بۇرۇن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نېمە ئۈچۈن ھاراق ئىچكەندە ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئېرىنىڭ كۆپرەك پۇل تېپىشىنى ئۈمىد قىلىشتا, مەدەت بېرىشنىڭ ئۈنۈمى قاقشاشتىن ياخشى بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • خوتۇنىدىن قورقىدىغان ئەرلەرنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • مۇبارەك بولسۇن دوستۇم، سىز ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قاپسىز!

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قىزلار يىگىتلىرى ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە بولمايدىغان ئىشلار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • 30 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن قايسى تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ تۇرۇش كېرەك؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئېلېكتىرونلۇق تاماكىمۇ ئوخشاشلا يۈرەككە زىيان سالىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قانداق قىلغاندا ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئاسرىغىلى بولىدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • دىئابېت بىمارلىرى مېۋە يېسە بولامدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قېرىش ھەققىدىكى يېڭى نەزەرىيە

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قانداق كېسەللەر جۇڭگو تېبابىتىدە داۋالانسا بولىدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بېسىم كۆپ مۇھىتتا ياشىغان ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇش نىسبىتى %40 تۆۋەنلەپ كېتىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • [بىلگەجان] -كىيانى قاتارلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ھەققىدە خاتا قاراشلار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننى جاۋابكار قىلىدىغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىشى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادا قايسى ماركىدىكى ئاپتوموبىل ماتورىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەسى پات- پات يۈز بېرىدىغان 10 چوڭ شەھەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • رۇسىيە بۇرۇنلا ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا كاشىلا قىلىش قىلمىشىدا بولغان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى ئەڭ غەلىتە توي قىلىش ئادەتلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر دۆلەت بايرىمىنى قانداق تەبرىكلەيدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دوختۇرخانا بەلگىلىمە چىقىرىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ iPhone7 ۋە iPhone7 Plus سېتىۋېلىشىنى چەكلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكا دۇنيادىكى 2016-يىللىق ئەڭ قالتىس ئون چوڭ SUV تىزىملىكىنى باھالاپ چىقتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئالدىن %20 پۇل تۆلەپ ماشىنا سېتىۋالغىڭىز بارمۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015